大数跨境

كەچ ئۇخلايدىغانلار سۇغا بۇنەرسىنى سالسىڭىز جىگىرىڭىز ياخشىلىنىدۇ

كەچ ئۇخلايدىغانلار سۇغا بۇنەرسىنى سالسىڭىز جىگىرىڭىز ياخشىلىنىدۇ dastur
2018-10-03
1
导读:كەچ ئۇخلايدىغانلار سۇغا بۇنەرسىنى سالسىڭىز جىگىرىڭىز ي







كەچ ئۇخلايدىغانلار سۇغا بۇنەرسىنى سالسىڭىز جىگىرىڭىز ياخشىلىنىدۇ

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

نۇرغۇن كىشىلەر دائىم كەچتە تۈنەيدۇ ياكى كۆپ يەپ كۆپ ئىچىدۇ. بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە ناھايىتى زىيانلىق، بىراق زىيانلىق تەرىپى زادە قانچىلىك؟

ئەمەلىيەتتە كەچتە تۈنەشنىڭ جىگەرگە بولغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ. چۈنكى جىگەر بولسا بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى ئەڭ چوڭ زەھەر ھەيدەيدىغان ئەزا، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەچ بولسا «خىزمەت قىلىدىغا ۋاقتى». ئەگەر بىز بۇ ۋاقىتتا ياخشى ئارام ئالماي، ئەكسىچە كۆپ يەپ-ئىچىپ قىلساق جىگەرنىڭ يۈكى ئارتىپ كىتىدۇ. مەسىلە ناھايىتى ئېغىر.


شۇڭا دائىم كەچتە تۈنەيدىغان كىشىلەر، چوقۇم ئادەتتىكى كىشىلەردىنمۇ بەكرەك ئاسرىشى كېرەك.

ھەممىمىزگە ئايان، كۆپ سۇ ئىچىش مېتابولىزم ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ بۇنىڭ بىلەن جىگەرگە بولغان زىيىنىنى ئازايىتىدۇ. لىكىن قايناقسۇنى قۇرۇق ئىچىشنىڭ ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمايدۇ، تۆۋەندىكى نەرسىلەرنى قايناقسۇغا سىلىپ ئىچسىڭىز ئۈنۈمى تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ، قىنى سىزمۇ سىناب بىقىڭ.



01
قايناقسۇغا ئازراق «چىلان» سىلىش

چىلان سۈيىنىڭ جىگەرنى ئاسراش رولى بار، تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە،  جىگەرنىڭ ئىقتىدارى ناچار كىشىلەر ھەركۈنى چىلان سۈيى ئىچىشنى بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە جىگەرنى ئاسراش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدىكەن، ھەم جىگەرنىڭ زەھەر تازىلاش ئۈنۈمىنى تىخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىكەن. جۇڭيى تىبابىتىنىڭ قارىشىچە، چىلان سۈيىنىڭ قاننى قۇۋۋەتلەپ جىگەر خىزمىتىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمى بار ئىكەن. گۆشلۈك بولغان چىلاننى يىرىپ قىززىق سۇغا چىلاپ بەرسە ۋىتامىننىڭ سۈمۈرۈلىشى تىخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.


2
قايناقسۇغا ئازراق « لىمون» سىلىش


لىموننىڭمۇ جىگەرنى ئاسراپ زەھەر تازىلاش، ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى بار. ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپ لىمون سۈيى ئىچىش بولسا ئەڭ ياخشى بولغان جىگەرنى ئاسراش ۋاقتى، چۈنكى لىمون تەركىبىدىكى لىمون كىسلاتاسى جىگەرنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپ، جىگەرنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىدۇ.


3
قايناقسۇغا ئازراق «جۇخارگۈل» سىلى




جۇخارگۈل گۈل خۇش پۇراق چاي تۈرىگە تەۋە، ئۇنى قايناقسۇغا سىلىپ دەملەپ ئىچكەندە، تەمى سەل ئاچچىق، لىكىن جىگەرنى ئاسراشتىكى ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى. جۇخارگۈلىنىڭ جىگەرنى تازىلاپ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەر قايتۇرۇش ئۈنۈمى بار. بۇنىڭاىن باشقا يەنە، جۇخارگۈلىنىڭ تەركىبىدە ئاز مىقداردا سېلېن ئېلېمېنتى بولۇپ، جىگەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق ماددا.


4
قايناقسۇغا ئازراق «ئەتىرگۈل» سىلىش

ئەتىرگۈل چېيىنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك، قايناقسۇغا سالغاندىن كىيىن تەمى تاتلىق. بېسىمى زىيادە ئېغىر، كەيپىيات تۇراقسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان جىگەر ھارارىتى ئارتىپ كىتىشكە ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى. بىر كۈنى ھىرىپ كەتكەندە بىر ئىستاكان ئەتىرگۈل چېيى ئىچىپ بەرسىڭىز، جىگەرنى ئاسراپ، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ھارغىنلىقنى تۈگىتىشكىمۇ ياردەم بىرىدۇ.




ئەڭ يېڭى جىنسىيەت بىلىملىرى ئۈچۈن 


ئۈستىدىكى كودنى بېسىپ تۇرۇپ  قوشۋېلىڭ 



【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读0
粉丝0
内容662