大数跨境

دىيابېت ئاغرىقلىرى گۈمبەدەكنى كۆپ ئىستېمال قىلسا پايدىلىق

دىيابېت ئاغرىقلىرى گۈمبەدەكنى كۆپ ئىستېمال قىلسا پايدىلىق dastur
2019-01-07
2





   گۈمبەدەك (موگو) تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى گۆش ، سۈت ، تۇخۇملاردىكى ئاقسىل تەركىبى بىلەن ئوخشاش . ئۇ بەدەننىڭ نورمال تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم .

   گۈمبەدەك تەركىبىدە كۆپ خىل ئىقتىدارنى تەڭشەيدىغان ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار بار . ئۇ بەدەننىڭ يېڭى ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئويناپ ، قاندىكى ماينى تىزگىنلەپ ، قان سۇيۇقلۇقىنىڭ قويۇقلۇقىنى تەڭشەيدۇ .

   گۈمبەدەك تەركىبىدىكى مىكرو ئېلېمېنت ـ خىروم گلۇكوزىغا قارشى كۈچنى ساقلاشتا ھەم ئىنسۇلىننى تەقسىملەشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېمنتلارنىڭ بىرى . ئۇ ئورگانىزمدىكى قەنتنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى نورمال ئىلگىرى سۈرىدۇ .

   گۈمبەدەك تەركىبىدىكى خولىن بەدەندە ياغنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەيدۇ . گۈمبەدەك تەركىبىدە كاربون - سۇ بىرىكمىسى ئىنتايىن ئاز . دىيابېت ئاغرىقلىرى ۋە بەدىنىدە خولېستېرىل مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرىلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ .

   دىيابېت ئاغرىقلىرىدا ئاسانلا سۆڭەك شالاڭشىش ، داۋاملىق بەل ئاغرىش ، پەي تارتىشىش ، ماغدۇرسىزلىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا گۈمبەدەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، سۆڭەكنى كۈچلەندۈرىدۇ ، گۈمبەدەك تەركىبىدىكى ۋىتامىن D كاناماش (دادۇر) تەركىبىدىن 20 ھەسسە ، خەيدەي تەركىبىدىن سەككىز ھەسسە يۇقىرى .



dastur                     دەستۇر            代斯图尔




【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662