
چوڭ كېسەل سىزنى يىقىتىشتىن بۇرۇنقى 6 سىگنال
ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
كۆپىنچە ئەھۋاللاردا كېسەللىك بىزنى يىقىتىشتىن بۇرۇن بەدىنىمىزدە بەزى بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى پەيدا بولىدۇ. ھالبۇكى، كۆپلىگەن كىشىلەر بۇنىڭ نېمىدىن بىشارەت بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنمەي كېسەللىك پەيدا بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئالامەتلەر قايسىلار؟

1. 40 ياشقا بارماي تۇرۇپلا ئاق چاچ كۆپىيىپ كېتىش.
ئادەم بەلگىلىك ياشقا بارغاندىن كېيىن بەدەن ئىقتىدارىدا ئاجىزلىشىش كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە، چاچمۇ ئاقىرىشقا باشلايدۇ، بۇ نورمال ھادىسە. لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش شۇكى، 40 ياشتىن بۇرۇن، چاچ كەڭ كۆلەملىك ئاقىرىپ كەتسە بۇ ھەرگىز ياخشى ئەھۋال ئەمەس، بەلكى بالدۇر قېرىشنىڭ ئالامىتى. بولۇپمۇ بەزى ئاق چاچلار مەلۇم بىر ئورۇنغا مەركەزلىشىپ قالغان بولسا، بۇ بەدەندىكى ياخشى بولمىغان بىشارەتتۇر، ئەزالاردا مەسىلە چىققان بولۇش مۇمكىنچىلىكى بىر قەدەر چوڭ. ماڭلايدا توپلاشقان ئاق چاچلار پەيدا بولغان بولسا تال-ئاشقازاننىڭ نورمالسىزلىقىدىن بولغان بولىدۇ. ئارقا مېڭە تەرەپتە ئاق چاچ پەيدا بولغان بولسا بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بىشارەت.

2. قۇلاق يۇمشىقىدا قورۇق پەيدا بولۇش.
قۇلاق يۇمشىقىدا قورۇق پەيدا بولۇش ئەمەلىيەتتە ياشقا چوڭ كىشىلەردە بولىدۇ، بۇ بىر خىل قېرىلىقنىڭ ئىپادىسى. لېكىن ئەگەر سىزنىڭ يېشىڭىز چوڭ بولمىسا، قۇلاق يۇمشىقىڭىزدا قورۇق پەيدا بولغان بولسا سىزنىڭ يۈرىكىڭىزدە مەسىلە بار دېگەن گەپ. قۇلاق يۇمشىقىدىكى قورۇقنىڭ چوڭقۇر-تېيىزلىقىغا قاراپ، بەدىنىڭىزدىكى تاجىسىمان ئارتېرىيەنىڭ زەخمىگە ئۇچراش ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. قۇلاق يۇمشىقىدىكى قورۇق قانچە چوڭقۇر بولغانسېرى ئارتېرىيە قېتىشىش ئەھۋالى شۇنچە ئېغىر بولغان بولىدۇ. شۇڭا قۇلاق يۇمشىقىڭىزدا قورۇق پەيدا بولغانلىقىنى بايقىسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ.

3. قاپاق بالدۇر ساڭگىلاپ قېلىش.
بەزىلەر قاپىقى ساڭگىلاپ قالغان كىشىلەرنىڭ كۆزى قارىماققا تېخىمۇ تېرەن ۋە تەنناز كۆرۈنىدۇ دەپ ئويلايدۇ. ھالبۇكى كۆپلىگەن كىشىلەر قاپاقنىڭ بالدۇر ساڭگىلاپ قېلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە بەزى كېسەللىكلەردىن بىشارەت ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۈستىنكى قاپاق ساڭگىلاپ قالسا، قاپاقنىڭ ئۆزىدە كېسەللىك پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئېغىر دەرىجىدىكى تىراخوما، توقۇلمىلارنىڭ ئۆسۈشى ۋە ياللۇغلۇق سۇلۇق ئىششىق قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى قاپاق ساڭگىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بەزىلىرى قاپاق مۇسكۇلى ئىقتىدارىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى ياكى نېرىپلارنىڭ پالەچلەنگىنىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.

4. بويۇن قىسمىدا ئىششىق پەيدا بولۇش.
بويۇندا يىنىك دەرىجىدە ئىششىق پەيدا بولغان بولسا، ئادەتتە ئۇخلاش ھالىتىنىڭ نورمالسىزلىقى ياكى بەزى باشقا سەۋەبلەردىن بولغان بولىدۇ. ئادەتتە بىر مەزگىل ئۆتسە ئوڭشىلىپ كېلىدۇ. لېكىن بويۇن قىسمىدا روشەن ئىششىق ئالامىتى كۆرۈلسە جەزمەن دىققەت قىلىش كېرەك. بۇ بەلكىم قالقانسىمان بەز كېسەللىكلىرىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى قالقانسىمان بېزىنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئىپادىسى بويۇن قىسمىنىڭ توملىشىپ قېلىشى.

5. كۆز ئۇزۇن مەزگىل ساغىرىپ قېلىش.
ھازىر كۆپلىگەن كىشىلەر قولىغا يانفونىنى ئېلىۋېلىپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ئوينايدۇ. ھالبۇكى، ئۇزۇن مەزگىل ئېكرانغا قاراش كۆزنى زىيادە ئىشلىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كۆز دۇغلىشىپ، كۆزنىڭ ئېقى ساغرىشقا باشلايدۇ. لېكىن ئۇزۇن مەزگىل كۆز ئېقى سېرىق ھالەتتە تۇرسا بەدەندىكى قىزىل قان دانىچىلىرىنىڭ زىيادە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن. ياكى جىگەر-ئۆت سېستىمىسى زەخمىگە ئۇچرىغان بولۇشى شۇ سەۋەپلىك كۆزگە سېرىقلىق چۈشكەن بولۇشى مۇمكىن.

6. يۈزدە يىرىك داغ پەيدا بولۇش.
بەزى چاغلاردا يۈزدە داغقا ئوخشايدىغان نەرسىلەر پەيدا بولۇپ قالىدۇ، لېكىن كۆپلىگەن كىشىلەر پەقەت سەپكۈن ياكى دانىخورەك دېگەندەك نەرسىلەر دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىككى خىل تۈردىكى كېراتوزىيەدىمۇ يۈزگە داغقا ئوخشايدىغان نەرسىلەر پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئۇنداقتا يورۇقلۇق خاراكتېرلىك مۈڭگۈزلىشىش كېسىلى ۋە مايلىق مۈڭگۈزلىشىش كېسىلى ياشلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يورۇقلۇق خاراكتېرلىك مۈڭگۈزلىشىش كېسىلىنىڭ تەڭگىسىمان ھۈجەيرە راكىغا تەرەققىي قىلىش ئېھتىماللىقى بار. شۇڭا دىققەت قىلىش كېرەك.


dastur

