

قايغۇرماڭ، سىزنى سۆيىدىغان بىرى بار

تۇرمۇش ھەرخىل بېسىم، ئازابلارغا تولغان، ئولتۇرۇپ يىغلىۋالغۇمىز كېلىدۇ.

لېكىن بەزىدە ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن، كۆرگەن - ئاڭلىغان كىچىككىنە ئىشلارمۇ كۆڭلىمىزنى ئىللىتىپ، دۇنيانىڭ ئىللىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

ئۆزىمىزنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىمىزنى، بىزگە كۆيۈنىدىغانلارنىڭ بار ئىكەنلىكىدىن سۆيىنىمىز.

تۇرمۇشتا ھەر ۋاقىت خۇشال ئۆتىمەن دېيەلمەيمىز.

لېكىن ئەتراپىمىزدا بىزگە مېھرىنى بېرەلەيدىغان، بىزگە مەدەت بېرەلەيدىغان، قىيىن كۈنلەردە ھەمراھ بولالايدىغان كىشىلەر چوقۇم بار.

دۇنياغا مېھرىڭىزنى بېرىڭ، شۇندىلا دۇنيانىڭ مېھرىنى ھېس قىلالايسىز.



