大数跨境

4-يۈرۈش خەلق پۇلىغا رەسىمى بېسىلغان ئايال ھېلىھەم شۇنچە گۈزەل

4-يۈرۈش خەلق پۇلىغا رەسىمى بېسىلغان  ئايال ھېلىھەم شۇنچە گۈزەل dastur
2018-09-23
1
导读:تېڭشۈن تورى 12-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:بۇ



تېڭشۈن تورى 12-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇ گۇيجۇ ئۆلكىسى چيەندوڭنەن مياۋزۇ، دوڭزۇ ئاپتونۇم ئوبلاستى سوڭجياڭ ناھىيەسى چىڭيۈن بازىرى بەينى كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق شى نەييىننىڭ 2017-يىلى 16-ئاۋغۇست تارتىلغان سۈرىتى. ئۇ 4-يۈرۈش خەلق پۇلىدىكى بىر يۈەنلىك قەغەز پۇلغا باش سۈرىتى بېسىلغان ئايال. ئۇنىڭ قارا ھەم ئۇزۇن چاچلىرى ھېلىھەم ئاشۇ ۋاقىتلاردىكىدەك گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. 

شى نەييىن چىڭيۈن يېزىسى جەيجىن كەنتىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كېيىن بەينى كەنتىگە ياتلىق بولغان. ئۇ كىچىكىدىنلا ناخشا ئېيتىش، كەشتىچىلىك قىلىشقا ماھىر بولۇپ، 10 ياشتىن ئاشقان ۋاقىتلىرىدا ئۆزى رەخت توقۇپ، بويىيالايتتى.

1970-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا بىر رەسسام گۇيجۇغا كېلىپ خەلق ناخشا-قوشاقلىرىنى توپلىغان ھەم بۇ جەرياندا ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە مەپتۇن بولۇپ قالغانلىقتىن ئۇنىڭ رەسىمىنى سىزىۋالغان. كېيىن بۇ رەسىم 4-يۈرۈش خەلق پۇلىدىكى بىر يۈەنلىك قەغەز پۇلغا بېسىلغان.

ھازىر 60 ياشلاردىن ئېشىپ قالغان شى نەييى نەۋرىلىك بولۇپ بولدى. ئۇ تاغلىق رايوندا باشقا ئادەتتىكى دوڭزۇلارغا ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.




【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读0
粉丝0
内容662