
ئەرلەر دورىغا تايانمايمۇ بۇ 3 يېمەكلىك بىلەن جاسارەتكە تولىدۇ
بەزى ئەرلەر 40 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، تېنى بارغانسېرى ئاجىزلاپ ، ئادەتتە جىنسىي تۇرمۇشقىمۇ قىزغىنلىق كەمچىل ، دائىم ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوقتەك ھېس قىلىپ ، ھالقىلىق پەيتتە ، ئەرلىك ئىقتىدارىنى دېگەندەك جارى قىلدۇرالماي ، قىسمەن ئاياللارنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرايدۇ .
بىر قىسىم ئەرلەر ئۆزىنىڭ ئەرلىك ئىقتىدارى تۆۋەنلەشكە باشلىغانلىقىدىن گۇمانلانغاندا، تۈرلۈك تۈمەن بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، جىنسىيەتنى كۈچەيتكۈچى دورىلارغا تايانماقچى بولىدۇ، لېكىن بۇ خىل دورىلارنى قالايمىقان، ئۇزاق مەزگىل يېگەندىن كېيىن ، بەدەنگە چوڭ زىيىنى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەزى يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، باھنى كۈچەيتىپ، ئەرلەرگە تەبىئىي قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ .
1، تۇخۇم
تۇخۇم تەركىبىدە خولېستېرىن بار ، بۇرۇنقى كىشىلەر خولېستېرىن سالامەتلىككە زىيانلىق دەپ قارىغان ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدىكى خولېستېرىن ، ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ ، ھەمدە ئۇرۇقنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ، بىر قىسىم بالىلىق بولۇش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەرلەر چوقۇم كۆپرەك تۇخۇم يېيىش كېرەك ، بۇنداق بولغاندا ئۇرۇقنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ . تۇخۇمنى كۆپ يېيىشنىڭ سالامەتلىككە كۆپ پايدىسى بار بولۇپ، ۋىتامىن تولۇقلاپلا قالماستىن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ، باھنى كۈچەيتىش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرىدۇ ، بىر ئىشتىن ئىككى ئۈنۈم ئالماق دېگەن شۇ.
2، سەۋزە
تۇخۇمنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، ئەرلەر يەنە ۋىتامىن مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك ، ۋىتامىن مول بولغان يېمەكلىكلەر ئىنتايىن كۆپ ، سەۋزە بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىلى ، سەۋزە تەركىبىدە ۋىتامىن A ئىنتايىن مول ، ۋىتامىن A نى كۆپرەك يەپ بەرسە باھنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ . ئەگەر بەزى ئەرلەر بەدىنىنىڭ ئاجىزلىغانلىقىنى ھېس قىلسا ، ئادەتتە جىنسىي تۇرمۇش ناھايىتى قولاشمايدۇ ، سەۋزىنى دۈملەپ شورپا قىلىپ ئىچسە بولىدۇ ، بۇ ئۇسۇل ناھايىتى ئۈنۈملۈك .
3، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىك
ئۇنىڭدىن باشقا ئەرلەر تەركىبىدە ئاقسىل بار يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش ئىنتايىن زۆرۈر ، ئەمەلىيەتتە يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىك سالامەتلىككە ناھايىتى پايدىلىق ،
لېكىن ھازىر كىشىلەر ئىستىمالى بەك موللىشىپ كەتكەچكە ، ئەكسىچە نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ ، شۇڭا بەزىلەر ئادەتتە گۆش يېمەيدۇ ، ئەرلەرنىڭ باھنى كۈچەيتىشى ئۈچۈن چوقۇم گۆش يېيىش زۆرۈر .
جىنسىي تۇرمۇش ئەر - خوتۇنلۇق تۇرمۇشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. بەزى بەدەن ساپاسى تۆۋەنلەشكە باشلىغان ئوتتۇرا ياش ئەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ، ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يېتىشمىگەن چاغلاردا، بەزى مۇسپىيلىكىنى قوزغىتىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ سىناپ باققاننىڭ زىيىنى يوق . ئەگەر بۇ جەھەتتىكى كۈتۈنۈشكە ئەھمىيەت بەرگەن شارائىت ئاستىدىمۇ يەنىلا روشەن بىنورماللىق ھېس قىلىنسا، ئۇ ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ ئەرلەر كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە كۆرۈنۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز ، بەلكىم مەلۇم ئەزالارنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك سەۋەبىدىن كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنسىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش بولۇشىمۇ مۇمكىن .
مەزمۇن يارىغان بولسا، بىزنى قوللاشنى خالىسىڭىز ئاستىدىكىبەلگىسىنى بېسىشنى ئۇنۇتماڭ!
●●●






بەلگىسىنى بېسىشنى ئۇنۇتماڭ!