大数跨境

سېمىز كىشىلەر ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان يېمەكلىكلەر

سېمىز كىشىلەر ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان يېمەكلىكلەر dastur
2016-01-29
2
导读:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:پۇرچاق تۈرلىرى. ئاقسىل ما




ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

پۇرچاق تۈرلىرى. ئاقسىل ماددىسىنىڭ قۇۋۋىتى گۆشنىڭ قۇۋۋىتىدىن تۆۋەن ئەمەس، شۇڭا پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، مايلىق گۆشنى ئازراق ئىستىمال قىلغاندا سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

قىزىلمۇچ. مەيلى ئاچچىق ياكى تاتلىق بولسۇن ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، تالا ماددىسى مول بولىدۇ. بىر تال كۆكمۇچتا 35 كالورىيەلىك ئىسسىقلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىستېمال قىلىنسا، ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك ھەرخىل ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنى يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ.

تەرخەمەك. تەركىبىدە پروپىل ئالكوھول كىسلاتاسى بولۇپ، بۇ كىسلاتا يېمەكلىكتىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ بەدەندە مايغا ئايلىنىشىنى توسىدۇ.

پالەك. تەركىبىدە ۋىتامىن ۋە تۆمۈر ماددىسى مول، بۇنى بەك ئۇزاق پىشۇرۇشقا بولمايدۇ، سوغۇق سەي قىلىپ يېيىش ئەڭ مۇۋاپىق.

يېشىل ماش ئۈندۈرمىسى. بۇ خىل يېمەكلىكتە سۇ مىقدارى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، بەدەن قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ھاسىل بولىدىغان ئىسسىقلىق بىرقەدەر ئاز بولىدۇ، ھەم تېرە ئاستىدا ئاسانلىقچە ماي يىغىلىپ قالمايدۇ.


【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读0
粉丝0
内容662