大数跨境

يۈرىكىڭىزدىكى ئادىمىڭىزگە يوللاپ بېرىڭ

يۈرىكىڭىزدىكى ئادىمىڭىزگە يوللاپ بېرىڭ dastur
2016-02-13
5
导读: 7قەلبىڭىز چارچىغان بولسا باش باھارنىڭ جىم ـ جىتلىققا

 

7
قەلبىڭىز چارچىغان بولسا باش باھارنىڭ جىم ـ جىتلىققا تولغان ئاخشىمى يېنىك مۇزىكا قويۇپ قويۇپ تاتلىق دەملەنگەن بىر پىيالە چاي ئىچىڭ
ھاياتتا دېيىشكە تېگىشلىك گەپنى دېگۈلۈك، دېمەيدىغان گەپنى دېمىگۈلۈك، سىز چوقۇم ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە دېگەن ھېكمەتكە ئەمەل قىلىشىڭىز كېرەك، ئەقىللىق ئادەم مېغىزى يوق شاكال گەپلەر ئۈچۈن ئېغىزىنى ئۇپراتمايدۇ
باشقىلارنىڭ ياخشى كۆڭلىنى قايتۇرماڭ، بولمىسا كېيىن سىزگە ياخشىلىق قىلىدىغان ئادەم چىقماي قالىدۇ؛ ئېسىل ئادەم بولۇش ئۈچۈن ئېسىل كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈڭ، كۆزى كىچىك ئادەمدىن نېرى تۇرۇڭ
يولنى بىر قەدەم بىر قەدەمدىن باسىسىز، ھېسسىياتنىمۇ ئاز ـ ئازدىن يېتىلدۈرىسىز، ھەر قانداق ئىشتا ئالدىراقسانلىق قىلىشقا بولمايدۇ، كەمتەر بولۇڭ، توخۇغا ئىشاش بىر تۇخۇم تۇغۇپ قويۇپ يېرىم سائەت قاقىلدايدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماڭ
ھاياتتا شۇنداق ئارزۇ ـ ئارمان يەنە شۇنىڭغا ئوخشاشلا نۇرغۇن ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ، بەزىدە ئەپسۇسلانغىنىڭىزدىن ئەگەر بۇنى قىلمىغان بولسام ئۇ ئىش بولماس ئىدى دەپ ئازابلىنىپ كېتىسىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئارتۇقچە، بولۇشقا تېگىشلىك ئىش چوقۇم بولىدۇ، سىز پەقەت ۋىژدانىڭىز بىلەن ياشىسىڭىز، ئىمكان بار خۇشال ياشاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىزلا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە
ئەڭ ياخشى نەرسىدىنمۇ قۇرۇق قالىدىغان كۈن كېلىدۇ، ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىزنى تاشلاپ كېتىپ قېلىشى مۇمكىن، شىرىن چۈش كۆرگەن تەقدىردىمۇ ھامان ئويغىنىسىز، شۇڭا ۋاز كېچىدىغان نەرسىدىن  ۋاز كېچىڭ، قەدرىگە يېتىشكە تېگىشلىك نەرسىنىڭ قەدرىگە يېتىڭ
ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى خۇشال ھېس قىلمىسىڭىز، ئۆزىڭىزنى بەختلىك ھېسابلىمىسىڭىز، ياخشىسى بۇ يولدىن ۋاز كېچىڭ، چۈنكى ئۆمۈر قىسقا كۈنلەرنىڭ بېرىدە يەنە قايتا تاللىماقچى بولسىڭىز بۇ ئۆمرىڭىز يەتمەيدۇ
كۆز يېشى ئادەمنى مىسكىن كۆرسىتىدۇ، سىز مىسكىن ئادەم بولۇپ قالماسلىقىڭىز، خۇشال ياشايدىغان كىشىلەرگە ئوخشاش خۇشال ـ خورام ياشىشىڭىز كېرەك
بۇ تېمىنى كۆرۈپ بولدىڭىز، ئەمدى مالال كۆرمەي ئەڭ ئاستىدىكى خەنزۇچە ئېلاننى بىر چېكىپ
【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读2.3k
粉丝0
内容662