
مېڭىۋېتىپ ئاستا - ئاستا ئويغاندىم ، ئەمدى ئەممە ئادەمگە ئۇنداق ياخشى بولىۋەرمەيمەن ، كىم ماڭا ياخشى ئۇئامىلە قىلسا مەنمۇ شۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلىدە بولىمەن.

مېڭىۋېتىپ ئاستا - ئاستا شۇنى بىلىپ يەتتىم ، ۋاقىت ئۇزارغان سېرى ھېسياتنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ناتايىن ئىكەن ، ئەمما شۇ ئېنىقكى كىشى قەلبىنى ئېنىق كۆرۋالغىلى بولىدىكەن .

مېڭىۋېتىپ ئاستا - ئاستا شۇنى چۈشەندىم،بۇ دۇنيادا ھېچكىممۇ ئانام بىلەن دادامغا ئوخشاش مېنى بارلىق نۇقسانلىرىم بىلەن ئۆز قوينىغا باسالمايدىكەن.

مېڭىۋېتىپ ئاستا - ئاستا قورقۇشقا باشلىدىم ، يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، يېقىنلىرىم بارغانسېرى ئازايدى ، ھاياتنىڭمۇ چېكى بولىدۇ..

مېڭىۋېتىپ ئاستا - ئاستا ئۆزگىرىشە باشلىدىم ، بارلىق ئازابلارنى ئامال يوق ئۆزۈم يالغۇز كۆتۈردۈم، بارغانسېرى قەيسەر بولۇپ كەتتىم خۇددىي تىكەن گۈلگە ئوخشاش نەگىلا ئاپىرىپ تاشلاپ قويسىڭىز شۇ يەردە يىلتىز تارتىپ ياشالايدىغان ھالەتكە كەلدىم...

مېڭىۋېتىپ ئاستا-ئاستا شۇنى ھېس قىلدىم،ھازىر ئۇنداق جاھىل مىجەزىم قالماپتۇ،بەزى ئىشلارغا نىسىبەتەن ئۇنداق ئىنتىلمەيدىغان بوپتىمەن...

مېڭىۋېتىپ ئاستا-ئاستا بەزى ئىشلارنى ئۆگىنىۋالدىم مەيلى كۆزۈم قىيسۇن تەقدىر شۇنداق ئوخشايدۇ دەيدىغان بولدۇم.

مېڭىۋېتىپ ئاستا-ئاستا پىشىپ يېتىلدىم بەزى نۇرغۇن كۆزۈمگە سىغمايدىغان ئىشلارنى كۆرمەسكە سېلىۋالىدىغان بولدۇم...

مېڭىۋېتىپ ئاستا - ئاستا ئويغاندىم ، ھەممىلا ئادەم سىزنى بىلەن ئاخىرغىچە بىللەن مېڭىپ بولالمايدىكەن.
مېڭىۋېتىپ ئاستا-ئاستا ئاخىرى چۈشىنىپ يەتتىم بەخىت ئۆيىڭىزنىڭ چوڭ ياكى كىچىكلىدە ئەمەس بەلكى ئۆي ئىچىدىكى خۇشال كۈلكە ئاۋازىنىڭ قانچىلىك چوڭلىقىدا..

مېڭىۋېتىپ ئاستا-ئاستا ھېس قىلدىم، سۆيگەن ئادىمىڭىزنىڭ قانچىلىك گۈزەل بولۇشى ئۇنداق مۇھىم ئەمەس،مۇھىمى ئۇنىڭ كۈلكىسىنىڭ قانچىلىك نۇرلۇق جىلۋىلىنىشدە...

مېڭىۋېتىپ ئاستا-ئاستا شۇنى ھېس قىلدىم، سىز ئۇتۇق قازانغان چاغدا گۈلدىراسلىغان چاۋاك ئاۋازلىرى ئۇنداق مۇھىم ئەمەس،


مۇھىمى ئۈمىدسىزلەنگەن ۋاقتىڭىزدا بىرەرىنىڭ سىزگە غەيرەت قىلغىن دوستۇم دىيەلىشى

