
1.يېرىم پىيالە شوخلا سۈيىنى يېرىم پىيالە تاۋۇز سۈيىگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە،قىزىتمىنى قايتۇرىدۇ.
2.تەرخەمەكنى مۇۋاوىق مىقداردا يەپ بەرسە،ئۇسۇزلىقنى پەسەيتىدۇ،قىزىتمىنى قايتىرىدۇ.
3.تەرخەمەكنى تۇز بىلەن قۇشۇپ يەپ بەرسە،قىزىتمىنى قايتۇرىدۇ.
4.تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزىنى ئېزىپ شىرسىنى چىقىرىپ ئىچىپ بەرسە،قىزىتمىنى قايتۇرىدۇ.
5.كىچىك بالىلار قىزىپ قالغاندا پىشانىسى،قولتۇقى،قورسىقى،كاسىسى قاتارلىق جايلارغا ئاق ھاراقنى سۈركەپ بەرسە،بالىنىڭ تېمپېراتۇرسىنى ۋاقتىنچە تۆۋەنلىتىپ،بالىنى قاتتىق قىزىشتىن كېلىدىغان خەۋپتىن ساقلاپ قالىدۇ.
6.سۆگەت يوپۇرمىقىنى ئېزىپ ئالقان،چېكە قىسىملىرىغاچاپا،بەدەندىكى يۇقىرى قىزىتمىنى دەرھال ياندۇرىدۇ.
7.قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەنلەر پىياز،زەنجىۋىلنىڭ ھەر بىرىدىن 15 گرام،ئاشتۇزىدىن 3 گرام ئېلىپ ئېزىپ ئارىلاشتۇرۇپ،خېمىر ھالەتكە كەلتۈرۈپ،ئاندىن داكىغا ئوراپ،كۆكرەك،دۈمبە،تاپان،ئالقان قاتارلىق جايلارغا سۈرتۈپ بەرسە،قىزىتمىسىنى ياندۇرىدۇ.
8.قىزىتمىسى ئۆرلەۋاتقان كىشلەر نەشپۈت،ئاپېلسىن قاتارلىق سۇلۇق مېۋىلەرنى يېسە مەنپەئەت بۇلىدۇ.
9.نېلۇپەر غوزىسىدىن 3 دانە،ئەينۇلا،چىلانلارنىڭ ھەر بىرىدىن 15 دانىدىن،تەمرىھىندىدىن 30 گرام،بىنەپشە گۈلىدىن 15 گرام ئېلىپ چالا سوقۇپ،1 كىلوگرام سۇغا 1 سوتكا چىلاپ،ئاندىن قاينىتىپ مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە مەلۇم مىقداردا ئىستىمال قىلسا،مڭىنى سەگەكلەشتۈرۈپ كۆڭۈلگە خۇشلۇق كەلتۈرىدۇ،ئاشقازان خىزمىتىنى نۇرماللاشتۇرىدۇ.جىگەرنى كۈچلەندۇرۈپ قان ۋەسەپرادىن بولغان تەرتىپسىز قىزىتمىغا شىپا بپلىدۇ،
10.سەندەل،قىزىلگۈللەردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ،قاينىتىپ،تاتلىقىنى چىقىرىپ،كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلسا،تەرتىپسىز قىزىتمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
11.يېزىخۇدىن 30 گرام،بىنەپشە گۇلىدىن 9 گرام،ئەپتىمۇندىن 6 گرام،چىلاندىن 21 دانە ئېلىپ،600 مىللىلىتىر قايناق سۇدا يېرىم سائەت دەملەپ سۈزۈپ،كۈندە 3 قېتىم،ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلىش بىلەن بىرگە ئوندان تەرلەنسە،ئۆتكۈر سەپرا خلىتىنڭ تەسىرىدىن بولغان ھەرخىل تىلما كېسەللىگى ، پۈتۈن بەدەن سىرقىراپ ئاغرىش ، باش چىڭقىلىش ، ئاغرىش ، يۇقىرى قىززىتما قاتارلىقلارغا شىپا بۇلىدۇ .
ئەسكەرتىش:بىر ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا تۇز بىرىپ قىززىتمىسىنى ياندۇرۇشقا بولمايدۇ.



