大数跨境

قارا شېكەردىن پايدىلىنىپ ھۆسۈن تۈزەشنى بىلەمسىز

قارا شېكەردىن پايدىلىنىپ ھۆسۈن تۈزەشنى بىلەمسىز dastur
2018-10-12
5
导读:قارا شېكەردىن پايدىلىنىپ ھۆسۈن تۈزەشنى بىلەمسىز





قارا شېكەردىن پايدىلىنىپ ھۆسۈن تۈزەشنى بىلەمسىز؟

قارا شېكەرنىڭ قان تولۇقلاش رولى بولۇپلا قالماستىن،يەنە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق ناھايتى ياخشى روللىرىمۇ بار.


ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش رولى

1. تېرىنى ئاقارتىپ پارقىراق قىلىدۇ

قارا شېكەرنىڭ تەركىبىدە ئامىنو كىسلاتالىرى بولۇپ،تېرىنى ئاقارتىپ،جانلاندۇرۇش رولى ئىنتايىن ياخشى.

بىر قوشۇق قارا شېكەرنى قاچىغا ئىلىپ،ئۈستىگە 3قوشۇق ھەسەل قوشۇپ،تەكشى ئارلاشتۇرىمىز.

يۈزنى پاكىز يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن،قارا شېكەر بىلەن ھەسەلنىڭ ئارلاشمىسىنى يۈزگە سۈركەپ،يۈزىمىزنى 5مىنۇت ئەتراپىدا ئۇۋۇلايمىز.

يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن،تېرىڭىزنىڭ پارقىراپ ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز.

2. يۈزدىكى داغلارنى سۇسلاشتۇرىدۇ.

قارا شېكەرنىڭ تەركىبىدە يەنە  تەبىئىي رەڭ تەڭشىگۈچى ماددىلار بولۇپ،يۈزىڭىزدىكى پىگىمىنىتلارنىڭ يىغىلىپ قىلىشىنى  ئازلىتىپ،تېرە رەڭگىنى تەكشى ئاقارتىدۇ.

مۇزلىغاندىن كىيىن،يۈزگە سۈركەپ بەش مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كىيىن ئىلمان سۇ بىلەن پاكىز يۇيىمىز.

بۇ خىل يۈز چاپلاقنىڭ ئۈۈنمى ناھايتى ياخشى بولۇپ،يۈزىڭىزدىكى داغلارنى سۇسلاشتۇرىدۇ.

3. تېرىگە سۇ تولۇقلايدۇ

كۈز،قىش پەسىللىرىدە  تېرە ناھايتى قۇرغاقلىشىپ كىتىدۇ،بۇنداق ۋاقىتلاردا قارا شېكەردىن پايدىلانسىڭزى،يۈزىڭىزگە يىتەرلىك مىقداردا سۇ تولۇقلايدۇ.

 ئاۋال بىر قاچىغا قارا شېكەردىن مۇۋاپىق سىلىپ،ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيۇپ ئىرىتىمىز.

قارا شېكەر پۈتۈنلەي ئىرىگەندىن كىيىن،مۇۋاپىق مىقداردا ئۇن سىلىپ تەكشى ئارلاشتۇرىمىز.

مۇزلىغاندىن كىيىن يۈزگە تەكشى سۈركەپ،15مىنۇتتىن كىيىن ھۆل لۆڭگە بىلەن سۈرتىمىز.مۇشۇنداق قىلسىڭىز يۈزىڭىزگە مۇ تولۇقلاپ يۈزىڭىزنى پارقىراق قىلىدۇ.

قان تولۇقلاش رولى

1. زەنجىۋىل قارا شېكەر سۈيى

ئاۋال زەنجىۋىلنىڭ پوستىنى سويۇپ قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز.

ئاندىن قاچىغا سۇ قۇيۇپ زەنجىۋىلنى سىلىپ قاينىتىمز.

سۇ قاينىغاندىن كىيىن قارا شېكەرنى سىلىپ تەكشى ئارلاشتۇرىمىز،2مىنۇت ئەتراپىدا قايناتساقلا بولىدۇ.

سوغۇق كۈنلەردە قىززىق زەنجىۋىل قارا شېكەر سۈيىدىن بىر ئىستاكان ئىچۋىپ بەرسىڭىز،سوغۇقنى ھەيدەپ قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ،زۇكامدىنمۇ يىراق تۇرالايسىز.

2. قارا شېكەر شوۋىگۈرۈچى

ئاۋال چىلاندىن نەچچە تالنى پاكىز يۇيۇپ،ئوتتۇرىدىن كىسىمىز.

ئالدىنئالا گۈرۈچنى سوغۇق سۇغا 30مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ قويۇپ،قازاندىكى سۇ قاينىغاندىن كىيىن،سۇغا سىلىپ ئاستا قاينىتىمىز.

گۈرۈچ بىردەم قاينىغاندىن كىيىن تەييارلىۋالغان چىلاننى سالىمىز.

چىلان يۇمشىغاندىن كىيىن،مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر سىلىپ 5مىنۇت قايناتساقلا بولىدۇ.

ھەر كۈنى ئەتىگەندە قارا شېكەر شوۋىگۈرۈچى ئىچىپ بەرسىڭىز،قان تولۇقلاپ،بىر كۈن ئىچىدە تىتىك يۈرەلەيسىز.

مەنبە: نۇر تورى




【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662