大数跨境

ئېغىر كۈنلىرىڭىزدە ئەسقاتىدىغان 9 ھېكمەتلىك جۈملە

ئېغىر كۈنلىرىڭىزدە ئەسقاتىدىغان 9 ھېكمەتلىك جۈملە dastur
2018-11-03
4
导读:نېمە قىلارىڭىزنى بىلمەي قالغاندا، كەيپىياتىڭىز ناچارلا






نېمە قىلارىڭىزنى بىلمەي قالغاندا، كەيپىياتىڭىز ناچارلاشقاندا، كۆڭلىڭىز قاتتىق يېرىم بولغاندا تۆۋەندىكى توققۇز جۈملىنى ئوقۇپ بېقىڭ، ھامان بىر جۈملە سۆز سىزنىڭ ئەڭ قىيىن كۈنلەردىن ئۆتۈشىڭىزگە ياردەمدە بولىدۇ.

كاللىڭىز سەگەك چاغدا ئىش قىلىڭ، كاللىڭىز قېيىپ قالغاندا كىتاب ئوقۇڭ، غەزىپىڭىز كەلگەندە ئۇخلىۋېلىڭ، يالغۇز قالغاندا تەپەككۇر قىلىڭ.

ھەر قانچە قىيىن بولسىمۇ بەرداشلىق بېرىڭ، ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ بەك ھاياجان بولۇپ كەتمەڭ، ھەر قانچە ناچار بولسىمۇ ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، ھەر قانچە جىق بولۇپ كەتسىمۇ سەل تېجەپ قىلىڭ.

سىز ئىسراپ قىلىۋەتكەن بۈگۈن، تۈنۈگۈن ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئارزۇ قىلغان ئەتە ئىدى.

يول ئۆزىڭىزنىڭ، شۇڭا باشقىلارنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ھاياتىڭىزنى رامكىلىماڭ.

تالانتىڭىز سىزنىڭ ئىستىكىڭىزنى قامدىيالماۋاتقان بولسا تىنچلىنىپ، ئۆگىنىش قىلىڭ.

ئۆزىڭىزنىڭ روھىي ھالىتىڭىزگە غوجايىن بولمىسىڭىز، كەيپىياتىڭىزنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالىسىز.

ھايات بەك قىسقا، بىر مىنۇتىڭىزنىمۇ سىزگە ياقمايدىغان ئىش ۋە ئادەملەرگە بەرمەڭ.

ھېچكىم سىز بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ماڭمايدۇ، شۇڭا يالغۇزلۇققا كۆنۈڭ. ھېچكىم سىزگە بىر ئۆمۈر ياردەم قىلمايدۇ، شۇڭا كۈرەش قىلىشنى توختىتىپ قويماڭ.

كۆڭلىڭىزنى بىسەرەمجان قىلغان ئاشۇ ئىشنى بىر كۈنلەردە كۈلۈپ تۇرۇپ ئېيتىدىغان كۈنلىرىڭىز كېلىدۇ. نۇر تورى تەرجىمىسى






【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读2.3k
粉丝0
内容662