大数跨境

ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئاۋاز پۈتۈپ قېلىشنى داۋالاش

ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئاۋاز پۈتۈپ قېلىشنى داۋالاش dastur
2016-02-17
0
导读:▲ نەچچە تال كاۋاۋىچىننى ئېغىزغا سېلىپ چايناپ بەرسە ي

 


▲ نەچچە تال كاۋاۋىچىننى ئېغىزغا سېلىپ چايناپ بەرسە ياكى شۈمۈپ بەرسە، (دەملەپ ئىچسىمۇ بولىدۇ) ئاۋاز پۈتۈپ قېلىشنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

▲ بادام مېغىزىنىڭ پوستىنى ئېلىۋېتىپ يۇمشاق سوقۇپ، تەڭ مىقداردىكى ھەسەلگە قوشۇپ يەپ بەرسە ئاۋاز ئېچىلىدۇ.

▲ ئاق لەيلىگۈلىنىڭ ئۇرۇقى، كۆكنار ئۇرۇقى، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىنى سوقۇپ، دەملەپ، تاماقتىن كېيىن ئىچىپ بەرسە، چەينەكنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، كاناينى ھورداپ بەرسە، مايلىق، قورۇغان تاماقلاردىن پەرھىز تۇتسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

▲ كالا سۈتىنى قاينىتىپ، بىر چىمدىم سودا سېلىپ، ئىسسىق پېتى ئىچىپ، كاناينى سىرتىدىن ئىسسىق سۈت، قۇيرۇق ياغدا ياغلاپ بەرگەندە ئاۋاز ئېچىلىدۇ، كانايغا سىرتىدىن ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

▲ تاتلىق ئانارنى سىقىپ سۈيىنى ئىسسىتىپ، ئىسسىق پېتى كۈنىگە ئىككى ۋاخ، ئۈچ قوشۇقتىن ئىچىپ بەرسە ئاۋاز ئېچىلىدۇ. ئۇنى نەيچە بىلەن ئاز – ئازدىن ئاستا سۈمۈرۈپ كانايدا ئۇزاق توختىتىپ ئىچىش كېرەك، تېز ئىچىۋەتسە ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمايدۇ.


【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读0
粉丝0
内容662