大数跨境

كۈندە كاۋا ئۇرۇقى چېقىپ 1 ئايدىن كېيىن كۆرۈلگەن ئاجايىپ ئۈنۈم!

كۈندە كاۋا ئۇرۇقى چېقىپ 1 ئايدىن كېيىن كۆرۈلگەن ئاجايىپ ئۈنۈم! dastur
2019-03-19
1
导读:ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھكۈندە كاۋا ئۇرۇقى چېقىپ 1 ئا







ساغلاملىق يىتەكچسى dastur سالونى

新疆代斯图尔国际贸易有限公司

 تىبابەتلەر سالونى مەزمۇن

كۈندە كاۋا ئۇرۇقى چېقىپ 1 ئايدىن كېيىن كۆرۈلگەن ئاجايىپ ئۈنۈم!

كاۋا ئۇرۇقىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل. مەددە چۈشۈرۈش، سۈت كۆپەيتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، سۈيدۈك راۋاجلاندۇرۇش رولى بار.

كاۋا ئۇرۇقىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى:

كاۋا ئۇرۇقى تەركىبىدە ۋىتامىن B، پانتوتېنىك كىسلاتا، ماگىنىي، سىنىك قاتارلىقلار بار.

كاۋا ئۇرۇقىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى پارازىتقۇرۇتلارنى ئۆلتۈرۈش رولى ناھايىتتى ياخشى، قان شورىغۇچى قۇرۇتنىڭ لىچىنكىسىنى ئۆلتۈرۈش رولىمۇ ناھايىتتى ياخشى بولۇپ، قان شورىغۇچى قۇرۇت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئالدىن تاللايدىغان يېمەكلىكىدۇر.

كاۋا ئۇرۇقى ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ، بەدەننىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، كۆپ يەپ بەرگەندە سۆڭەكنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

كاۋا ئۇرۇقى مەزى بېزى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ. يەنە ھەرىكەتسىز يۈرەك سانجىقىنى پەسەيتىدۇ ھەمدە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار.

قۇرۇت ئۆلتۈرۈش تەسىرى: كاۋا ئۇرۇقىنىڭ ئىسپرت بىلەن ئېلىنغان سۇيۇقلۇقى قۇرت ئۆلتۈرۈش تەسىرىگە ئىگە.

كاۋا ئۇرۇقى ياسالمىسىدىن ھەر گىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقى ئۈچۈن 2~10 گرامنى كىچىك چاشقاننىڭ ئاشقازىنىغا كىرگۈزۈلسە زەھەرلىمەيدۇ، لېكىن تۆت گرام ئىستىمال قىلسا، جىگەر، ئۆپكە، بۆرەك قاتارلىق ئورگانلىرىنى ۋاقتىنچە بۇزۇپ، جىگەردىكى قەنتنى ئازايتىۋېتىدۇ.


كاۋا ئۇرۇقىنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى ئىنتايىن مول، ئەرلەر ياكى ئاياللار بولسۇن خام يەپ بەرسە سالامەتلىكىگە ئىنتايىن پايدىلىق. ناۋادا داۋاملىق كاۋا ئۇرۇقى يەپ بەرگەندە تۆۋەندىكىدەك ئون خىل شىپالىق رولغا ئېرىشكىلى بولىدۇ:

1. كاۋا ئۇرۇقىدىن 30 گرام ئېلىپ، مېغىزىنى ئايرىپ ئېلىپ، ئاچ قورساق يېسە، ئۈچەيدىكى مەددە قۇرۇتنى چۈشۈرىدۇ.

2. كاۋا ئۇرۇقىنى سوقۇپ تالقانلاپ، شېكەر بىلەن قوشۇپ يېسە، يۆتەل پەسەيتىدۇ، ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

3. كاۋا ئۇرۇقىدىن 12 گرامنى سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر قوشۇق، ئاچ قورساق ئەتتىگەن ۋە كەچتە بىر قېتىمدىن ئۇدا 3~5 كۈن يېسە، سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ، ئىششىق ياندۇرىدۇ.

4. كاۋا ئېشى ئېتىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلسا يۆتەل پەسەيتىدۇ، بەلغەم بوشىتىدۇ.

5. كاۋا ئۇرۇقى ئەرلەرنىڭ ئېسىل يىمەكلىكى، چۈنكى ئۇنىڭدا بار ماددىلار تۈرلۈك مەزى بېزى كېسەللىكىگە شىپا بولىدۇ. ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ:« كۈندە 50 گرام كاۋا ئۇرۇقى چېقىپ بەرسە، مەزى بېزى كېسەللىكلىرى، ھەتتا مەزى بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالغىلى بولىدۇ.»

كاۋا ئۇرۇقى تەركىبىدە سىنىك مول بولۇپ، ئۇ ئەرلەردىكى مەزى بېزى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ياخشىلاشتا ناھايىتتى ياخشى دورىلىق قىممەتكە ئىگە. كاۋا ئۇرۇقىغا ئامراق ئەرلەر مەزى بېزى كېسەللىكلىرىگە ئاز گىرىپتار بولىدۇ. كاۋا ئۇرۇقى يەنە ئەرلەرنىڭ بالدۇر ئىسپىرما كېتىش، سۈيدۈك كۆپ كېلىش ۋە مەزى بېزى يوغىناپ كېتىش كېسەللىكىگە شىپا بولىدۇ.

كاۋا ئۇرۇقىنىڭ مىكروبسىز مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى يۇقىرى، ئۇدا ئۈچ كۈن 50 گرام ئەتراپىدا پىششىق ياكى خام كاۋا ئۇرۇقىنى يېگەندە دوۋساق ئاغرىش، سۈيدۈك كۆپ كېلىش، سىيىش قىيىن بولۇش كېسەللىكلىرىنى يەڭگىللىتىدۇ. مەزى بېزى ياللۇغى ھورمۇنى ئىقتىدارىنى ئاجرىتىشتا ياغ كىسلاتاسىغا تايىنىدۇ، كاۋا ئۇرۇقىدا ياغ كىسلاتاسى كۆپ بولغاچقا، مەزى بېزىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشى ساقلايدۇ. ئامېرىكىنىڭ يېققىنقى تەتقىقاتىدا، ھەركۈنى بىر سىقىم كاۋا ئۇرۇقى يېيىشنى ئۈزمەي داۋاملاشتۇسا، مەزى بېزى يوغىناپ كېتىشنى ساقايتىدۇ دىيىلگەن. كاۋا ئۇرۇقى 1- باسقۇچتىكى كېسەللىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، 2-باسقۇچلۇق كېسەللىكنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ مەزى بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.


6. مۇتەخخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دەيدۇ:« كاۋا ئۇرۇقىدا پانتوتېنىك كىسلاتا ئىنتايىن مول، پانتوتېنىك كىسلاتا تىنىچلاندۇرۇپ يۈرەك سانجىقىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىدۇ، يەنە قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش رولىمۇ بار. بىراق بىر قېتىمدا بىراقلا كۆپ يەۋېلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى بەك چەكتىن ئېشىپ كەتسە باش قايىدىغان بولۇپ قالىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم كېسلى بارلارنىڭ يېيىشىگە بەك ماس كېلىدۇ، ئەمما ئاشقازىنىدا ئىسسىق بارلارغا ياقمايدۇ، يەنى ئۇلاردا قورساق كۆپۈش كۆڭۈل ئېلىشىشنى پەيدا قىلىدۇ.»

7. پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىش ۋە چىش مىلىكى يىگىلەشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

كاۋا ئۇرۇقى تەركىبىدە كالىي مول بولغاچقا پۇت مۇسكۇلىنى سوزۇشقا ياردەم بېرىدۇ، پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كاۋا ئۇرۇقى مېغىزىنىڭ تەركىبىدە چىش مىلكى ۋە چىش ئوقۇرى سۆڭىكىگە پايدىلىق ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن فوسفور، كاروتېن ۋە ۋىتامىن Eبار. ھەر 100 گرام كاۋا ئۇرۇقى تەركىبىدە 1159 مىللىگرام فوسفور بار، ياشانغانلارنىڭ ئوقۇر سۆڭىكىنڭ يىگىلىشى فوسفورنىڭ ئېقىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ كاروتېن ۋە ۋىتامىن E بۇ ئىككى خىل ماددا بىۋاستە چىش مىلىكىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، چىش مىلىكى يىگىلەشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

8. ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاپ، ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

كاۋا ئۇرۇقى تەركىبىدە ۋىتامىن B1، ۋىتامىن E ئىنتايىن مول، ئۇ كەيپىياتنى تۇرۇقلاشتۇرۇپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشىنى تىزگىنلەيدۇ ھەمدە قۇرامىغا يەتكەنلەر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاپ، ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ.

9. ئۆسۈپ يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇغۇش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ.

كاۋا ئۇرۇقى تەركىبىدىكى مول سىنىك ئادەم بەدىنىدىكى يادرو كىسلاتاسىغا قوشۇلۇپ، ئاقسىل بىلەن بىرىككەندە، كورتىكوتروپىن (بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ھورمۇنى)نىڭ خاس تەركىبىگە ئايلىنىدۇ، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇھىم ماددىلارنىڭ بىرى. تەركىبىدە سىنىك مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە، مەزى بېزىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە ئىسپېرما سانىنى ئاشۇرۇپ، ئەرلەرنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش ئىقتىدارىنى يوقۇرى كۆتۈرىدۇ.

10. چىراينى گۈزەللەشتۈرۈپ تېرىنى ئاسرايدۇ. كاۋا ئۇرۇقى تەركىبىدە ۋىتامىن E مول بولۇپ، ئۇ تېرىنىڭ قېرىشىنى تىزگىنلەپ، بوياق ماددىسىنىڭ چۆكۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تېرە رېئاكسىيەسى ياكى يۇقۇملىنىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان تېرە قۇرغاقلىشىش ۋە قىچىشىشتىن بولغان زەخمىلىنىشنى يوقىتىدۇ.

بىلۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: 

كاۋا ئۇرۇقىنى بىر قېتىمدا بەك كۆپ چاقماسلىق كېرەك، بەك كۆپ چاققاندا باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاشقازىنىنى ئىسسىق قاپلاپ كەتكەن كىشىلەر كاۋا ئۇرۇقىنى ئاز چېقىشى لازىم بولمىسا ئاشقازىنىنى چىڭقىلىدۇ.

تازىلىق شارائىتى ناچار رايونلاردا ياشايدىغانلار ھەمىشە كاۋا ئۇرۇقى چېقىپ پارازىت قۇرتلارنى يوقاتسا بولىدۇ. كاۋا ئۇرۇقى بولۇپمۇ ئەرلەرنىڭ چېقىشىغا بەك مۇۋاپىق كېلىدۇ.

كاۋا ئۇرۇقىنى خام پېتى چاقسىمۇ قورۇپ چاقسىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭ قۇرۇت ئۆلتۈرۈش ۋە مەزى بېزى كېسىلىنى داۋالاش رولى بار.

ئەسكەرتىش: قورساقنى ئېسىلدۇرىدۇ، زىرە ئارىلاشتۇرۇپ ئېستىمال قىلىش كېرەك.

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شۇ كىشىلىرىڭىزنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن بۇ مەزمۇننى ئەتراپىڭىزدىكىلەرگىمۇ يەتكۈزۈپ قويۇڭ!!!

سىزگە شۇنى سەمىمىي ئەسكەرتىدۇكى: 

ياخشى دورا چوقۇم قىممەت بولىشى ناتايىن، بەزى كۆزگە ئىلمىغان كىچىك رېتسىپلار جانغا بەك ئەسقېتىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىدىكىلىرىڭىزنىڭ، ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ساقلىق ساقلاش بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە، تارقىتىشقا ھەرۋاقىت ئەھمىيەت بېرىڭ! 


مەزمۇن ياكى مەزمۇندكى  سۈرەت نەشىر ھۇقۇقغا دەخلى تەرۈز قىلدى دەپ قارسىڭىز بىز بىلەن ئالاقلشىڭ مەزمۇننى ئۆچۈرمىز













【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读0
粉丝0
内容662