
نۇر تورى 24-دېكابىر تېلېگراممىسى: جۇڭگو يەر تەۋرەشنى
كۆزىتىش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىگە قارىغاندا، 24-دېكابىر ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 01:47:08 دە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى ئۈرۈمچى مىچۈەن رايونى ئەتراپىدا (شىمالىي كەڭلىك 43.8 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 87.8 گىرادۇس) 4.7 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلىقى 9 كىلومېتىر. قارا قىشتا تەۋرىگەن يەر ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىنى قاتتىق چۆچۈتتى. تۈن نىسبىدىكى شېرىن ئۇيقۇلار يەر تەۋرىگەن بۇ دەمدە ھەممىگە ھارام بولدى. قالدۇق يەر تەۋرەش ئەھۋالى كۆرۈلەرمۇ دەپ ئەنسىزلىككە چۆمگەنلەرمۇ بولۇشى مۇمكىن. بىز پەقەت ھەممەيلەننىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى تىلەيمىز! شۈكرى بىز ھايات، بىز ئەڭ تېز خەۋەرلەردىن سىزنى خەۋەردار قىلدۇق، سىز خەۋەر كۆرۈۋاتىسىز




