大数跨境

يا كەل ، يا كەت....

يا كەل ، يا كەت.... dastur
2018-07-05
5


يا كەل ، يا كەت

گۈزەلنۇر ئىدىرىس سەباھ

ھاياتىڭدا مەن بار دېمە


ھاياتىمدا ئاخىرغىچە بولالماسلىققا كۆزۈڭ يەتسە.


ماڭا ئۈمۈد بەرمە


يۈرەك يېرىلىدۇ ئۈمۈدسىزلەنسە.


چاچلىرىمنىڭ تال-تېلىغا  مىڭلارچە ئۈمۈدنى چىگىپ،


سۆيگۈ دەرىخىمنىڭ شاخ-شېخىنى سەن ئۈچۈن ئېگىپ


سېنى مەجنۇنلارچە سۆيىۋاتىمەن.


تەغدىر شامىلى


ھىجران شامىنى پۈۋلەپ ئۆچۈرەلمىسە كېرەك يوق


ھايات گۈلخانى

ساڭا سۆيگۈ ئوتىنى تۇتاشتۇرۇپ كۆيدۈرەلمىسە كېرەك يوق


بارلىقىڭنى بارلىقىم بىلەن سۆيۈشكە ئەھدە قىلغان قەلبىم


مۇزلىغان يۈرىكىڭنى ئېرىتەلمىسە كېرەك يوق


ئەمما


ئاداققى غورۇرۇمنى قايرىپ قويۇپ


مەغرۇرلۇقىمنىڭ كۆزلىرىنى كېسىپ ئويۇپ


تەكرار -تەكرار ياماق چۈشكەن جەندە يۈرىكىمنى ئالدىمغا يېيىپ تۇرۇپ


سەندىن ئۆتۈنەي


يا كەل سۆيگىن، سۆيۈلەي ! 


يا كەت ،تاشلا ۋە ئارقاڭغا قارىما ! 


لېكىن


ئاسمان زېمىنغا نالەم يەتسۇنكى


سۆيۈش ۋە سۆيمەسلىكنىڭ چېگراسىدا تۇرىۋالما...



【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读0
粉丝0
内容662