
ئەر كىشى ھەر قانچە نوچى بولسىمۇ سىرتقا چىققاندا كىيىدىغان بۆكىنىڭ رەڭگىنى خوتۇنى بەلگىلەپ بېرىدۇ
ئايال كىشى ھەر قانچە چىرايلىق بولسىمۇ يۈزى تۆۋەن بولمىسا تەييار چۆپتىن چىققان چىۋىندەك ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ
ئاتا ـ ئانىڭىز ھەر قانچە ئەسكى بولسىمۇ سىزنى بېقىپ چوڭ قىلدى، ئۇ يەنە ئىشىكنى چوڭ ئېچىپ سىزنىڭ ئۆيگە قايتىپ كېلىشىڭىزنى ھەر ۋاقىت كۈتىدۇ، شۇڭا ئاتا ـ ئانىڭىزنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەڭ
ھېسسىياتىڭىز ھەر قانچە چوڭقۇر بولسىمۇ، سۈركىلىش بولىۋەرسە ھامان بىر كۈنى دەز كېتىدۇ
ھەر قانچە ئەخمەقلىق قىلغان بولسىڭىزمۇ، بۇ دۇنيا شۇنداق چوڭ بولغاچقا، ئۇچىغا چىققان ئەخمەقلىق بەرىبىر سىزگە تەگمەيدۇ، شۇڭا خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسىڭىز جىددىيلىشىپ كەتمەڭ، تۈزەتسىڭىز بولدى
سىزگە قولىنى ئۇزاتقان ئادەمنىڭ سىزنى تارتىۋېلىشى ناتايىن، بۇ ئۇنىڭ پەقەت سىزگە سالام قىلىپ قويغىنى خالاس، ئادەم يەنىلا ئۆزىگە تايىنىش كېرەك
مۇھەببەت گەرچە شىرىن بولسىمۇ ئادەمنى ئوڭاي زەخمىلەندۈرىدۇ، بىراق سىز ئۇنى ئوڭاي بولدى قىلىدىكەنسىز بىر ئۆمۈر ئازابقا قالىسىز
ھەر قانچە پۇلدار بولسىڭىزمۇ ئاتا ـ ئانىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسىڭىز باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىسىز
تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلماڭ
ھەر كۈنى بىر سائەت ئەتراپىدا مېڭىپ بېرىڭ
مايسىز يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلىنىڭ، قورۇغان يېمەكلىكنى ئاز يەڭ، بولۇپمۇ كەچلىكى تاماقنى ئاز يەڭ
باشقىلارغا قالايمىقان باھا بەرمەڭ، باشقىلارغا قىلىۋالدىم، ئېتىۋالدىم دېمەڭ، بولمىسا بىر كۈنى ئۆزىڭىزگە يېنىپ قالىدۇ
باشقىلار يەۋاتقان نانغا چاڭ سالماڭ، باشقىلارنىڭ نېنىنى ئۆزىڭىزنىڭ قىلىۋالماڭ
ھەر قانچە باھادىر بولسىڭىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالماڭ



