
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە،(1) تۆت ئايلىقتىن بۇرۇن ئانا سۈتىدىن باشقا يىمەكلىلەرنى ئىستىمال قىلغان بوۋاقلار كىيىن ساغلام بولمىغان ئوزۇقلىنىش ئادىتى شەكىللەندۈرۋىلىشى ئېتىمالى يۇقىرى ئىكەن، ئەكسىچە دەسلەپكى ئۇچ ياكى تۆت ئايدا پۈتۈنلەي ئېىمىتلگەن بالىلارنىڭ يەسلى يىشىدا كۆكتاتلارنى ئېمىتىلمىگەن تەڭ ياشتىكى بالىلاردىن كۆپ ئىستىمال قىلىدىكەن .
(2) ئۇنىڭدىن باشقا ئېمىتلىگەن بوۋاقلار سۈت پاراشوكىدا بىقىلغان بوۋاقلارغا قارىغاندا ئىچ سۈرۈش، ئۈچەي ئىچكى دىۋار ياللۇغى ۋە 2 تىپلىق دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى مۇتلەق تۆۋەن بولغان. ھەمدە ئېمىتىش مەزگىلىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى (بىر ياشتىن بۇرۇن، چۈنكى 12-18 ئايدىن كىيىن ئېمىتىشنىڭ ئۈنۈمى زور ئەمەس) ئۈچەينىڭ سۈمۈرۈش ئىقتىدارى بىلەن ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەن.
(3) سۈت پاراشوكىدا بىقىلغان بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىت سىستمىسىمۇ چوڭ تەسىرگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىممۇنىت ھۆجەيرىلىرى ئىككىلەمچى (adaptive) ئىممۇنىت سىستىمىسى تەرەپكە ئېغىپ تەرەققىي قىلىدىكەن .
(4) شۇنداق بولغاچقا سۈت پاراشوكىدا باققان بالىلاردا دەسلەپكى ئىممۇنىت رىئاكسىيىسي ئىېمىتلگەن بوۋاقلاردەك كۈچلۈك بولمىغاچ ئاغرىپ قىلىش قېتىم سانى كۆپرەك بولىدىكەن. سېمىز بالىلار ئىچىدە، سۈت پاراشوكىدا بىقىلغانلىرىنىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان سەزگۈرلۈكى ئېمىتىلگەن بالىلاردىن تۆۋەن بولۇپ، بۇنداق بالىلارنىڭ ئۆزى بىلەن ئوخشاش سېمىزلىكتىكى ئېمىتىلگەن بالىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان 2-تىپلىق دىئابىتقا گېرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.
(5) يەنە سۈت پاراشوكى تەركىبىدە باشقا جانلىقلارنىڭ ئاقسىللىرى كۆپ بولغاچقا، سۈت پاراشوكىدا بىقىلغان بالىلار ئاسانلا زىيادە سەزگۈرلۈك كېسەللىكلىرىگە ئېمىتىلگەن بالىلاردىن يۇقىرى نىسبەتتە گىرىپتار بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە خەتەرلىك بولغانلىرىدىن 1 تىپلىق دىئابىت كېسىلى (ئىنسۇلىنغا تايىنىدىغان) مۇ بار ئىكەن .
(6) بۇلار مەن ئوقۇغان يۈزلىگەن مۇشۇ تىمىدىكى ماقالىلار ئىچىدىكى ئاساسلىق بىر قانچىسىلا خالاس. دىمەك، سۈت پاراشوكىدا بىقىش بوۋاقنى ئېمىتكەنگە قارىغاندا نۇرغۇن يىتەرسىزلىكلەرگە ئىگە.
شۇڭا، مەن ئانىلارنىڭ ئىمكانقەدەر ئۆزى تەبىئىي تۇغۇشنى تاللىشىنى ۋە بالىنى ئۆزى سۈتىنى ئېىمىتىپ چوڭ قىلىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.



