

ھەر بىر كىشى سۆيۈلسۇن
ھېچكىم چىرايلىق بولغىنى ئۈچۈن سۆيۈلمىسۇن
چىراي سۇلغۇنلىشىپ كېتىدۇ....
نى-نى گۈزەللەر شۇنداق سۆيۈلگەن ئەپسۇس رەھىمسىز رىئاللىق ،ئۆتكۈر يىللارنىڭ بەرگەن نىسىۋىسىنى قۇبۇل قىلماي ئامالى بولمىدى.

ھېچكىم ئىقتىدارلىق بولغىنى ئۈچۈن سۆيۈلمىسۇن....
دەۋىر تەقەززاسىدا شاللىنىپ كېتىدۇ.

ھېچكىم چىقىشقاق بولغىنى ئۈچۈن سۆيۈلمىسۇن...
مىجەز خاراكتېر ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

ھېچكىم ياخشىلىق قىلغىنى ئۈچۈن سۆيۈلمىسۇن...
ھەممە بارا-بارا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ.

ھېچكىم تىلى تاتلىق بولغىنى ئۈچۈن سۆيۈلمىسۇن...
كىشى بەزىدە قوپاللىشىپ كېتىدۇ.

ھەر كىشى شۇنداق بىر سۆيۈلسۇنكى؛
گۈزەل بىر قەلبى بىلەن
چىن نىيەتلىرى بىلەن
ئىسىل مىجەز-خۇلقى بىلەن
ۋاپادارلىق-ساداقىتى بىلەن
يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن...
بىر تەننىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى،
بىر يۈرەكنىڭ ئۆمۈرلۈك سەۋداسى،
بىر ۋۇجۇدنىڭ ئىككىنچى بىر مەۋجۇتلۇقى،
بۇلۇپ، ھايات سەھىپىسىدىن خوشلاشقانغا قەدەر……!!!
سۆيگۈ مۇقەددەستۇر،ئۇ جىمى يۈرەكلەرگە ئالىيجانابلىق بەخىش ئەتكۈسى!

dastur 代斯图尔 دەستۇر

