
ئىنسانلار ئاي شارىغا چىقتى، ئەمدى مارىسقا يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ. يەر شارىنىڭ چوڭقۇر دېڭىز ئوكيانلىرىدىن، ئېگىز چوققىلىرىغىچە تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. ئەمما ئادەم بەدىنىگە بولغان تەتقىقات، تونۇش تېخى دەسلەپكى بىلىش باسقۇچىدا. تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن ئادەم بەدىنىنىڭ قانچىلىك ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
ئادەم كۆزىنى رەسىم تارتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆلچىمى پىكسېل بىلەن ئۆلچىسە، ئادەم كۆزىنىڭ قارچۇقىنىڭ ئېنىقلىقى 126 مىليون پىكسېل كېلىدۇ.
بىر مىنۇتتا ئادەم كۆزى ئارقىلىق خاتىرلەيدىغان سانلىق مەلۇماتنىڭ سىغىمى 21.45Gb كېلىدۇ. بىر مىنۇتلۇق 4K لىق سىننىڭ سىغىمى ئاران 375Mb كېلىدۇ.
ئادەم مېڭىسىدە 100 مىليارد نېۋرون بار، بۇ نەزەرىيە جەھەتتىن 100Tb ساقلاش بوشلۇقىنى ئىگىللەيدۇ. نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار دەرىجىدىن تاشقىرى كومپىيۇتېر «تىتان» نىڭ ساقلاش سىغىمى 710Tb ، ئەمما «تىتان» نىڭ 299008 دانە مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ يادروسى بار. ھەجىمى ئىنتايىن چوڭ.
2020-يىلغا بارغاندا ئىنسانىيەت توپلىغان ئۇچۇرنىڭ سىغىمى 40ZB غا بارىدۇ. بىر ئادەم بەدىنىدىكى ئۇچۇر 60ZB ئەتراپىدا.
ZB قانچىلىك چوڭ؟
1ZB (Zettabyte) = 1024 EB
1EB(Exabyte )=1024PB
1PB(Petabyte )=1024TB
1TB (Trillionbyte)=1024GB
1GB (Gigabyte)=1024MB
1MB (Megabyte)=1024KB
1KB (Kilobyte )=1024B
بىر ئادەمنىڭ ئىرسىيەت ئۇچۇرى 1.5Gb ئەتراپىدا كېلىدۇ. يەنى ئالما IOS 10 نىڭ سىغىمىچىلىك.
ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدە ھەر سېكۇنتتا تەخمىنەن 100 مىڭ قېتىم خېمىيىلىك رىئاكسىيە ھاسىل بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنى تېزلىككە ئايلاندۇرۇپ ھېسابلىسا ھەر سېكۇنتتا 430 كىلومېتىر ماڭىدىغان ماگىنتلىق لەيلىمە پويىزنىڭ تېزلىكىگە توغرا كېلىدۇ.
«ئادەم مېڭىسىنىڭ پەقەت %10 تى ئىشلىتىلىدۇ» دېگەن گەپنىڭ ئاساسى يوق. ئەمەلىيەتتە ئادەم مېڭىسى ئالاھىدە ئەھۋالدا تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بۇ خۇددى بىر تېلۋىزور بىرەر يۈز قانالنى قۇبۇل قىلالىسىمۇ ، بىر ۋاقىتتا پەقەت بىرلا قانالنى قۇبۇل قىلىپ كۆرگەندەك ئىش.
ئادەم مېڭىسىنىڭ قۇۋۋىتى 20W ؛ ئوخشاش ئىقتىدارلىق دەرىجىدىن تاشقىرى كومپىيۇتېرنىڭ قۇۋۋىتى بولسا 1.4 مېگاۋات.
ئادەم مېڭىسى ۋە بەدىنىنىڭ قايتا ئۆسۈش (ئەسلىگە كېلىش) ئىقتىدارى بار. ئېغىر يارىلانغان ئەھۋالىدىمۇ يەنە «خىزمەت» قىلالايدۇ. ئەمما كومپىيۇتېردا ئازراقلا مەسىلە كۆرۈلسە ئىشتىن توختايدۇ.



