


Yahtursingiz dostlar bilan tang bahirlining
ئىليار مۇھەممەت مەكىت ناھىيىسى سەنئەتكار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.كېچىكىدىن تارتىپ سەنئەتكە بولغان ئوتتەك ئېشتىياقى بىلەن تا ھازىرغا قەدەر سەنئەت يولىدا تېرشىۋاتقان ھەم ئېزدىنىۋاتقان ياشلارنىڭ بېرى.ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ سەنئەت مەكتەپنىڭ ئوتتۇرا تېخنىكومدا ئۇسۇل كەسىپنى مۇۋەپىقىيەتلىك تاماملىغان.كېيىن تولۇقسىز ئوتتۇرا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى قەشقەردە ئوقۇغان.ئالى مەكتەپ ئېمتىھانىدا سەنئەت ئېنىستىتۇتىدا ئاكتىيۇرلۇق كەسىپكە شېنجاڭ بويىچە 1-بولۇپ قۇبۇل قېلىنغان.سەنئەت مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ئۇزۇن ئۆتمەيلا سىچۈەننىڭ دۈنخۇاڭ شەھرىدە سۈرەتكە ئېلىنغان "قېزارغان شەپەق"فېلىمىدا ھەرخىل ئوبرازلانى ياراتقان.كېيىن شېنجاڭ تېلۋىزىيە ئېستاسىنىڭ ئويۇشتۇرغان "2015-يىللىق شېنجاڭ تېلۋىزىيەسى ئىتوت مۇسابىقىسى"دا ئويغۇنۇش ناملىق ئېتوتنىڭ ئەر باش پىرسۇناژنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئورۇنداپ 2-دەرىجىگە ئېرىشكەن ھەم مۇنەۋەر ئاكتىيۇر شەرپىگە ئېرىشكەن.2016-يىلى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن تىياتىر مۇسابىقىسىدە ئويغۇنۇش ناملىق ئېتوتنى خەنزۇ تېلىدا قايتا ئورۇنداپ تىياتىرچىلار جەمئېيىتى تەرپىدىن نۇرغۇنلىغان شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.2016-يىلى 11-ئايدا "ئارمان"تېمىسىدىكى سۈرەتلىك ناخشىسى كەڭ خەلىق ئامما ئارسىدا كەڭ تارقىلىپ ياشلارنىڭ كۆڭلۈدىن ئورۇن ئالغان.ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزبېچە ناخشىلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئېيتىپ كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.ھازىر "توختىما توختى" فىلىمىدىكى ئەلىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ كەلمەكتە.






