大数跨境

ئامېرىكىلىقلار يېڭىچە ئورۇقلاش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلدى

ئامېرىكىلىقلار يېڭىچە ئورۇقلاش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلدى dastur
2015-12-29
0
导读: نۇرغۇنلىغان سېمىزلەر نەپسىنى يىغالمىغانلىقتىن ئورۇقلا

نۇرغۇنلىغان سېمىزلەر نەپسىنى يىغالمىغانلىقتىن ئورۇقلاش مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ
. چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىلىقلار يېڭى بىر خىل ئورۇقلاش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، تۈمەن مىڭ خىل ئورۇقلاش ئۇسۇلى ئىچىدە ئاشقازان بىلەن ئالاقىدار ئورۇقلاش ئۇسۇللىرىدىن ئاشقازاننى كېسىپ كىچىكلىتىش بىلەن ئاشقازان ئىچىگە شار قويۇپ ئورۇقلاش ئۇسۇلى بار بولۇپ، ھەر ئىككى خىلدا چوقۇم ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك. ئامېرىكىلىقلار يېقىندا ئىجاد قىلغان ئاشقازانغا «گاز شار» قويۇپ ئورۇقلاش ئۇسۇلىدا ئوپېراتسىيە قىلىش كەتمەيدىكەن. ئورۇقلىماقچى بولغان بىمار ئىنچىك شىلانكا چېتىلغان كىچىك شارنى يۇتىۋالىدىكەن، كىچىك شار ئاشقازانغا ئورۇنلاشقاندا، دوختۇرلار شىلانكا ئارقىلىق ئىچىگە يەل ئۇرۇپ شارچىنى چوڭايتىپ، ئاندىن شىلانكىنى تارتىۋالىدىكەن. سېمىزلەر بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىش ئارقىلىق تۆت ئايدا تەخمىنەن 10 كىلوگىرام ئورۇقلىيالايدىكەن. مەنبە: http://uy.ts.cn/wenhua/content/2015-12/28/content_483581.htm



【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662