大数跨境

ياتاق ئۆي بەك مۇھىم، چوقۇم رومانتىك ۋە ئالىي بېزەڭ...

ياتاق ئۆي بەك مۇھىم، چوقۇم رومانتىك ۋە ئالىي بېزەڭ... dastur
2019-01-17
1



ئۆي بىزنىڭ ئارام ئالىدىغان ئەڭ ئالىيى جايىمىز، پۈتۈن بىر كۈندىكى ھېرىپ-چارچاشلار ئۆزىڭىزنىڭ ئۇسلۇبىغا ماس كەلگەن ياسىداق ئۆيىڭىزدە تۈگەيدۇ، شۇڭلاشقا ئۆيىڭىزنىڭ ئىخچام، چىرايلىق بېزىۋېلىشىڭىز بەكمۇ مۇھىم.

 بۈگۈن سىلەرگە ئۆي زىننەتلىگەن ۋاقتىڭىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ھەرخىل ئۇسلۇبتىكى ياتاق ئۆي لايىھەلىرىنى ھوزۇرىڭىزغا سۇنماقچىمىز.

ياۋروپا ئۇسلۇبىدا بېزەلگەن ئۆيلەر

ئېسىلزادە كۆرسىتىدىغان ياۋروپا ئۇسلۇبى ئىزچىل ياشلارنىڭ ھەم چوڭلارنىڭ ئالدىن تاللىشى بولماقتا، تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ياۋروپا ئۇسلۇبىدا بېزەلگەن ئۆيلەردىن رەڭلەرنى ياخشى ماسلاشتۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.

يېشىل رەڭ بىلەن قەھۋە رەڭنىڭ بىرىكىشى، ھەم ئاددىي ھەم ئېسىلزادە تەسىر بەرگەن.

ئاق رەڭ مەڭگۈ مودىدىن قالمايدىغان رەڭ، ئاق رەڭلىك بېزەلگەن ئۆي پاكىز ھەم يورۇق كۆرىنىدۇ، ياشلار ھەم چوڭلار بۇ خىل ئۇسلۇبنى ئورتاق ياخشى كۆرىدۇ.

ئاچ سېرىق رەڭدە بېزەلگەن ئۆي، گۈللۈك كارۋات بېزەكلىرى، ھەقىقىي چىرايلىق بېزەلگەن، ەۈللۈك چىرايلىق بۇيۇملارنى ياخشى كۆرىدىغان قىزلارنىڭ تاللىشى بولالايدۇ.

قەھۋە رەڭ، ئاچ سېرىق...تۇتۇق رەڭلەردىن بېزەلگەن ياۋوروپا ئۇسلۇبىدىكى ياتاق ئۆي.نۇرغۇن ياشلار ياتاق ئۆيىنىڭ رەڭگىنىڭ تۇتۇق، رومانتىك بولىشىنى ياقتۇرىدۇ.

بۇ بولسا ياۋروپا ۋە جوڭگوچە ئۇسلۇبنىڭ بىرىكىشىدىن پايدىلىنىپ بېزەلگەن ئۆي.

سېرىق رەڭ ئۆي زىننەتلەشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز بولالايدۇ، قىممەت كۆرىنىدىغان سېرىق رەڭدە بېزەلگەن ئۆي مەڭگۈ مودىدىن قالمايدۇ.

قارا رەڭدە بېزەلگەن ياتاق ئۆي ئىنتايىن رومانتىك، نۇرغۇن ياشلار بۇ خىل ئۇسلۇبنى ياخشى كۆرىدۇ.

ھازىرقى زامان ئۇسلۇبىدا رەڭلىك بېزەلگەن ئۆيلەر


ياۋروپا ئۇسلۇبىدىن سىرت ياشلار ئۆيىنى ھازىرقى زامان ئۇسلۇبىدا رەڭلىك بېزىۋېلىشنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ توي قىلمىغان قىز-يىگىتلەر ياتاق ئۆيىنى ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبىدا بېزەشكە ئامراق.

تۆۋەندە ھەرخىل بېزەلگەن، قىزلارغا، ئوغۇللارغا، بالىلارغا، يېڭى توي قىلغان قىز-يىگىتلەرگە ماس كېلىدىغان ئۇسلۇپلارنى كۆرۈپ ياقتۇرغىنىڭىزنى ساقلىۋېلىڭ.

ئاق، قارا، كۈلرەڭدىن پايدىلىنىپ ئاددىي زىننەتلەنگەن ئۆيلەر

تۆۋەندىكى لايىھە پەقەتلا ئاق، قارا، كۈلرەڭدىن پايدىلىنىپ ئاددىي زىننەتلەنگەن ئۆيلەر. بۇ خىل ئۇسلۇبنى ياخشى كۆرىدىغان ياشلارمۇ خېلى سالماقنى ئىگەللەيدۇ.

ئۇنداقتا بۈگۈنكى سەھىپە سىزگە ياقتىمۇ؟ سىزگە قايسى لاھىيە ئەڭ يارىدى. سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ!!



新疆代斯图尔国际贸易有限公司            شىنجاڭ دوستۇر خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى .

【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读1.3k
粉丝0
内容662