
ئەقىل پاراسەتلىك ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقىمىز ئۇزاق ئەسىرلىك ئىشلەپچى

قىرىش ۋە تۇرمۇش پائالىيتى جەريانىدا
ئوخشىمىغان شارائىت كىلمات ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرى بويىنچە ئۆزگە خاس ئوزۇقلۇق ئەندىزسىنى شەكىللەندۈرۈپ ھەمدە بۇ ئوزۇقلۇقلارنى تۈرلەرگە ،تەبىئەتكە ۋە مەلۇم شەكىلگە ئايرىپ ،ئۆزلېرى ياقتۇرغان،خىل كەلگىنى بويىنچە ئىستىمال قىلغان،شۇنداقلا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش،كېسەللىكەرنى داۋالاش قاتارلىقلارغا خىزمەت قىلدۇرۇپ كەلگەن، زاغرا نان يېزلاردا دىېھقانلار دائىم ئىستىمال قىلدىغان،تەييارلاش ئاسان،ئۆزى سىڭىشلىك ،ئادەم بەدىنىگە پايدىلىك تەرەپلېرى ئىنتايىن كۆپ بولغان مىللى ئەنئەنۋى تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ،ئۇنى ئەتگەندە ۋە چۈشتە چاي بىلەن ئىستىمال قىلىپ كەلگەن، لىكىن يېقىنكى يىللاردىن بۇيان،خەلىقنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈكسىلشىگە ئەگىشىپ زاغرىدەك ئېسىل مىللى ئەنئەنۋى تائاملارنى ئىستىمال قىلىش ئازيىپ،ئالى دەرىجىلىك ئۇندا تەييارلانغان تائاملارنى ئىستىمال قىلىش كۆپىيىپ قالدى،
بۇ خىل تائاملاريۇقىرى قان بىسىم،قان قويۇلۇپ كېتىش،زىيادە سېمىزلىك،يۈرەك كېسەللىكى،قاندا ماي ماددىسى ئېشىپ كېتىش،جىگەرنى ماي قاپلاش،دىئابىت قاتارلىق كېسەللەرنى پەيدا قىلغاچقا،يىمەك ئىچمەك قاتاردىن ئايرىلىپ قالغان ،قوناق ئۇندا تەييارلىغان زاغرا ناننى كىشلەر ھازىر قايتىدىن ئالاھىدە دورىلىق سۈپتىدە ئىستمال قىلىشقا باشلىدى، ئىلگىرى ئۆتمۈشتە ئەجداتلېرىمىز كۈندە زاغرا ناننى ئەتگەن ۋە چۈشتە چاي ياكى قېتتىق بىلەن ئىستىمال قىلىپ كەلگەچكە ئۇلاردا يۇقىرقىدەك كرسەللىكلەر كۆرۈلمىگەن،بۇنى مىللى ئەنئەنۋى يىمەك ئىچمىكىمىزنىڭ تەبىئى خۇسۇسىيتى ۋە تەركىبىدىكى ھەرخىل ماددىلارنىڭ بەدەنگە بولغان شىپالىق رولىدىن ئايرىپ قارغىلى بولمايدۇ،بۇ جەھەتتە ئەنئەنۋى غىزا -زاغرا نان ئالاھىدە ئورۇندا تۇردۇ

زاغرا نان تەبئىيتى جەھەتتن قۇرۇق ئىسسىق دەپ قارىلدۇ،زاغرا ناننىڭ ئاشقازان،ئۈچەينى ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە ئۈچەي ھەركىتىنى تىزلىتىش،بەدەندىكى ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش،قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش ،قاندىكى مايلارنى پارچىلاش،سۈيدۈك ھەيدەپ بۆرەكنىڭ يۈكنى يەڭگىللىتىپ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەرەققىياتىنى تىزگىلەش،چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش،بەدەننى ئوزۇقلاندۇرۇپ ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەش،بەدەندىكى ھۆللۈكنى قۇرتۇش،ھەرقايسى توقۇلما ئەزالارغا قۇۋۋەت ھاسىل قىلىش،قاندىكى ماينى ئىرىتىپ جىگەر خىزمىتنى ياخشىلاش،ئىشتىھانى ئېچىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.شۇڭا زاغرا ناننى كۈندە مۇۋاپىق .ئستىمال قىلىپ بەرسە سالامەتلىك ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق
.




.

