大数跨境

توي كۈنى يېشىلگەن سىر

توي كۈنى يېشىلگەن سىر dastur
2017-02-07
5
导读:توي كۈنى يېشىلگەن سىرئىككى ئاغىنە بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ



 


توي كۈنى يېشىلگەن سىر

ئىككى ئاغىنە بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ بىرى ناھايىتى پۇلدار بايۋەچچە، يەنە بىرى ئىنتايىن نامرات بولۇپ خەقلەر دىۋانە دەيدىكەن، ئۇلار ئىككىسىنىڭ قىرىنداشلىق مېھرى ئىنتايىن چوڭقۇر ئىكەن، خۇددى بىر ئائىلە كىشلىرىدەكلا.......

بىر كۈنى ئۇلار پاراڭلىشىپ ئولتۇرغۇچە باي ئاغىنىسى كەمبەغەلدىن سوراپتۇ :" سەن مەن ئۈچۈن ھاياتىڭنى تەقدىم قىلالامسەن؟" دەپ سوراپتۇ. ئۇ كەمبەغەل ئىنتايىن سالماقلىق بىلەن دەپتۇ :" مەن خالايمەن". ئۇ يەنە سوراپتۇ :" سەن ئۆزۈڭ توي قىلىدىغان قىزنى ماڭا بەرگىن". كېيىن ئۇ كەمبەغەل قىز دوستىنى بايغا ئۆتۈنۈپ بېرىپتۇ، ئۇ ئىككىسى توي قىپتۇ.

كېيىنچە ئۇ كەمبەغەلنىڭ خىزمىتى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولماي ئىش ئورنىدىن قاپتۇ. ئۇ ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئۇنىڭ ياخشى ئاغىنىسى ھىلىقى باينى ئىسىگە ئاپتۇ، ئۇ باي دوستىنى ئۆزىنىڭ شىركىتىدىن بىر كىشلىك خىزمەت بىرىدۇ دەپ ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئىزدەپ بېرىپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولماپتۇ، ئۇ باي كاتىپىنى ئۇ كەمبەغەل بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى دەپ قويۇشنى ئېيتىپتۇ. ئۇ كەمبەغەل ئىچىدە شۇنداق ئۈمىدسىزلىنىپتۇ، ئويلاپتۇ-دە :" مىنىڭچە ئۇ مىنىڭ ئەڭ ياخشى ئاغىنەم تۇرۇپ ماڭا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلدى، مىنىڭ ئەمدى ئۇنى ئاغىنە يوق دەپ كۆڭلى يىرىم ھالدا ئۆيگە قايتىپتۇ.

ئۆيگە قايتىش يولىدا ئۇ يولدا بىر بوۋاينىڭ بىر ماشىنا تەرىپىدىن سوقۇلۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپتۇ، ئۇ بوۋاي يىقىلىپ چۈشۈپتۇ، ئەمما ئۆلمەپتۇ. ئۇ بۇ بوۋاينى قۇتقۇزۇپ قاپتۇ. بوۋاي ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن مال-مۈلۈكىنىڭ يىرىمىنى ئۇنىڭغا بۆلۈپ بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ پۇلدار ئادەمگە ئايلىنىپتۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھىلىقى پۇلدار ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىنىڭ قىشىدىن بىر چوڭ ئۆي سېتىۋاپتۇ. ۋاقىت كۈنلەپ-كۈنلەپ ئۆتىۋىرىپتۇ. بىر كۈنى ئۇ ئۆيدە ئولتۇرسا بىر قىرى موماي كىلىپ ئۇنىڭ ئىشىكىنى چىكىپتۇ، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئازراق پۇل بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. ئۇ بۇ مومايغا شۇنداق ئىچى ئاغرىپتۇ، ئاندىن ئۇ مومايغا دەپتۇ:" سىز مىنىڭ ئۆيۈمدە قىلىپ ئۆي ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى بولۇشنى خالامسىز؟" ئۇ موماي بۇ گەپنى ئاڭلاپ شۇنداق خۇشال بولۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قاپتۇ. ئۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بارا-بارا ئانا بالىلىق مۇناسىۋىتىگە ئايلىنىپ قاپتۇ. ئۇ بۇ موماينى شۇنداق ھۆرمەت قىلىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ موماي بۇ يىگىتتىن توي قىلىدىغان لايىقى بار-يوقلۇقىنى سوراپتۇ، ئۇ لايىقى يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، موماي دەپتۇ:" مەن بىر قىزنى تونۇيمەن، ئۇنى ساڭا تونۇشتۇرۇپ قوياي" دەپتۇ. ئۇ موماينىڭ خاپا بولۇشىدىن ئەنسىرەپ ماقۇل بولۇپتۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئۇ ھىلىقى قىز بىلەن بارا-بارا بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ دە توي قىلماقچى بولۇپتۇ. ئۇ ھىلىقى قوشنىسى باي ئاغىنىسىدىن باشقا ھەممە تونۇشلىرىنى چاقىرىپتۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ يەنىلا چىدىماي ئۇ ئاغىنىسىنىمۇ چاقىرىپتۇ.

ئۇ توي قىلىپتۇ، ئۇ كىلىنچەك بىلەن ئۇسسۇل ئويناۋاتقان چاغدا بۇرۇنقى ئاغىنىسىنىڭ ئۇ ئىككىسىگە قاراپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ چىدىماي مىكروڧوننى قولىغا ئېلىپ :" بۇرۇن مىنىڭ بىر ئاغىنەم بار ئىدى، ئۇ مەندىن توي قىلىدىغان قىزىمنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ئېيتتى. بىراق مەن ئىش ئورنۇمدىن قىلىپ ئۇنىڭ يىنىغا خىزمەت ئىزدەپ باردىم، لىكىن ئۇ كاتىپىغا ئۆزىنى يوق دېگۈزدى. ئۇ بۇندىن كېيىن مىنىڭ ئاغىنەم ئەمەس....." دەپتۇ. بۇ چاغدا ئۇ باي ئاغىنىسىمۇ چىدىماي مىكروڧوننى قولىغا ئېلىپ :" بۇرۇن مىنىڭ بىر ئاغىنەم بار ئىدى، ئۇنىڭ توي قىلىدىغان لايىقى بىر پاھىشە ئىدى، بىراق ئۇ بۇنى بىلمەيتتى، مىنىڭ ئۇ قىز بىلەن توي قىلىشىم ئۇنىڭ نام-ئابرويىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىدى. كېيىن ئۇ مىنىڭ شىركىتىمگە كىلىپ ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك خىزمەت بېرىشنى ئېيتتى.

بىراق مەن ئاغىنەمنىڭ مىنىڭ قول ئاستىم بولۇپ قىلىشىنى خالىمىدىم، شۇڭا كاتىپىمغا مىنى يوق دەپ قويۇشنى ئېيتتىم. كېيىن مەن دادامنى ئويۇن ئوينىغۇزۇپ ئۆلگەن قىياپەتتە يولدا يىتىۋىلىشنى ئېيتتىم. مەن ئۇنىڭ ئۇ بوۋاينى قۇتقۇزىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، ئۇ قۇتقۇزۇۋالدى، كېيىن مەن دادامنىڭ نامى بىلەن مال-مۈلۈكۈمنىڭ يىرىمىنى ئۇنىڭغا بەردىم. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئانامنى ئويۇن ئويناتقۇزۇپ ئۇنى بىر تىلەمچى قىياپىتىگە كىرگۈزدۈم. ئانام ئۇنىڭ ئۆيىگە بىر ئۆي ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى بولدى، كېيىن مەن ئانامنىڭ نامى بىلەن ئۇنىڭغا سىڭلىمنى تونۇشتۇرۇپ قويدۇم. بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغىنى دەل مىنىڭ ئۆز سىڭلىم." دەپتۇ.

ھىكايە سۆزلىنىپ بۇ يەرگە كەلگەندە مەن شۇنى ئېيتماقچى:" ھەقىقىي دوستلۇق باي نامرات ۋە ئابروينىڭ ئىگىز پەس بولۇشىدا ئەمەس، ئاغىنە بولۇپ ئۆتۈشنىڭ ئۆزىلا كىچىك ئىش ئەمەس.

ھاياتىڭىزدىكى ياخشى دوست ئاغىنىلىرىڭىزنى ئوبدان قەدىرلەڭ، گۇمان قىلماڭ، خاتا چۈشەنمەڭ.

دوستلار ئارىسىدا ئىشەنچ-دوستلۇق مېھىر-مۇھەببەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ يىلتىزى


【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读2.3k
粉丝0
内容662