
خەلق پۇلى پېرۋوت نىسبىتى«پېرۋوت نىسبىتى» يەنە «پېرۋوت باھاسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، يەنى بىر دۆلەت پۇلىنى يەنە بىر دۆلەت پۇلىغا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى، بىر خىل پۇل كۆرسىتىدىغان يەنە بىر خىل پۇلنىڭ باھاسى. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت پۇلىنىڭ ئىسمى ئوخشىمىغانلىقتىن، پۇل قىممىتىمۇ بىردەك ئەمەس، شۇڭا بىر دۆلەت پۇلىنى باشقا دۆلەت پۇلىغا ئالماشتۇرۇشتا بىر خىل ئالماشتۇرۇش نىسبىتى بېكىتىلگەن، يەنى پېرۋوت نىسبىتى. خەلق پۇلى پېرۋوت نىسبىتى دەل خەلق پۇلىنى باشقا بىر دۆلەت پۇلىغا ئالماشتۇرىدىغان نىسبەت.

2015-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 1:00 دە فېد ئۆسۈم ئۆستۈردى، 18-دېكابىر نىيويورك بىرژىسىنىڭ كۆپ قىسىم سودا ۋاقىت بۆلىكىدە قارشى قىرغاق خەلق پۇلىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى 6.56-6.57 ئارىسىدا تۇردى، سەھەرلىك بازاردا 8-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ ئاجىز نۇقتا بىلەن ئۇچراشتى، گەرچە قارشى قىرغاق خەلق پۇلىنىڭ كاپىتال تەننەرخى قايتا ئۆسكەن بولسىمۇ، بازاردا دوللارنى سېتىۋېلىش قىزىقىشى يەنىلا چوڭ بولدى، قىرغاقتىكى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى پەيشەنبە كۈنى %0.16 چۈشۈپ 6.4837 يۈەن\\دوللارغىچە چۈشۈپ كەتتى، ئۇدا ئون كۈن چۈشۈپ، 2007-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇزۇن ئۇدا چۈشۈش رېكورتى ياراتتى. قارشى قىرغاقتىكى خەلق پۇلى كاپىتال تەننەرخى ئۆستى، تۈنەپ چىققان HIBOR ئۆسۈم نىسبىتى %5.026 كىچە ئۆسۈپ، بىر ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى.

خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۇدا ئون كۈن چۈشۈشى كىشلەرنى خەلق پۇلىنىڭ پېرۋوت نىسبىتىگە دىققەت قىلىشقا جەلىپ قىلدى. يېقىندىن بۇيان خەلق پۇلىدىن سىرت، قازاقىستان تەڭگىسى، ئارگېنتىنا پېسوسى، ئەزەربەيجان ماناتىنىڭ قىممىتى شىددەتلىك چۈشۈپ كەتتى، شۇ مۇناسىۋەتلەر بىلەن بىز كىشلەرگە خەلق پۇلى بىلەن دوللارنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىمىز. تارىختىكى خەلق پۇلىنىڭ ئاساسلىق چەتئەل پۇلىغا قارىتا يىللىق ئوتتۇرچە پېرۋوت نىسبىتى بولسا ئەينى يىللاردىكى دۆلەتلىك تاشقى پېرۋوتنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەمىنلىگەن كۈندىلىك پېرۋوت باھاسى ئاساسىدا ۋەزىنىنى قوشۇپ ئوتتۇرچىسىنى ھېسابلاپ ئېرىشكەن ئەينى يىلدىكى ئوتتۇرچە پېرۋوت باھاسى.

خەلق پۇلىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش تارىخى پېرۋوت نىسبىتى1949-يىلىدىن 1952-يىلىغىچە تۇراقسىز پېرۋوت نىسبىتى، 1953-1971-يىلىغىچە ھەممىسى 2.462.1972-يىلى 2.2451973-يىلى 1.9891974-يىلى 1.9611975-يىلى 1.8591976-يىلى 1.9411977-يىلى 1.8581978-يىلى 1.6841979-يىلى 1.5551980-يىلى 1.4981981-يىلى 1.7051982-يىلى 1.893 1983-يىلى 1.9761984-يىلى 2.3201985-يىلى 2.93661986-يىلى 3.45281987-يىلى 3.72211988-يىلى 3.72211989-يىلى 3.76511990-يىلى 4.78321991-يىلى 5.32331992-يىلى 5.51461993-يىلى 5.76201994-يىلى 8.61871995-يىلى 8.35101996-يىلى 8.31421997-يىلى 8.28981998-يىلى 8.27911999-يىلى 8.27832000-يىلى 8.27842001-يىلى 8.27702002-يىلى 8.27702003-يىلى 8.27702004-يىلى 8.27682005-يىلى 8.19172006-يىلى 7.97182007-يىلى 7.60402008-يىلى 6.94512009-يىلى 6.83102010-يىلى 6.76952011-يىلى 6.45882012-يىلى 6.31252013-يىلى 6.19322014-يىلى 6.24702015-يىلى 6.3493

خەلق پۇلنىڭ پېرۋوت نىسبىتى ئادەتتە كۆرسىتىدىغىنى خەلق پۇلىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش باھاسى، يەنى بىر يۈەن خەلق پۇلى ياكى 100 يۈەن خەلق پۇلىنى قانچىلىك دوللارغا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.خەلق پۇلىنىڭ پېرۋوت نىسبىتىنى 1994-يىلىدىن ئىلگىرى ئىزچىل دۆلەتلىك تاشقى پېرۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى بېكىتەتتى ھەمدە ئېلان قىلاتتى، 1994-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى خەلق پۇلىنىڭ پېرۋوت نىسبىتى بىر ئىزىغا چۈشكەندىن كېيىن، بازارنىڭ تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجىنى ئاساس قىلغان تاق تەرەپلىك، باشقۇرۇلىدىغان تۇراقسىز پېرۋوت نىسبىتى تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئالدىنقى كۈنى بانكا ئارىسىدىكى تاشقى پېرۋوت بازىرىدا شەكىللەنگەن باھاغا ئاساسەن خەلق پۇلىنى دوللار قاتارلىق ئاساسلىق پۇلغا ئالماشتۇرۇش پېرۋوت نىسبىتىنى ئېلان قىلدى، ھەرقايسى بانكىلار مۇشۇنى ئاساس قىلدى.2015-يىلى تۇنجى سودا كۈنى خەلق پۇلىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش ئارىلىق باھاسى 6.1248 ئىدى، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا بىر قانچە ھەپتىلا قالدى، نۆۋەتتىكى ئارىلىق باھا 6.48 چۈشۈپ كەتتى، بۇ بىر يىلدىن بۇيان خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى چۈشتى، ئەمما 1994-يىلى تۈزۈم ئۆزگەرتكەندىن بۇيان ئۇزۇن مەزگىلدىن قارىغاندا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئاشتى.
سىز خەلق پۇلىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش پېرۋوت نىسبىتىنىڭ قانچە ئىكەنلىكىنى بىلىشنى ئويلامسىز؟ شۈبھىسىزكى، بىز ھەممىمىز خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ ئاشقانلىقىنى بىلىمىز، ئەمما ئېشىش سۈرئىتى ۋە دائىرىسى زادى قانداق؟ تۆۋەندىكىسى خەلق پۇلىنىڭ پېرۋوت نىسبىتىنى ھېسابلاشتىكى مۇمكىن بولغان فازا:خەلق پۇلى پېرۋوت نىسبىتى ئۆزگىرىشى=ئامېرىكا مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى-جۇڭگو مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىخەلق پۇلى پېرۋوت نىسبىتى ئۆزگىرىشى= ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى-جۇڭگونىڭ ئۆسۈم نىسبىتىبۇ ئىككى تۈرلۈك فازىغا ئاساسەن، بىز بىر قىسىم ھېسابلاش قىلالايمىز.
1. ئاۋۋال مال باھاسىغا قارايلىئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنى ئادەتتە %2-%4 ئارىسىدا مۆلچەرلىسەك، جۇڭگونىڭ پۇل پاخاللىقى %1 بولسا، ئۇنداقتا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ ئېشىش ئېھتىماللىقى يەنىلا پەقەت %3 بولىدۇ. بۇنى شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر ئاستا، ئېشىش دائىرىسى يەنىلا چوڭ بولمايدۇ. ناۋادا ئامېرىكىنىڭ مال باھاسى قايتىدىن 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىكىدەك مۇقىم بولسا، ئۇنداقتا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئېشىش توختايدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ناۋادا جۇڭگودا مال باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى كەسكىنلەشسە، ئۇنداقتا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ ئېشىشىمۇ توختايدۇ. 2. ئۆسۈمگە قاراشئامېرىكىنىڭ ئۆسۈمى ئاللىقاچان تۇراقلاشتى، ئەڭ يېڭى فېدېراتسىيە ئاساسىي ئۆسۈم نىسبىتى بولسا %5.5، نۇرغۇنلىغان ئىقتىسادشۇناسلار ئۆسۈمنى چۈشۈرۈپ، خەلق پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى %2 ئەتىراپىدا ساقلىسا، ئۇنداقتا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ ئېشى دائىرىسى يەنىلا %3 ئەتىراپىدا بولىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى.ناۋادا خەلق پۇلىنىڭ پېرۋوت نىسبىتىنىڭ ئېشىشى زىيادە تېز بولۇپ كەتسە، جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قانۇن تۈزۈم 2005-يىلى7-ئاينىڭ21-كۈنى كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى 3:00 دە، جۇڭگو پېرۋوت نىسبىتى قانۇن تۈزۈمى بىر قېتىملىق تارىخى خاراكتىرلىك ھالقىشنى ئورۇندىدى، بۇ 1994-يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق تۈزۈلمە قاتلىمىدىكى مۇھىم ئىسلاھاتقا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن، جۇڭگونىڭ خەلق پۇلى تاشقى پېرۋوت نىسبىتى قانۇن تۈزۈمى ئەسلىدىكى دوللارنىڭ پېرۋوت نىسبىتى تۈزۈمىگە دىققەت قىلىشتىن باشقۇرۇلىدىغان تۇراقسىز پېرۋوت تۈزۈمىگە ئۆزگەردى، كونكىرت قىلىپ ئېيىتقاندا بازارنىڭ تەمىنلەش-ئېھىياجى بويىچە بېكىتىلىدىغان بولدى. تاشقى پېرۋوت باشقۇرۇش تۈزۈمى بولسا خەلق پۇلى پېرۋوت نىسبىتىنى ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈنلەي بازارلاشتۇرۇش، خەلقئارالاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىدى. يېڭى خەلق پۇلى پېرۋوت قانۇن تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان پېرۋوت باشقۇرۇش قانۇن تۈزۈمىنىڭ نۇقسانى كۈنسىرى ئاشكارىلاندى.
پايدىلىق تەرەپتىن قارىغاندا:1.بىر دۆلەت پۇلىنىڭ قىممىتى ئاشسا، ئادەتتە شۇ دۆلەت ئىقتىسادى ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. چۈنكى نورمال ئەھۋالدا، پەقەت ئىقتىساد ساغلام مۇقىم ھالدا ئاشىدۇ، پۇلنىڭمۇ قىممىتى ئاشىدۇ. بۇ خىل ئىقتىسادى ئەھۋالنىڭ ياخشى بولۇشى ئېلىپ كەلگەن پۇلنىڭ قىممىتى ئېشىشى مۇقىم ئاشىدۇ، چەتئەل كاپىتالىنى جەلىپ قىلىش كۈچىمۇ ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. 2. تاشقى قەرز دىرىنى قايتۇرۇش بېسىمىنى يىنىكلىتىشكە پايدىلىق، خەلق پۇلىنىڭ پېرۋوت نىسبىتى ئاشسا، كەلگۈسىدە تاشقى قەرزنى قايتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولغان ئۆز دۆلەت پۇلىنىڭ مىقدارى ماس ھالدا كېمىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەلۇم دەرىجىدە تاشقى قەرز يۈكى يېنىكلەيدۇ. 3. خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ ئېشىشى پۇل پاخاللىقى بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ، زىيادە قىزىپ كەتكەن ماكرولۇق ئىقتىسادنى ئۈنۈملۈك سوۋىتىدۇ. خەلق پۇلىنىڭ پېرۋوت نىسبىتى تۆۋەن مۆلچەرلەنگەنلىكتىن، خەلقئارادىكى زور مىقداردىكى ئىسسىق پۇل (يەنى چەتئەل مەبلىغى) جۇڭگوغا ئېقىپ كىرىپ، ئىقتىسادنىڭ زىيادە قىزىشى، ئۆي مۈلۈك كۆپۈكىنىڭ كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 4. خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ ئېشىشى كەسىپلەرنىڭ ئېشىشى ۋە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، كەسىپلەرنىڭ ئوتتۇرا-شىمالى قىسىمدىكى نامرات جايلارغا يۆتكىلىشىگە پايدىلىق، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق.
ناۋادا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئاشسا، ھەم نۇرغۇنلىغان پايدىسىز ئامىللارمۇ پەيدا بولىدۇ1. خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئاشسا ئېكىسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىتىۋېتىدۇ. ئاقىۋەتتە ئېكىسپورتنى بايقۇت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ دەرۋەقە ئىقتىسادى تەرەققىياتقا پايدىسىز.2. خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى چەتئەلنىڭ بىۋاستە مەبلىغىنى ئازايتىۋېتىدۇ. ناۋادا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئاشسا، ئۇ چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۆپ بەەل تۆلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئاقىۋەتتە چەتئەل مەبلىغى ئازىيىدۇ. 3. ئىشسىزلىقنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جۇڭگودا ئېكىسپورت تەخمىنەن %30 نى ئىگەللەيدۇ. ناۋادا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئاشسا، ئېكىسپورت شىركەتلىرى جەزمەن زىيان تارتىپ ۋەيران بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىشسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ، جەمىيەتنىڭ خاتىرجەمسىزلىك يوشۇرۇن خەۋىپى ئاشىدۇ. 4. تاشقى قەرز كۆلىمىنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خەلق پۇلى پېرۋوت نىسبىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، زور مىقداردىكى كاپىتالنىڭ جۇڭگو كاپىتال بازىرىغا ئېقىپ كىرىشىنى جەلىپ قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ تاشقى قەرز كۆلىمى ماس ھالدا چوڭىيىدۇ. 5. پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يېتىدۇ. كاپىتال بازىرىدىكى ھەرىكەتچان كاپىتالنىڭ كۆلىمى چوڭ، ئوبورت سۈرئىتى تېز بولغانلىقتىن، پۇل مۇئامىلە بازىرىدا تەۋرىنىش پەيدا قىلىدىغان يوشۇرۇن ئامىل.
قىممىتى چۈشۈپ كېتىشنىڭ تەسىرىھازىرقى باسقۇچتىكى ئەڭ يېڭى مال باھاسى، ئېمپورت-ئېكىسپورت قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. پېرۋوت نىسبىتىنىڭ يۇقىرىغا مېڭىشى مۇۋاپىق ئەمەس، چوقۇم مۇۋاپىق بولغان قىممىتى چۈشۈش ئارقىلىق ئېكىسپورتنى جانلاندۇرۇش كېرەك. پايدىلىق تەرەپتىن قارىغاندا:ناۋادا ئۆز پۇلنىڭ قىممىتى چۈشسە، ئۇنداقتا چەتئەل پۇلىسىنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى كۈچىيىدۇ، بۇ ۋاقىتتا مەلۇم مىقداردىكى چەتئەل پۇلىغا تېخىمۇ كۆپلىگەن ئۆز دۆلەت مەھسۇلاتى سېتىۋالغىلى بولىدۇ، بۇ ئۆز دۆلەت مەھسۇلاتىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى باھا سېلىشتۇرمىسىدىن ئەرزان ئىكەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن ئېكىسپورتنى ئاشۇرسا بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆز پۇلنىڭ قىممىتى چۈشسە، چەتئەل مەھسۇلاتىنىڭ باھاسى قىممەتلەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا شۇ دۆلەتنىڭ ئېمپورتى جەزمەن ئازلايدۇ. شۇڭا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈش نەتىجىسى ئېكىسپورتنى جانلاندۇرىدۇ، ئېمپورتنى بايقۇت قىلىپ، سودا تەتۈر پەرقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ناۋادا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى چۈشسە، يەنە نۇرغۇنلىغان پايدىسىز ئامىللارمۇ پەيدا بولىدۇ. 1. ئۆز پۇلنىڭ قىممىتى چۈشسە سىرتقا قارىتا سودا سۈركىلىشى پەيدا قىلىدۇ، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىسىز.2. قىممىتى چۈشسە چەتئەل ئېھتىياجىنىڭ ئاستىلاش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، قىممىتى چۈشسە گەرچە ئېكىسپورت كارخانىلىرىنىڭ تەننەرخ تۆۋەنلەش سەۋەبىدىن مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشىغا پايدىلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇنغا داۋاملىشىشى تەس بولىدۇ. بولۇپمۇ جۇڭگو ئاللىقاچان رىقابەت كۈچىدىكى كەسىپنى يوقاتتى، قىممىتى چۈشسە پەقەت كەسىپنىڭ چېكىنىش ۋاقتىنى كېچېىكتۈرىدۇ.
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 1:00 دە فېد ئۆسۈم ئۆستۈردى، بىر ھەپتىدىن بۇيان كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ پۇلىنىڭ قىممىتى ئارقا-ئارقىدىن چۈشۈپ كەتتى، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىمۇ ئۇدا ئون كۈن چۈشۈپ كەتتى، كىشلەر خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىگە دىققەت قىلىشقا باشلىدى ھەم شۇنداقلا بىھۇدە تەشۋىشكە چۈشتى. بىز جەمىيىتىمىزدىكى كىشلەرنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالساق، يېقىندا تۇققىنىم چەتئەلگە چىقىپ كىرگەنتى، ئالدىنقى قېتىم 6.1 مودىن ئالماشتۇرغان، قايتىپ كەلگەندە 6.5 دىن ئالماشتۇردۇق، 3000-4000 كوي پايدا بولۇپتۇ، ھازىر خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ، بانكىدا ئىشلەتمەيۋاتقان 200-300 مىڭ يۈەن پۇل بارتى دوللارغا ئالماشتۇرسام بولارمۇ؟بۇنداق پاراڭلارنى ھەرۋاقىت خەلق پۇلىنىڭ پېرۋوت نىسبىتىدە تەۋرىنىش بولغاندا ئاڭلاپ تۇرىسىز، ئوخشاشلا ئالتۇن باھاسىدە چوڭراق تەۋرىنىش بولغان ۋاقىتتىمۇ، كىشلەر بانكىدا پۇل بارتى ئالتۇن ئېلىپ قويسام بولارمۇ دېگەندەك پاراڭنى قىلىدۇ؟ ئەمىلىيەتتە سىزنىڭ بانكىدىكى پۇلىڭىز ئۆلۈك پۇل بولۇپ، سىز ئۇنى يۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق كىرىم قىلىشنى مەقسەت قىلمايسىز، پەقەت بانكىنىڭ ئازغىنە ئۆسۈمىگە ئېرىشسىڭىزلا بولدى. تارىخى پېرۋوت نىسبىتىگە دىققەت بىلەن قارىسىڭىزلا ئۆزىڭىز جاۋابىنى تاپالايسىز. توغرا سىز چەتئەلگە چىقىپ كىرگىچە بولغان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەرق بولدى، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كېتىپ ئازغىنە بولسىمۇ پايدا ئالدىڭىز، لىكىن ئۇزۇن مەزگىللىك پېرۋوت نىسبىتىگە قاراڭ، 2008-يىلى 800 مىڭ يۈەننى 100 مىڭ دوللارغا ئالماشتۇرغان بولسىڭىز، ھازىر بۇنى قايتا خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرغاندا 600 مىڭ يۈەن ئەتىراپىدا بولۇپ قالىدۇ دېمەك سىز ئەسلىدىنلا تاشقى پېرۋوت سودىسى قىلىپ باھا پەرقىدىن كىرىم قىلىشنى مەقسەت قىلمىغانلىقتىن، قىسقا ۋاقىتلىق پېرۋوت نىسبىتىنىڭ چۈشۈشى سەۋەب بانكىدىكى ئازغىنە پۇلىڭىزدىن ئەنسىرىشىڭىز بىھۇدە ئىش.
خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ۋاقىتلىق ئازغىنە چۈشتى، كىشلەرنىڭ پۇلىنى دوللارغا ئالماشتۇرغۇسى بار، ئەمما قايسى بانكىدا ۋە قانداق ئالماشتۇرۇشنى بىلمەيدۇ، بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويىدىغىنىمىز شۇكى ئەگەر سىز تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللانمىسىڭىز، شەخىسلەرنىڭ ساقلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان دوللار سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 50 مىڭ دوللار بولىدۇ، ھەم بانكىدا كۈنىگە پەقەت 10 مىڭ دوللارلا ئالماشتۇرالايسىز. ئەلۋەتتە بەزى كىشلەر بۇنى ئاڭلاپ جۇڭگونىڭ بۇ خىل تۈزۈلمىسىدىن ئاغرىنىپمۇ ئۈلگۈرىدۇ، يەنە شۇنى ئەسكەرتىپ قويىشىمىز كېرەككى، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە 1000 ياۋرودىن ئارتۇق نەق پۇلنى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئېلىپ يۈرۈش چەكلىنىدۇ، مىڭ ياۋرودىن ئارتۇق پۇلنى تاموژنىغا مەلۇم قىلمايلا چىگرادىن ئۆتكۈزسىڭىز مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى چۈشتى زادى قانداق كىشلەر بانكىدىكى پۇلىنى دوللارغا ئالماشتۇرسا بولىدۇ؟تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، چەتئەلدىن ئۆي ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقان، يېقىندا چەتئەلگە چىقىدىغان، پەرزەنتى يېقىن كەلگۈسىدە چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىدىغان، چەتئەلدە ئوقىۋاتقان پەرزەنتى بار كىشلەر قاتارلىقلار، يىغىپ ئېيىتقاندا ئىقتىسادى تۇرمۇشىنىڭ مەلۇم قىسىمى دوللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كىشلەر بانكىدىكى پۇلىنى دەرھال دوللارغا ئالماشتۇرسا بولىدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى تۇرمۇشى خەلق پۇلى بىلەن بولىدىغان، لىكىن بانكىدا ئازغىنە 200-300 مىڭ يۈەن پۇل ساقلاپ قويغان كىشلەرنىڭ پۇلىنى دوللارغا ئالماشتۇرىشى بىھاجەت ۋە بۇ خىل ئەندىشە بىھۇدە




