大数跨境

ئەرلەر ئېغىزىدا ھېچقىسى يوق دەپ كۆڭلىدە ئېغىر ئالىدىغان ئىشلار

ئەرلەر ئېغىزىدا ھېچقىسى يوق دەپ كۆڭلىدە ئېغىر ئالىدىغان ئىشلار dastur
2016-02-11
1
导读: ئەرلەرمۇ بەزىدە مەلۇم ئىشلار تۈپەيلىدىن دېگىنى ۋە ئوي

 


ئەرلەرمۇ بەزىدە مەلۇم ئىشلار تۈپەيلىدىن دېگىنى ۋە ئويلىغىنى بىردەك بولمايدۇ. مەسىلەن بىز ئەرلەرنىڭ ھەمىشە «ھېچقىسى يوق» دېگەنلىرىنى ئاڭلايمىز، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇ راستتىنلا ئېغىر ئالماسمۇ؟ بۇ پەقەت ئەرلەرنىڭ ئۆزىنىڭ سالاپىتىنى ساقلاپ قېلىشتىكى يالغان سۆزى.
1، سىزنىڭ چىرايىڭىز ۋە بەدەن شەكلىڭىز
ئاياللارنىڭ بۇ سوئالىغا نىسبەتەن، ئون ئەردىن توققۇزى «ھېچقىسى يوق» دەيدۇ. لېكىن نېمە دېسەك بولار؟ ئەرلەر مۇتلەق كۆرۈش سەزگۈسىگە تاينىدىغانلاردۇر، ئۇلارنىڭ گۈزەللىككە بولغان قىزىقىشىدا ئۆزىنىڭ مەلۇم ئۆلچىمى بولىدۇ، لېكىن چوقۇم ئۇ ئۆلچەمگە يېتىش ئاياللارغا نىسبەتەن بىر قەدەر ئېغىر كېلىدۇ.
شۇڭلاشقا ئەرلەر «ھېچقىسى يوق» دېگەندە، ئۇ بەلكىم سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى ئايىغان بولۇشى مۇمكىن. يەنە شۇنداق بولغاچقا، ھەر بىر ئەردىن بۇ مەسلىنى سورىغاندا، «ھېچقىسى يوق» دېگەن گەپ ئەڭ بىخەتەر جاۋاب ھېسابلىنىدۇ، مەيلى سىز گىرىم قىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى پەرق، ياكى بەدەن قۇرۇلۇشىڭىزدىكى پەرق بولسۇن، ئەرلەرنىڭ بايقىماسلىقى ناتايىن. لېكىن ئۇ دېسەممۇ بەرىبىر، بەلكىم  راست گەپ قىلدىم دەپ يۈزگىلا قارايدىغان ئادەمكەن دېگەن نامنى ئېلىپ قالماي دەپ ئويلايدۇ خالاس.
2، سىزنىڭ ئۆتمۈشتىكى مۇھەببەت تارىخىڭىز
ھەممە ئادەمنىڭ ئۆتمۈشى بولىدۇ، ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن بولدىلا، ئۆتكۈزىۋىتەيلى....كىم شۇنداق دەيدۇ؟ دېيىشتە شۇنداق دېيىلگەن بىلەن، پۈتۈنلەي ئۆتكۈزۈۋىتىش، ئەسلىدىلا بىر چوڭ مەسىلە. سىزنىڭ مۇھەببەت تارىخىڭىز بۇرۇن شۇنچىلىك قىزغىن بولۇپ، ئەرلەر ھەمىشە باشقىلاردىن ئاڭلاۋەرسە، ئئۇلار چوقۇم ئېغىر ئالىدۇ. بۇ نۇقتىدا، ئەرلەر «ھېچقىسى يوق» دېگەن بىلەن، كۆڭلىدە نۇرغۇن خىياللارنى قىلىدۇ، بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ كەڭ قورساق ھالەتكە كىرىۋىلىشتىكى نىقابى خالاس.
3،سىز خاتا قىلغان ھېلىقى ئىشلار
دەسلەپتە بىللە بولغاندا قارشى تەرەپنىڭ كىچىك كەمچىلىكلىرىمۇ ھېچقانداق ئەمەس. لېكىن ۋاقىت ئۇزارغانسىرى، ئۆز-ئارا سەمىمىي بولىسىلەر، سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ كەمچىلىكلىرىنى يوشۇرۇپ ئولتۇرمايسىز، ئەرلەر بۇرۇن دېمىگىنى ئۈچۈن، ھازىر دېسە، سىز چوقۇم ئۇنىڭدىن مېنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالدىڭىز دەپ ئاغرىنىسىز.
ھەر بىر قېتىم سىز ئەركىلەپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سورىغاندا، ئەرلەر پەقەت بىر ئېغىز «ھېچقىسى يوق» دەيدۇ، لېكىن ...... راستتىنلا ھېچقىسى يوقمىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە باشتا راستتىنلا ھېچقىسى يوق، لېكىن سىز ئۆزگەرتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، يەنە تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتتىڭىز. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ كەمچىلىكلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ جاھىللىق قىلسىڭىز، ھېچقىسى يوقلار، ھامان بىر كۈنى ھېچقىسى بار بولۇپ قالىدۇ.
4، سىز ھەمىشە «ھېچقىسى يوق» دېگەن كىچىك ئىشلار
بەزى سورۇنلاردا، ئاياللار ھەمىشە بىر ئەر كىشى تۇرۇپ بۇنداق كىچىك ئىشلارغا ئېسىلىۋالامسىز؟ دەپ ئويلايدۇ، مەسىلەن سىز دوستلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا چاقچاق قىلدىڭىز، ياكى ئۇ ياخشى كۆرمەيدىغان سۆزلەرنى قىلدىڭىز...ئۇ خاپا ۋاقىتلىرىدا سىز داۋاملىق «ھېچقىسى يوق» دەپ ئويلايسىز. سىز ھېچقىسى يوق دەپ ئويلىغانىكەنسىز، ئۇ سىز بىلەن زىغىرلىشىپ ئولتۇرامتى؟ ئۇنىڭ «ھېچقىسى يوق» دېيىشى پەقەت سىز بىلەن ئۇرۇشۇشتىن ساقلىنىپ قېلىش ئۈچۈندۇر، ئەگەر سىز يەنىلا يەنە ئۆزىڭىزنى بىلمەي، ناچار كەيپىياتنى ساقلاپ قالسىڭىز، ھامان بىر كۈنى چوقۇم سىلەرنىڭ ھېسسىياتىڭلارغا تەسىر يېتىدۇ.
5، سىزنىڭ يات جىنىسلىقلار بىلەن ئارىلىشىشىڭىز
ئەرلەر ئەگەر سىزنى ياخشى كۆرسە، چوقۇم كۈنلەيدۇ، سىز قايسى ئەرلەر بىلەن بەكرەك يېقىن بولۇپ كەتكەندە، ئەرلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى ئېغىر كۆرىدۇ. لېكىن سىز بىلەن يېقىن ئەر ئۇنىڭ  بىلەن ياخشى بولۇشنىڭ ئالدىدىلا مەۋجۇت بولسا، ئۇ ئۆزىنى مەرد كۆرسىتىش ئۈچۈن سىزگە يالغاندىن «ھېچقىسى يوق» دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئاللىقاچان كۆڭلىدە سىزنى نەچچە مىڭنى تىللاپ بولدى.
ئاياللارغا ئوخشاش، ئەرلەرمۇ ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى يوشۇرۇشقا ئامراق. ئەرلەر ئۆزىنىڭ ھېسسىيات جەھەتتىكى ئىشلىرىنى دېيىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئايال بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىز پەقەت بۇ ئېنىقسىز گەپلەرنى بىلىپ، مۇرەككەپ سىگناللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىسىڭىزلا، ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئېنىق كۆرەلەيسىز.


【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读0
粉丝0
内容662