كېرەكسىز نەرسىنىڭمۇ قىممىتى بار، ئۇ سىزنىڭ
بايقىشىڭىز باغلىق

ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىشىلەر ئىشلىتىۋاتقان نەرسە كېرەكلىرى بۇزۇلۇپ كەتكەندە ئاسانلا تاشلىۋېتىشنى تاللايدىكەن، ئەمما تۆۋەندىكى بىر يۈرۈش سۈرەتلەر بەلكىم كۆپچىلىكنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويۇشى مۇمكىن. ئۇ تاشلىۋېتىلگەن بۇ كېرەكسىز نەرسىلەرنى يېڭى دۇنياغا باشلاپ كىردى، سۈرەتتىكى بولسا تاشلىۋېتىلمىگەن سۇنۇق ئىستاكان، ئۇنىڭ سۇنۇپ كەتكەن سېپىغا نەپىس لايىھەلەنگەن يۇمشاق فارفۇر قوشۇپ قويۇلدى.

كىچىك بالىسى تامغا قالايمىقان رەسىملەرنى سىزغاندا، ئاتا ئانىسى ئۇ سىزغان سۈرەتلەرنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ سىزىپ قويدى.

يانفوننىڭ قېپى چېقىلىپ كەتكەندە نېمىشقا پارقىراق قەلەم بىلەن ئۇنى تېخىمۇ رەڭدار قىلىپ قويمايسىز!

ئەگەر سىز يېڭى كىرېسلو سېتىۋالالمىسىڭىز ئۇنداقتا بۇ كونا كىرېسلو ئۈستىگە يېڭى رەختلەردىن بېزەك بېرىڭ.

گۈل تەشتەكلىرى ھەمىشە چېقىلىپ كېتىدۇ، ئەمما سىز چېقىلىپ كەتكەن گۈل تەشتەكلەر بىلەن گۈزەل باغچە ھاسىل قىلالامسىز؟

سۇنۇپ كەتكەن تەخسە بىلەن كونا دىسكا بىرلەشتۈرۈلسە ئىلگىرىكىدىنمۇ گۈزەل بولۇپ كېتىدۇ.

ئىككى ماشىنا سوقۇلغاندىن كېيىن، ماشىنا ئىگىسى ئەڭ ئىجادچانلىققا ئىگە ئۇسۇل بىلەن ماشىنىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولدى.

قۇراشتۇرۇش تاختىسى بىلەن تامنى بېزىگەندە تام ئادەمگە تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق ئاتا قىلالايدۇ.

سەنئەتكارلار يېرىم سۈزۈك ماتېرىيال ئارقىلىق كونا ياغاچ ئورۇندۇق ۋە ئۈستەلنى رېمونت قىلدى.

ئەگەر ئۆيىڭىزنىڭ تېمى بۇزۇلۇپ كەتسە ھەرگىز جىددىيلەشمەڭ، چۈنكى چىدىغۇچى ئىلاھى تاشپاقىغا بۇ يەردە.

پارقىراق بېزەك ماتېرىياللىرى تامنى تېخىمۇ خاسلىققا ئىگە قىلدى.

تامدىكى يېرىق «قۇملۇق يولى» رەسىمگە ئايلاندى،

ماشىنا بۇزۇلغاندا ئىگىسى ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىگە تايىنىپ ماشىنىسىنى رېمونت قىلدى.

تام كونىراپ كەتكەندە سەنئەتكارلار كىتاب ئارقىلىق تامنى مۇستەھكەملىدى.

ئايىغىڭىزنىڭ پاشنىسى بۇزۇلۇپ كەتكەندە پارقىراق بۇيۇم ئارقىلىق ئۇنى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزەلەيسىز.

تام بۇزۇلۇپ كەتكەندە نېمىشقا رەسىم جازىسى بىلەن ئۇنى تېخىمۇ گۈزەل سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلاندۇرمايسىز!


