大数跨境

يات جىنسلىقلار مۇناسىۋېتى يېقىن بۇلسىمۇتۆۋەندىكىدەك ئىش بولمىسۇن

يات جىنسلىقلار مۇناسىۋېتى يېقىن بۇلسىمۇتۆۋەندىكىدەك ئىش بولمىسۇن dastur
2018-06-30
0
导读:يات جىنىسلىق دوستلار مۇناسىۋىتى ھەرقانچە يېقىن بولسىمۇ

يات جىنىسلىق دوستلار مۇناسىۋىتى ھەرقانچە يېقىن بولسىمۇ ، تۆۋەندىكى 4 ئىشنى قىلىشقا بولمايدۇ !

    

(1) ئىمكان قەدەر يالغۇز بىرگە تۇرۇپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ

يات جىنىسلىق دوستلار ، مۇناسىۋىتى ھەر قانچە يېقىن بولسىمۇ ، ئىمكان قەدەر يالغۇز بىرگە تۇرماسلىقى لازىم . ئويلىنىپ باقسىڭىز بۇلىدۇ : كىچىككىنە بوشلۇق ، ھاۋا ئىللىق كەيپىياتقا تولغان ، بىر بىرىگە ئازدۇر كۆپتۇر ياخشى قارىشى بولغان ئەر ئاياللار بىر بوشلۇقتا يالغۇز تۇرغۇنىدا ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بىربىرىگە قارىتا ھىسيات تۇغۇلۇپ ،ئاسانلا قىزىققانلىق قىلىپ سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويىدىغان ئەھۋال بۇلۇپ قالىدۇ ۋە ئىككى تەرەپنىڭ نىكاھىغا خەۋپ ئېلىپ كىلىدۇ .

 

مۇبادا سىزنىڭ يات جىنىسلىق دوستىڭىز بىلەن بىرگە بۇلىدىغان ۋاقتىڭىز ، نىكاھتىكى جۈپتىڭىز بىلەن بىللە تۇرىدىغان ۋاقتىڭىزدىنمۇ كۆپ بولسا ، بىرەر ئەھۋال كۆرلۈپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى تېخىمۇ يۇقىرى بۇلىدۇ . شۇڭلاشقا يات جىنىسلىق دوستىڭىز بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش جەريانىدا ،بىخەتەر ئارلىقنى ساقلاپ ، ئۆزىڭىزگە ۋە ئۆزىڭىزنىڭ نىكاھىغا مەسئۇل بۇلۇشىڭىز كىرەك .

(2) يات جىنىسلىق دوستىڭىزغا دەرت ئېيتماڭ

سىز ئائىلىڭىزدە جۈپتىڭىز بىلەن خاپا بۇلۇشۇپ قالغان تەقدىردىمۇ ، يات جىنىسلىق دوستىڭىز ياكى خىزمەتدېشىڭىز ئالدىدا بۇ توغرۇلۇق دەرت تۆكمەڭ . ئەگەر سىز يات جىنىسلىق دوستىڭىز ياكى خىزمەتدېشىڭىز ئالدىدا ئائىلىڭىزدىكى ھەمرىيىڭىزغا بولغان نارازىلىقىڭىز ياكى ئائىلىدە ئۇچرىغان ئۇۋالچىلىقىڭىزنى سۆزلەپ دەرت تۆكسىڭىز ، ئەگەر قارشى تەرەپ گەپكە ئۇستا ھەم سىزگە ماسلىشىدىغان ئادەم بۇلۇپ قالسا ، ئۇنىڭ قىلغان ھەر بىر سۆزى سىزنىڭ يۈرەك پارىڭىزغا تىگىپ ، سىزگە ئۆزىڭىزنى ھەقىقى چۈشىنىدىغان بىرسىگە يولۇققاندەك ھىس تۇيغۇسى بىرىدۇ . ئەمما بۇخىل ھالەت داۋاملىق داۋاملىشىۋەرسە ،خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولماي قالىدۇ ، شۇڭلاشقا ۋاقتىدا ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋىلىشىڭىز كىرەك .

(3) يات جىنىسلىق دوستلىرىڭىز بىلەن ھەددىدىن زىيادە چاقچاقلاشماڭ

كۆپ ۋاقىتلاردا ئاز تولا چاقچاقلاشقاننىڭ ھېچۋەقەسى يوق ،چاقچاقلىشىش كەيپىياتنى كۆتۈرۈپ ، بىر بىرىنىڭ ئارلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇشقا پايدىلىق ؛ ئەمما يات جىنىسلىق دوستلار ئوتتۇرسىدا چوقۇم چاقچاقلىشىشنىڭ چېكى بۇلۇش كىرەكلىكىنى ئەستىن چىقارماڭ . بەزى چاقچاقلارنى قىلىشقا بۇلىدۇ ، ئەمما بەزى چاقچاقلارنى ھەرگىز قىلىشقا بولمايدۇ . مەسىلەن : بەزى " سېرىق " تۈردىكى چاقچاقلا كۆپ بولغاندا ، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ، ئاسانلا مۇھەببەت نوتىلىرى شاخلاپ قېلىش ئىھتىماللىقى بۇلىدۇ ؛ نۇرغۇنلىغان نىكاھتىن سىرتقى مۇھەببەتلەر مۇشۇنداق مۇھەببەت نوتىلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ . بۇلۇپمۇ ئاياللار بۇ جەھەتتە تېخىمۇ دىققەت قىلىشى ، قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان چاقچاقلارنى قىلماي ، نىيتى بۇزۇق ئەرلەرگە پۇرسەت يارىتىپ بەرمەسلىگى كىرەك .

 

(4) بەدەن تىگىشىپ قالىدىغان ئەھۋالدىن ساقلىنىڭ

بۇ تارماق تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئەھۋال بۇلۇپ ، ئاياللارنىڭ دىققەت قىلىشى بەكرەك لازىم بۇلىدۇ . ئەگەر سىز بىرەر ئەر خىزمەتدېشىڭىز بىلەن يېقىن تۇرغىنىڭىزدا ، ئۇ خىزمەتدېشىڭىز پۇرسەت تېپىپ قوللىرىڭىزنى سىلايدىغان ، مۈرىلىرىڭىزگە قوللىرىنى ئارتىلدۇرىغان ئەھۋاللار بۇلۇپ قالىدۇ ؛ خىزمەتدېشىڭىز بىرىنچى قېتىم بۇنداق قىلغاندا سىز كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلىشڭىز كىرەك ، شۇنداق  قىلغىنىڭىزدا ئۇ ئىككىنچىلەپ بۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ . ئەگەر بىرىنچى قېتىمدا كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلمىسىڭىز ،ئۇلار بارغانسىرى ھەددىدىن ئېشىپ كىتىدۇ 


ئەسكەرتىش:سالونىمىز ئەسەرلىرىنى قالايمىقان ئۆزگەرتىپ، سالونىمىزنىڭ رۇخسىتىسىز كۆچۈرمەڭ! مەنبەنى 

ئەسكەرتمەي تۇرۇپ كۆچۈرۈسىڭىز بىۋاستە پاش قىلىندۇ!  ئەلى قۇربان   سالونى تارقاتتى، ڭ   

【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读0
粉丝0
内容662