
ماتېرىيال:تۇرۇپ بىر دانە، سۇڭپىياز ئېقى 6 تال، زەنجىۋىل 15 گرام
تەييارلاش ئۇسۇلى:3 چىنە سۇ قۇيۇپ تۇرۇپنى قاينىتىپ ئاندىن ئۈستىگە سۇڭپىياز ۋە زەنجىۋىلنى سېلىپ سۈيى تاكى بىر چىنە قالغانغا قەدەر داۋاملىق قاينىتىپ تەييارلايمىز. ئاندىن بۇنى كوكاتلىرى بىلەن قوشۇپ بىر قېتىمدا ئىستېمال قىلىمىز
قاراشېكەر، زەنجىۋىل ۋە چىلان
ماتېرىيال:قارا شېكەر 30 گرام، زەنجىۋىل 15 گارم، چىلان 30گرام
تەييارلاش ئۇسۇلى:يۇقارقى خۇرۇچلارنى 3 چىنە سۇغا سېلىپ سۇنىڭ يېرىمى قالغىچە قايناتقاندىن كېتيىن بىر قېتىمدىلا ئىستېمال قىلىش كېرەك، ئىچكەندىن كېيىن تەرلىسە كېسەل ياخشى بولۇپ كېتىدۇ
نەشپۈت بىلەن سوغىگۈل
ماتېرىيال:يېڭى نەشپۈت 500 گرام، سوغىگۈل تالقىنى 6 گرام، ئاق شېكەر 30 گرام
تەييارلاش ئۇسۇلى:نەشپۈتنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ ئويۇۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىچىگە سوغىگۈل تالقىنى ۋە ئاق شېكەرنى سېلىپ كېسىپ ئالغان قىسمىنى ياپقاندىن كېيىن قاچىغا سېلىپ ھوردا دۈملەپ پىشۇرىمىز، ئاندىن ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىستېمال قىلىمىز
ئاق تۇرۇپ ۋە ھەسەل
ماتېرىيال:ئاق تۇرۇپ بىر دانە، ھەسەل 30 گرام، ئاقمۇچ 5 د
انە، چاكاندا 2 گرام
تەييارلاش ئۇسۇلى:تۇرۇپنى يۇيۇپ يالپاغداپ توغراپ قاچىغا سېلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەسەل، ئاقمۇچ ۋە چاكاندىلارنى سېلىپ ھوردا دۈملەپ يېرىم سائەت پىشۇرغاندىن كېيىن قىزىقىدا ئىستېمال قىلىمىز
تۇرۇپ ۋە قارىمۇچ
ماتېرىيال:تۇرۇپ بىر دانە، ئاقمۇچ 5 تال، زەنجىۋىل 3 يالپاق، ئاپېلسىن پوستى 1 دانە
تەييارلاش ئۇسۇلى:يۇقارقى خۇرۇچلارنى سۇغا سېلىپ يېرىم سائەت قايناتقاندىن كېيىن سۈيىنى كۈندە 2 قېتىم ئىچىپ بېرىمىز
كۈندە 2 قېتىم ئىچىپ بېرىمىز
پۇرچاق سۈتى ئۆپكىنى سىلىقلاپبەلغەم بوشىتىدۇ
ماتېرىيال:سېرىق پۇرچاق، ناۋات
تەييارلاش ئۇسۇلى:سېرىق پۇرچاقنى سۇغا چىلاپ يۇمشىغاندا سۈيىنى چىقارغاندىن كېيىن، سۈيىنى قاينىتىپ ئۈستىگە ناۋات سېلىپ ئىستېمال قىلىمىز، ھەر كۈنى سەھەردە ئاچ قورساققا بىر چىنىدىن ئىستېمال قىلىش كېرەك
پۇرچاق ئۇيۇتمىسى ۋە قارا شېكەرماتېرىيال:دوفۇ 500 گرام، قارا شېكەر ۋە ئاق شېكەردىن
ھەر بىرىدىن 100 گرام
تەييارلاش ئۇسۇلى:دوفۇدىن بىر تۆشۈك ئېچىپ، تۆشۈك كە قارا شېكەر ۋە ئاق شېكەرلەرنى سېلىپ ئاندىن ئۇنى ھورلاندۇرۇپ يېرىم سائەت پىشۇرغاندىن كېيىن بىر قېتمدا ئىستېمال قىلىمىز، بۇنى ئۇدا 4 كۈن ئىستېمال قىلىش كېرەك
كۈنجۈت ۋە ناۋات
ماتېرىيال:خام كۈنجۈت 15 گرام، ناۋات 10 گارم
تەييارلاش ئۇسۇلى:كۈنجۈت بىلەن ناۋاتنى قاچىغا سېلىپئۈستىگە قايناقسۇ قۇيغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلساق
بولىدۇ
نەشپۈت بىلەن ھەسەل ئۇزۇن يۆتىلىشنى داۋالايدۇ
ماتېرىيال:چوڭ ئاق نەشپۈتتىن بىر دانە، ھەسەل 50 گرام
تەييارلاش ئۇسۇلى:نەشپۈتنى ئوتتۇرىدىن ئويۇپ ئۇنىڭ ئىچىگە ھەسەل قۇيۇپ دۈملەپ پىشۇرىمىز، ئاندىن بۇنى ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ۋە كەچتە بىر تالدىن ئۇدا بىر نەچچە
كۈن ئىستېمال قىلىمىز
نەشپۈت بىلەن گۈلسامساق شورپىسىئۆپكىنى سىلىقلايدۇ
ماتېرىيال:گۈلسامساق 25 گرام، نەشپۈت بىر دانە، ھەسەل 20 گارام
تەييارلاش ئۇسۇلى:گۈلسامساقنى بىر كېچە سۇغا چىلاپقويغاندىن كېيىن، ئىككىنچى كۈنى ئۇنىڭ سۈيىنى
گۈلسامساق بىلەن قوشۇپ يەل قازانغا سېلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە يېرىم چىنە سۇ قۇيغاندىن كېيىن بىر بيېرىم سائەت قاينىتىمىز، گۈلسامساق پىشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈستىگە يالپاغداپ توغرالغان نەشپۈت بىلەن ناۋاتنى سېلىپ يەنە يېرىم سائەت قاينىتىپ ئىستېمال قىلىمىز

