

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ


تېرىنى ئوزۇقلاندۇرۇش، رەڭ ماددىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىششىق ياندۇرۇش، يەل تارقىتىش، ھەيز راۋانلاشتۇرۇش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، پەيلەرنى چىڭىتىش، تېرىگە جۇلا بېرىش، سۈت پەيدا قىلىش، سۈيدۈك ھەيدەش، چاچنى قارايتىش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
خاس تەسىرى: تېرىنى ئوزۇقلاندۇرۇش، قىزارتىش، تېرە رەڭ ماددىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
ئەكىس تەسىرى: ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە ۋە بۆرەككە زىيان قىلىدۇ
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
1. ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە ئىشلەتكەندە، سىركىگە چىلاپ ئىشلىتىش كېرەك.
2. بۆرەككە زىيانلىق بولۇپ، كەتىرا قوشۇپ بېرىلسە، بۆرەككە بولغان زىيانلىق تەسىرى ئازىيىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابىتىدە يەككە ھالەتتە ياكە مۇناسىپ دورىلار بىلەن قوشۇلۇپ قورساق ئېسىلىش، زۇكام، قولۇنجى، سۇلۇق ئىششىق، ھەيز تۇتۇلۇش، پەي بوشاپ كېتىش، مېڭە ئاجىزلىقى، ئۇنتۇغاقلىق، پالەچ، تىترىمە كېسەل، چاچ ئاقىرىپ كېتىش، بەرەس قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
سىيادان يەنە سوغۇقتىن بولغان يۆتەلگە، كۆكرەك ئاغرىقى، نەپەس سىقىلىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، تال، جىگەر كېسەللىكىگە شىپا قىلىدۇ،
سىياداننى كۆيدۈرۈپ ئۆينى ئىسلىسا، ھەرخىل زىيانلىق ھاشارەتلەر قاچىدۇ.
سىياداننى ھۆل پېتى پۇراپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى ۋە زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سىيادان ئۈچەيدىكى تۈرلۈك قۇرۇتلارنى چۈشۈرىدۇ.
سىياداننى دائىم نانغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا بەدەننىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

بارماق ئىزىنى بىسىپ تۇرۇپ سالوننى قۇشۇڭ


