大数跨境

قوناق ساقىلى بىلەن چاي دەملەپ ئىچكەندە كۆرۈلگەن مۆجىزە

قوناق ساقىلى بىلەن چاي دەملەپ ئىچكەندە كۆرۈلگەن مۆجىزە dastur
2018-07-27
2




بۈگۈنكى باش تېما تورى، ساغلاملىق قانىلى خەۋىرى، سەرۋان سالونى تەرجىمىسى:

تۇنجى قېتىم كۆممىقوناق ساقىلىنىڭ شىپالىق رولىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىشىڭىزغۇ دەيمەن؟ دەرۋەقە مېنىڭمۇ تۇنجى قېتىم كۆممىقوناق ساقىلىنىڭ قان بېسىمنى چۈشۈرۈش ۋە دىئابىت كېسىلىنى تېزگىنلەش رولىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىشىم. دەرۋەقە كۆممىقوناق ساقىلىنى چايغا دەملەپ ئىچىپ بەرگەندە قان بېسىم ئىزچىل نورمال سەۋىيەنى ساقلايدىغان بولۇپ، يەنە كېلىپ دىئابىت كېسىلى بىمارلىرى ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە قان شېكرىنى  تىزگىنلەپ كېسەللىكنى تىزگىنلەيدىكەن. ياز مەزگىلى كىرىپ بولدى كۆممىقوناقلار پىشىم مەزگىلىگە كىرىپ بولدى، كۆپچىلىك پۇرسەتنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماڭلار! ئۇنداقتا كۆممىقوناقنىڭ زادى قانداق شىپالىق روللىرى بار؟

جوڭگو تىبابىتىدە كۆممىقوناق ساقىلى « ئەجدىرھا ساقىلى» دەپ تەرپلىنىدىغان بولۇپ، كەڭ دائىرىلىك ساقلىقنى ساقلاش رولى بار ئىكەن. كۆممىقوناق ساقىلىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، بۆرەك، جىگەر ۋە ئۆتنى ئاسىراش رولىنىمۇ ئۆتىيەلەيدىكەن.  كۆممىقوناق تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەكىبلەر بار بولۇپ، ئىششىقنى ياندۇرۇش ۋە ئىممۇنىتىت كۈچىنى تەڭشەش رولىمۇ بار ئىكەن. كۆممىقوناق ساقىلىنى چوقۇم كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان سالقىن ئورۇنلاردا ساقلاش كېرەك.

بىرىنچى، ئۈچنى تۆۋەنلىتىش رولى:

قاندىكى ياغ مىقدارى، قان بېسىمى ۋە قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىش رولى كۆممىقوناق ساقىلىنىڭ خاسىيەتلىك ئۈچ پەسەيتىش رولى دەپ ئاتىلىدۇ.  بۇنىڭ ئىچىدە قان بېسىمىنى پەسەيتىش كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، تىبابەتتىمۇ كۆپ تىلغا ئىلىنغان.

ئىككىنچى، يۈرەكنى ئاسىراش رولى:

كۆممىقوناق ساقىلى تەركىبىدە فلاۋون تەركىبى بار بولۇپ، تۆۋەن قويۇقلۇقتكى ياغ ئاقسىلىنىڭ  ئىشلەپ چىقىرىلىشىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى بار، بۇ رول دەل يۈرەكنى ئاسىراش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىدۇ. يېڭى يۇمران كۆممىقوناق ساقىلى تەركىبىدىكى سېللىلۇزا 6~8 ھەسسىگىچە يۇقىرى بولۇپ، قان تەركىبىدىكى چۆكمىلەرنىڭ سىرتقا ئېقىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ يۈرەك قان تۇمۇر توسۇلۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.

ئۈچۈنچى،ئۆتنىڭ رولىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى:

كۆممىقوناق تەركىبىدە يەنە ئۆت رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان نۇرغۇنلىغان پايدىلىق ئىلمىنىت ۋە تەركىبلەر بار بولۇپ، ساغلام كىشىلەر ئىستىمال قىلسىمۇ تامامەن ئۆت ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ ساغلام بولغان تۇرمۇشقا ئىگە قىلالايدۇ.

تۆتىنچى، ئىششىق ياندۇرۇش رولى:

ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە، كۆممىقوناق ساقىلى ئادەت خارەكتېرلىك بالا چۈشۈپ كېتىش، ئانا سۈتى كەلمەسلىكتەك كېسەللىكلەرگىمۇ ئۈنۈملۈك مەنپەئەت قىلىدىغان بولۇپ، سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش رولى ئارقىلىق زىيانلىق تەركىبلەر سىرتقا ئېقىپ چىقىرىۋېتىلىدۇ.

دەرۋەقە كۆممىقوناق ساقىلىنىڭ پايدىلىق رولى ھەقىقەتەنمۇ كۆپ، بىز ھەر يىلى يازدا كۆممىقوناقنىڭ بۇ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانماي ئۆتكۈزىۋېتىمىز. ئەڭ مۇھىمى كۆممىقوناق ساقىلىنىڭ قان بېسىم چۈشۈرۈشتىكى رولىغا سەل قاراشقا بولمايدىغان بولۇپ، چوڭلىرىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن سىناپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.











【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662