大数跨境

پۇل بولسا مەبلەغ سېلىش كېرەكمۇ ياكى ئامانەتكە قويۇپ

پۇل بولسا مەبلەغ سېلىش كېرەكمۇ ياكى ئامانەتكە قويۇپ dastur
2016-01-02
0
导读:‍پۇل بولسا مەبلەغ سېلىش كېرەكمۇ ياكى ئامانەتكە قۇيۇپ



پۇل بولسا مەبلەغ سېلىش كېرەكمۇ ياكى ئامانەتكە قۇيۇپ توپلاش كېرەكمۇ؟


ھەربىر كىشى ئۆزىنىڭ ئازغىنە پۇلىغا تايىنىپ جىق پۇل تېپىشنى ئويلايدۇ، بىراق ئاسان ئەمەس. بىراق نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ بۇ ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن بىر ياخشى ئۇسۇلنى تاللىشى كېرەك.

سىز تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بۇ ئارزۇيىڭىزنى قەدەممۇ-قەدەم ئەمەلگە ئاشۇرسىڭىز بولىدۇ:

يىغىلغان پۇل قانچە كۆپ بولسا، دومىلىما ئۆسۈمىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

ئامانەتكە قويۇپ پۇل توپلاشنىڭ ئەۋزەللىكى: ئامانەتكە قويۇپ پۇل توپلاش بىلەن مەبلەغ سېلىش ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ ۋە بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۈزلۈكسىز بولغان ئامانەت قويۇپ توپلانغان پۇل مەبلەغنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى قىلدۇرۇرالايدۇ.

ناھايىتى ئاز سانلىق بىر قىسىم كىشىلەرلا بازار ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 2 بىرلىك يۇقىرى بولغان پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ، چۈنكى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان مەبلەغ سېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مەبلىغىنى دومىلىما ئۆسۈمنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

ئۆزى كونترول قىلالايدىغان ئىشلارغا دىققەت ئېتىبارىنى بېرىش: بازارنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئالدىن توغرا مۆلچەرلەش تەس. بىراق يەنە نۇرغۇن ئۇسۇللار ئارقىلىقمۇ كونترول قىلىشنى كۈچەيىتكىلى بولىدۇ. ئامېرىكا دوللىرى ئوتتۇرىچە تەننەرخ ئۇسۇلى، ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقان مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق مەيلى تۆۋەن باھادا ياكى يۇقىرى باھادا مەبلەغ سالغاندا ھامان پايدا قالىدۇ (نىسبەتلەشتۈرۈپ كەلگەندە ئوتتۇرىچە قىممىتىدە يەنىلا پايدا ئالغىلى بولىدۇ).

سىزنىڭ بىردىنبىر كونترول قىلالايدىغان ئىشىڭىز بولسا مەبلەغ سېلىش سوممىسى. تۆۋەن دەرىجىدىكى بازار مەزگىلىدە، ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان مەبلەغ سېلىش سوممىسى ئۇزاق مۇددەتلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مەبلەغ سېلىش گۇرۇپپىسىدىكى مەبلەغنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىش، مەبلەغ سېلىشنى ئۇزاق داۋاملاشتۇش بولسا مالىيە باشقۇرۇش مۇددىئاسىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئۇسۇلى.

پۇل ئارقىلىق پۇل تېپىش : مەبلەغ قانچە كۆپ بولسا دومىلىما ئۆسۈمنىڭ رولى شۇنچە بەك ياخشى جارى بولىدۇ.

پۇل-مۇئامىلىدە ئاتالمىش 72 قائىدە بار، مەبلەغنىڭ كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ۋاقىت، دومىلىما مەبلەغنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر دەسلەپكى مەبلەغ سوممىسىنى 100 يۈەن، يىللىق دومىلىما ئۆسۈم %9 دەپ پەرەز قىلساق، ئاتالمىش 72 قائىدىدىن پايدىلىنىپ، 72نى 9 گە بۆلسەك 8 بولىدۇ، دېمەك تەخمىنەن 8 يىل ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا مەبلەغنى سوممىسىنى دومىلىما ئۆسۈم ئارقىلىق 200 يۈەنگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن 8.0432 يىل ۋاقىت كېتىدۇ.

ۋاقىت بەك قىسقا: بىلىشىڭىز كېرەككى، ئۇدا پۇل يىغقىنىڭىز سىز ئاللىقاچان يېرىم غەلىبىگە ئېرىشىپ بولدىڭىز دېگەن گەپ.

خۇددى بەدەننىڭ سەمرىشىگە ئوخشاش، باي بۇلۇش ئۈچۈن ئۇدا تېرىشىش ۋە ھەرخىل ئېزىقتۇرۇشلارغا تاقابىل تۇرۇش كېرەك.


【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读0
粉丝0
内容662