大数跨境

جىگىرىڭىزدىن چاتاق چىققانلىقىنڭ 4خىل ئىپادىسى ۋى ياخشىلاش ئۇسۇلى

جىگىرىڭىزدىن چاتاق چىققانلىقىنڭ 4خىل ئىپادىسى ۋى ياخشىلاش ئۇسۇلى dastur
2020-03-13
2
导读:جىگەر پۈتۈن بەدەننى تەڭشەش ماشىنىسى بولۇپ، قاننى راۋان



جىگەر پۈتۈن بەدەننى تەڭشەش ماشىنىسى بولۇپ، قاننى راۋانلاشتۇرۇپ، ئەزا ۋە قان-تومۇرلارنى توسالغۇسىز ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. ئەگەر جىگەردىن مەسىلە كۆرۈلسە،  جىگەر كېسەللىك بىمارلىرىنى چىرايىدا تارتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

 جىگەر كېسەللىك بىمارىنىنىڭ چىرايى تارتىش كۆپىنچە تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىپ، قارىداپ، ئۆچۈشىدە ئىپادىلەنسە، قىسمەن كىشىلەرنىڭ يۈز قىسمى ھەمدە كۆزگە چېلىقىدىغان قىسىملىرىنىڭ تېرىسىدىكى پېگمىنىتلار يىغىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ كۆز ئەتراپى پېگمىنىتلىرىدا بۇ ئەھۋال كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى ۋە جىگەر قېتىشىش بىمارلىرىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇ جىگەر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىلاردا دائىم ئۇچرايدىغان ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى كېسەللىك ئالامىتىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.   

1. جىگەردە مەسىلە بولسا چىراي قارىدايدۇ

جىگەر كېسەللىك بىمارىنىڭ چىرايى تارتىشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا يۈز قىسمىنىڭ رەڭگى بارغانسېرى ئۆچۈپ، چىرايى قارىداپ، ئېلاستىكىلىقى ناچارلاپ، تېرە قۇرغاق، يىرىك بولۇپ، ھەتتا چىرايى بارغانسېرى سارغىيىپ كېتىشنى كۆرسىتىدۇ. بەزى بىمارلارنىڭ يۈز ۋە بۇرۇن قىسمىدىكى ئىنچىكە قىل قان تومۇرلار كېڭىيىپ، تالا تورلىرىغا ئوخشاپ قالىدۇ.  

2. جىگەردە مەسىلە بولسا، كۆز ئەتراپى قارىدايدۇ

بەزى بىمارلارنىڭ كۆز ئەتراپىنىڭ خۇنۇكلىشىشى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، «مۈشۈكئېيىق كۆز»گە ئوخشاپ قالىدۇ.  

3. جىگەردە مەسىلە بولسا تىرناقتا قارا داغ پەيدا بولىدۇ

ساغلام كىشىلەرنىڭ تىرنىقىدا قاننىڭ يەتكۈزۈلۈشى يېتەرلىك بولغاچقا، تىرنىقى ھال رەڭدە بولۇپ، سىرتقى يۈزى سىلىق ھەم پارقىراق، نېپىز-قېلىنلىقى مۇۋاپىق بولۇپ، توغرا ياكى تىك سىزىقلار، داغلار بولمايدۇ. تىرناقتا قارا داغ پەيدا بولسا، قان ئايلىنىشتا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۆسمە، گانگرېنا بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ۋاقتىدا تەكشۈرتۈش كېرەك. 

4. جىگەردە مەسىلە بولسا كالپۇك رەڭگى قارامتۇل بىنەپشە رەڭدە بولىدۇ

ئىچكى ئەزالىرىنىڭ قان ئايلىنىشى نورمال كىشىلەرنىڭ كالپۇك رەڭگى سۇس ھال رەڭدە بولۇپ، پارقىراپ تۇرىدۇ. ھالبۇكى جىگىرىدە يەل تۇرۇپ قالسا، قان ئايلىنىش راۋان بولمىسا كالپۇك رەڭگى كۆكىرىپ قالىدۇ. كالپۇك رەڭگىنىڭ قارامتۇل بىنەپشە رەڭدە بولۇشى جىگەردە قان ئۇيۇپ قالغانلىقنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، ئەگەر ئاياللاردا بۇ ئەھۋال كۆرۈلسە، ھەيزنىڭ نورمالسىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى قان ئايلىنىش راۋان بولمىسا، ئاسانلا ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەيز توختاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

جىگەر قۇۋەتلەشتىكى تۆت ئەڭگۈشتەر نېمە يېسە جىگەرنى قۇۋەتلەيدۇ؟

1. ئاپېلىسىن

تەركىبىدە مول ۋىتامىنC بولۇپ، جىگەردىكى زەھەرنى ھەيدەشكە ياردىمى بار. بىراق كۆپ ئېستىمال قىلىشقا بولمايدۇ، ئەگەر كۆپ ئېستىمال قىلىنسا ئاسانلا ئىسسىقىنى ئاشۇرىدۇ، ئاچ قورساق يېسە ئاشقازاننى زەخمىلەيدۇ.  

2. بۆلجۈرگەن

جىگىرىنى ئىسسىق قاپلىغۇچىلارغا نىسبەتەن، بۆلجۈرگەن جىگەرنى قۇۋەتلەيدۇ ھەم ئىسسىقنى ئالىدۇ. جۇڭيى تېبابىتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۆلجۈرگەننىڭ تەبىئىيتى سوغۇق، تەمى چۈچۈمەلگە مايىل بولۇپ، جىگەرنى ئاسرايدۇ. قىزىل رەڭ يۈرەككە تۇتاش دېگەندەك، يۈرەكتىكى ئىسىقنىمۇ ئالىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، بۆلجۈرگەن تىپىك مۇراببا مېۋىسى بولۇپ، تەركىبىدە مول ۋىتامىنCبار، بۇنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە ياردىمى بولۇپ، ھۈجەيرىلەر ئوزۇقلىنىدۇ. تەبىئىي ياللۇغ قايتۇرۇش تەركىبى مول بولۇپ، ئەركىن رادىكالنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سانىنى ئازايتىپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى جانلاندۇرۇپ، سەگەكلەشتۈرىدۇ.

3. نەشپۈت

نەشپۈتنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى مول بولۇپ، جىگەرنى ئاسراپ، ھەزىمگە ياردەملىشىدۇ. شۇڭا جىگەر ياللۇغى ۋە جىگەر قېتىشىش بىمارلىرىغا ياردەمچى داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ. 

4. شوخلا

تەركىبىدە مول ۋىتامىنC ۋە لىكوپىن بار. جىگەر ئىقتىدارى نورمالسىز كىشىلەر دائىم شوخلا، ئۆردەك تۇخۇمى شورپىسى ئىچىپ بەرگەندە، مۇئەننەسلىكنى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمى بار. بۇنى جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى كۈندىلىك يېمەكلىك ئورنىدا ئېستىمال قىلسا بولىدۇ. 

ئۇيغۇر ساغلاملىق سالونىدىن سەمىمىي ئەسكەرتىش: 

مۇنتىزىم لاياقەتلىك ساقلىقنى ساقلاش دورىلىرىنىڭ ئېمۇنېتىت كۈچىنى ئۆستۈرۈشتە بەلگىلىك ئۈنۈمى بار. بىراق بۇنى كېسەل داۋالاشنىڭ مەقسىتى قىلمىغاندا، داۋالاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولمايدۇ. جىگەر كېسەللىكى دەپ دىياگنوز قويۇلغان ھامان، ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ، جىگەر كېسەللىكىنىڭ جىگەر راكىغا ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 

































【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662