大数跨境

ئاداۋەت ساقلىماسلىقمۇ ئالىي پەزىلەت

ئاداۋەت ساقلىماسلىقمۇ ئالىي پەزىلەت dastur
2016-02-09
0
导读:ئاداۋەت ساقلاش باشقىلارغا دۈشمەنلىك نىيىتىدە بولۇش، پ


 


ئاداۋەت ساقلاش باشقىلارغا دۈشمەنلىك نىيىتىدە بولۇش، پۇرسەت كەلگەندە قارشى تەرەپكە ئازار بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. ئاداۋەت ئۇرۇق – تۇغقاننى ياتلاشتۇرىدىغان، دوستلارنى دۈشمەنلەشتۈرىدىغان، ئىنسانىيەتكە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان شۇمبۇيىدۇر.

كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان مۇساپىسىدە ھېچكىم تۈرلۈك – تۈمەن قىسمەتلەرگە ئۇچرىمايمەن دېيەلمەيدۇ. ھاياتتا خۇشاللىق بىلەن خاپىلىق، سەمىمىيلىك بىلەن رەزىللىك، ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن قارا نىيەتلىك، ئەپۇچانلىق بىلەن ئۆچمەنلىك ئايرىلماس ھەمراھلاردۇر. كىشىلەرنىڭ ئەقىدە – ئېتىقادى، ئەخلاق – پەزىلىتى، دۇنيا كۆز قارىشى، ئىشلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، بۇلارنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىدىمۇ پەرق بولىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر دائىم ئەرزىمەس، تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئىشلار ئۈچۈن ئاداۋەتلىشىپ، بىر – بىرى بىلەن ئۆچەكىشىدۇ، بىر – بىرىنى ھاقارەتلىشىدۇ، ھەتتا جانغا زامىن بولغۇدەك ئېچىنىشلىق دېلولارنى پەيدا قىلىدۇ، نەتىجىدە ئۆمۈرلۈك ھەسرەت – نادامەت، پۇشايمانغا قالىدۇ.

كىشىلىك ھاياتتا ھەممە ئىشلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇپ كېتىشى ناتايىن. بەزى كىشىلەرنىڭ سىزگە ئوچۇق – ئاشكارا يامانلىق قىلىشى ياكى كىشىلەر ئارا زىددىيەت، سۈركىلىش ۋە ئازاب – ئوقۇبەت تارتىش، ئەر – خوتۇنلار ئۆزئارا كېلىشەلمەسلىك، قوشنىلار ئارا ئىناق ئۆتەلمەسلىك، خىزمەتداشلار ئارا چىقىشالماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئاداۋەت پەيدا بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ۋاقىتتا سىز غەزەپلىنىپ جېدەللەشمەكچى بولۇشىڭىز، ھېلىقى كىشىنى كۆز ئالدىڭىزدىن يوقاتماقچى بولۇشىڭىزمۇ مۇمكىن. مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا كەڭ قورساق بولۇپ، ئۆزىنىڭ روھىي كەيپىياتىنى تەڭشەپ، ئۆزىنى بېسىۋېلىپ قارشى تەرەپنى تەسىرلەندۈرەلىسە، نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئاداۋەت ساقلاش ئەقىلنى سۇسلاش تۇرۇپ/، ئادەمگەرچىلىككە خىلاپ بولغان ئىشلارنى قىلىشقا سەۋەب بولىدۇ. ئاداۋەت يامراپ كەتكەن يۇرت ۋە جەمئىيەتتە كىشىلىك مۇناسىۋەت  / تەسىرگە ئۇچرايدۇ، مېھىر – مۇھەببەت سۇسلايدۇ، ئىناقسىزلىق، خاتىرجەمسىزلىك تۇمانلىرى يامرايدۇ. پەزىلەتلىك كىشىلەر قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە ئارقىغا ئەمەس، ئالدىغا قارايدۇ، ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەتنى ئەمەس، كەڭ قورساقلىق، ئەپۇچانلىقنى تاللايدۇ. شۇڭا ھەممەيلەن گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتنى كۈچەيتىپ، كىشىلەر ئارا مېھىر – مۇھەببەت ئۇرۇقىنى چېچىپ، ئاداۋەتنى تۈگىتەيلى، ئاداۋەتنىڭ تېخىمۇ ئاۋۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى.。。。。。。



【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662