大数跨境

پۇلدارلارنىڭ ئىلكىدىكى قىممەت نەرسىلەرگە نەزەر

پۇلدارلارنىڭ ئىلكىدىكى قىممەت نەرسىلەرگە نەزەر dastur
2019-06-19
0



    






كىرىمنىي جىلغىسىدىكى ئەڭ قىممەت ئۆي

يۇمشاق دېتال بانكىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، ياپونىيەلىك مېليادىر ماسايوشى سوننىڭ ئىلىكىدە كىرىمنىي جىلغىسىدىكى ئەڭ قىممەت ئۆي بار. ئۇ 117 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ كالىفورنىيە تاغ مەنزىرىسى يولىدىن كۆلىمى 36 مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان بىر يۈرۈش ئۆينى سېتىۋالغان.


شياڭگاڭدىكى ئەڭ قىممەت ئۆي

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىلگىرى ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان سېتىۋالغۇچى 191 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ شياڭگاڭدىكى ئەڭ قىممەت كوچىدىكى بۇ تۇرالغۇنى سېتىۋالغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ ئاسىيادىكى ئەڭ قىممەت تۇرالغۇلار مۇشۇ يەردە بولۇپ، بۇ تۇرالغۇ ئەلى بابانىڭ قۇرغۇچىسى ما يۈننىڭ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.




60 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆي

ئېدۇۋاردو ساۋېرىن Facebookنىڭ ئەڭ داۋراڭسىز بىرلەشمۇ قۇرغۇچىسى، 2014-يىلى، ئۇ 60 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ سىنگاپوردىكى بىر ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆينى سېتىۋالغان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ سىنگاپوردىكى ئەڭ قىممەت ئۆينىڭ بىرى ھېسابلانغان.



دەرىجىدىن تاشقىرى ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ

ھىندىستاندىكى بىرىنچى باي مۇكەش ئامبانىنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسى ئانتىللاغا بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنغان بولۇپ، بۇ 27 قەۋەتلىك ئىمارەتنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 37 مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئاشىدىكەن، ئۈچ تىك ئۇچار ئايروپىلان توختىتىش ئورنى، بىر تانسىخانا، ئالتە يەر ئاستى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى، توققۇز لېفىت بار ئىكەن.



来源:nur tori











新疆代斯图尔国际贸易有限公司




【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读0
粉丝0
内容662