


ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

كاناي (كېكىردەك) ياللۇغى دادۇر ئۇيۇتمىسى (دۇفۇ) نىڭ سۈيىنى بىر مەزگىل ئۈزمەي ئىچىپ بەرسە، كېسەللىك يىلتىزىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ.

بەل ئاغرىقى يېرىم جىڭ كۈدىنى قاينىتىپ، سۈيىگە تۇز سالماي ئاچچىقسۇ قوشۇپ، 5 ~ 3 كۈنگىچە ئىچىپ بەرسە، كېسەللىك ساقىيىپ كېتىدۇ.

سېمىزلىك بەش گىرام ماگنىي سولفاتنى 20 گىرام قارا شېكەر بىلەن تەڭشەپ يەتتە كۈن ئىچىپ بـەرسـە، ئالاھىدە ئۈنۈم بېرىدۇ.

ھاراق ۋە تاماكا تاشلاش ئات تەرلىگەن چاغدىكى تەردىن 25 گىرامنى ئېلىپ، 500 گىرام قايناقسۇغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە، ھاراق تاشلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. كاۋا مايسىسىنى قۇرۇتۇپ، يەنچىپ دەملەپ دائىم ئىچىپ بەرسە، تاماكا تاشلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

دىيابېت كېسەللىكى سەي كاۋىسىنى يەتتىگە پارچىلاپ، ھەر كۈنى بىر پارچىسىغا تۇز سالماي پەقەت بەش گىرام زەمچە قوشۇپ پىشۇرۇپ يەپ بېرىشنى 21 كۈن داۋاملاشتۇرسا، ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

ئۇيقۇسىزلىق يەر ياڭىقى (خاسىڭ) يوپۇرمىقىنى كۈندە كەچتە قاينىتىپ، ئۈچ كۈن ئىچسە، كېسەللىك يىلتىزىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ.

زۇكام زەنجىۋىل (ئاق چەشكە) دىن 10 توغرام ۋە ئاق تۇرۇپتىن 10 توغرامغا قارا شېكەر سېلىپ قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ تەرلىسە، بىر قېتىمدىلا ساقىيىپ كېتىدۇ.

يۆتەل ھەر قېتىمدا 2 ~ 1 دانە ئاپېلسىننىڭ ئىچىگە كۈنجۈت يېغىنى قۇيۇپ ئوتقا قاقلاپ قىزىتىپ كۈندە ئۈچ قېتىم يېسە، كېسەللىك ئۈچ كۈندىلا ساقىيىپ كېتىدۇ.

دەم سىقىلىش (زىققا كېسەللىكى) ئۆرۈك مېغىزىدىن 25 گىرامنى 50 گىرام ھەسەل بىلەن قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم بېرىدۇ.

يۇقىرى قان بېسىمى كۆممىقوناق ساقىلىنى قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، كېسەللىك يېرىم ئايدا ساقىيىپ كېتىدۇ.

بوغۇم ياللۇغى ياللۇغلانغان بوغۇمنى يـاۋا كـەندىر يـوپـۇرمىقى بىلەن بىرنەچچە قات ئـوراپ ئۈچ كۈندە بىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشنى بىر مـەزگىل داۋامـلاشـتـۇرۇپ بەرسە، بوغۇملار تەدرىجىي ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.
END
يۈرەك سۆزىڭىزنى ئىنكاس يېزىپ قالدۇرۇپ قۇيۇڭ





dastur

