大数跨境

جىگەردىكى زەھەرنى تازلايدىغان ئەڭ يېڭى يەرلىك رېتسىپلارتېز كۈرۈڭ

جىگەردىكى زەھەرنى تازلايدىغان ئەڭ يېڭى يەرلىك رېتسىپلارتېز كۈرۈڭ dastur
2018-07-25
2
导读:جىگەردىكى زەھەرنى تازىلايدىغان ئەڭ قالتىس يەرلىك رىتسى




جىگەردىكى زەھەرنى تازىلايدىغان ئەڭ قالتىس يەرلىك رىتسىپلارتارقتڭ

سەۋزە:سىمابنى ئۈنۈملۈك تازىلايدىغان يېمەكلىك. سەۋزىنىڭ تەركىبىدىكى مول مىقدارلىق مېۋە يېلىمى سىماب بىلەن بىرىكىپ،قاندىكى سىماب ئىيونىنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ.كۈندە ئازراق سەۋزە ئىستىمال قىلىنسا،ئاشقازاندىكى قان ئايلىنىشىنى غىدىقلاپ،ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ،كېسەل پەيدا قىلىدىغان قېرىتقۇچى ئەركىن رادىكاللارغا قارشى تۇرغىلى بولىدۇ

سامساق:سامساقتىكى ئالاھىدە تەركىب بەدەندىكى قوغۇشۇننىڭ مىقدارىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدۇ

ئۈزۈم:جىگەر،ئۈچەي،ئاشقازاننڭ بەدەندىكى ئەخلەتلەرنى تازىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ ھەمدە قاننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى كۈچەيتىدۇ

ئەنجۈر:تەركىبىدە ئورگانىك كىسلاتا ۋە كۆپ خىل ئېنزىم بولۇپ،جىگەرنىڭ زەھەر تازىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ،ئاشقازاندىكى ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ


بۆرەكنىڭ زەھەر تازىلىشىغا ياردەم بېرىدىغان يېمەكلىكلەر
تەرخەمەك: ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ  ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ.ئۇنىڭ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بولۇپ، سۈيدۈك يولىنى تازىلاپ، بۆرەكنىڭ سۈيدۈك يولىدىكى زەھەرنى تازىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كاۋا ماددىسى،تەرخەمەك كىسلاتاسى ئۆپكە،ئاشقازان،جىگەر قاتارلىقلارنىڭ زەھەر تازىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

گىلاس:ئەڭ قىممەتلىك دورىلىق يېمەكلىك بولۇپ، بۆرەكنىڭ زەھەر تازىلىشىغا ئالاھىدە ياردەم بېرىدۇ.ئۇنىڭ يەنە تەرەت راۋانلاشتۇرۇش رولى بار 

ئاشقازاننى سىلىقلاپ،زەھەر تازىلايدىغان يېمەكلىكلەر
قارا قېرىنقۇلاق:ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئۆسۈملۈك يېلىمىنىڭ بىر قەدەر كۈچلۈك يېپىشتۇرۇش رولى بولۇپ،ھەزىم قىلىش يولىدا تۇرۇپ قالغان چاڭ-توزان ئارىلاشما ماددىلىرىنى ئۆزىگە يېپىشتۇرۇۋېلىپ،بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىپ،ئاشقازاندىكى زەھەرنى تازىلاش رولىنى ئوينايدۇ

لامنارىيە: ئۇنىڭ تەركىبىدىكى يودلار ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرۈلگەندىن كىيىن كېسەللىك باكتېرىيەسى ۋە ياللۇغلىنىشتىن پەيدا بولغان ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى تېزلىتىپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنىلىتىدۇ،ئارتىرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،زىيانىلىق ماددىلارنىڭ چىقىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ،لامنارىيەنىڭ تەركىبىدىكى كۆپ قەنتلىك سولفات كىسلاتا قاندىكى خولېستېرىننى سۈمۈرۈۋېلىپ، بەدەننىڭ سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاپ، قاندىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ


ئالما: ئالمىنىڭ تەركىبىدىكى گالاكتۇرونىك كىسلاتا زەھەر تازىلاشقا پايدىلىق بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مېۋە يېلىمى يېمەكلىكنىڭ ئاشقازان يولىدا چىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

بۆلجۈرگەن:  تەركىبىدە مول ئورگانىك كىسلاتا،مېۋە يېلىمى ۋە مىنېرال ماددا بولۇپ،ئاشقازاننى تازىلاپ،جىگەرنى قۇۋەتلەيدۇ

ھەسەل: ھەسەلنىڭ ئاساسلىق تەركىبى گىلۇكوزا،مېۋە كىسلاتاسى بولۇپ،ئاسان قوبۇل قىلىنىدۇ.ھەسەلنى كۆپ يېسە  زەھەرنى تازىلاپ، ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ

يىرىك گۈرۈچ: ئۇنىڭ< چوڭ ئۈچەينى تازىلىغۇچى> دېگەن نامى بولۇپ،ئۈچەيدە يىغىلىپ قالغان ماددىلارنى سۈمۈرۈۋېلىپ،بەدەننىڭ سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ




تارقىتىپ قويسىڭىز رەھمەت

【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662