
ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
سۇنى كۆپ ئىچسە سالامەتلىككە پايدىلىق ، سۇغا بۇ نەرسىلەرنى قوشۇپ ئىچسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ . نەچچە يۈەنگىلا سېتىۋالغىلى بولىدىغان بۇ نەرسىلەرنى سۇغا چىلاپ ئىچسىڭىزلا بولىدۇ .
سۇغا چىلانغان نېلۇپەر يوپۇرمىقى

ئاساسلىق رولى : - نېلۇپەر يوپۇرمىقىنىڭ جىگەردىكى ئىسسىقنى ھەيدەش ، ماينى سېرىپ ساقلىقنى ساقلاش رولى بار .
1. يۇقىرى قان بېسىم ، قاندا ماي ماددىسى يۇقىرى بولۇش ، يۇقىرى خولېستېرىننى چۈشۈرىدۇ : - نېلۇپەر يوپۇرمىقىنى سۇغا چىلاپ ئىچسە يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي ماددىسى يۇقىرى بولۇش، يۇقىرى خولېستېرىننى ياخشىلايدۇ .
2 . ئاپتاپ ئۆتۈپ قېلىشنى داۋالايدۇ، ھۆللۈكنى ھەيدەيدۇ : - سۇغا چىلانغان نېلۇپەر يوپۇرمىقىنىڭ تەمى تۇزلۇق بولۇپ ، ئاپتاپ ئۆتۈپ قېلىشنى داۋالاپ ، ھۆللۈكنى ھەيدەيدۇ ، كۆپ خىل دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرگە مەلۇم دەرىجىدە مەنپەئەت قىلىدۇ .
3. ساقلىقنى ساقلاش رولى بار : - نېلۇپەر يوپۇرمىقى چىلانغان سۇنى ئىچسە جىگەر ، تال ئاشقازان ، يۈرەك قاتارلىقلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ . ياشانغانلار كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ئىچىملىك ئورنىدا ئىچسە بولىدۇ .
سۇغا چىلانغان ئالقات

ئاساسلىق رولى : - ئالقاتنىڭ ساقلىقنى ساقلاش رولى ناھايىتى ياخشى ، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ ، تېرىنى ئاسىرايدۇ ، جىگەرنى ئاسىراپ ياخشىلايدۇ .
1. دىيابىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ : - ئالقات قاندىكى قەنت ماددىسىنى تۆۋەنلىتىپ ، قان تومۇرلارنى يۇمشىتىپ ، قاندىكى خولېستېرىن ، گىلىتسېرىن ئۈچ ئېستېرنى تۆۋەنلىتىدۇ .
2. يۈزدىكى قورۇقلارنى يوقىتىدۇ : - ئالقاتنىڭ قېرىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار ، سۇغا چىلاپ دائىم ئىچىپ بەرسە يۈزنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈپ ، قورۇقلارنى ياخشىلايدۇ . ئالقاتنىڭ تەركىبىدىكى مول پولىساخارىد ، ۋىتامىن E ، سېلېن ۋە سېرىق كېتون قاتارلىق ماددىلارنىڭ تېرىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار.
3. جىگەرنى قوغدايدۇ ۋە ئاسىرايدۇ : - ئالقاتنىڭ تەركىبىدىكى پولىساخارىدنىڭ جىگەرنى قوغداش رولى بار ، قان زەردابى گلۇتامىك پىرۇۋىك ، ترانسئامىنازانى تۆۋەنلىتىپ ، زەخمىلەنگەن جىگەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى نورماللاشتۇرىدۇ .
لىمون سۈيى

ئاساسلىق رولى : - لىموندا ۋىتامىن C بىر قەدەر كۆپ ، باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش رولى بار.
1. يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ : - لىمون سۈيى كالتىسىي ئىئوننىڭ قاننى قاتتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پەسەيتىپ ، يۇقىرى قان بېسىم ۋە يۈرەك تىقىلمىسىنى داۋالاشتا قوشۇمچە رول ئوينايدۇ .
2. بەلغەملىك يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ : - لىموننىڭ بەلغەمنى يوقىتىش رولى بار ، ھەمدە بەلغەم يوقىتىش رولى ئاپېلسىننىڭكىدىن ياخشى . بەلغەم كۆپ دوستلار سىناب باقساڭلار بولىدۇ .
3. بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ : - لىمون سۈيىنىڭ تەركىبىدە مول سىترات بار ، كالتىسىي تۇزىنىڭ كرىستالغا ئايلىنىشىنى كونترول قىلىپ ، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنى توسىدۇ ، ھەتتا بىر قىسىم ئاستا خارەكتىرلىك بۆرەكتە تاش بار بىمارلارنىڭ بۆرىكىدىكى تاشنى ئازايتىدۇ .
سۇغا چىلانغان يالپۇ

ئاساسلىق رولى : - يالپۇزنىڭ ئۆپكىنى ياخشىلاش ، روھى كەيپىياتنى كۆتۈرۈش ، ياللۇغ قايتۇرۇپ قىچىشىشنى توختىتىش رولى بار .
1. ھاردۇق چىقىرىدۇ ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدۇ : - يالپۇز چىلانغان سۇنى ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن بىر كىچىك ئىستاكان ئىچسىڭىز ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ ، ھەم بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىدۇ.
2. يۈزدىكى دودولارنى يوقىتىدۇ : - يالپۇزدا كۆپ خىل نافتۇل چاي كىسلاتاسى بار ، يۈزدىكى دودولارنى ياخشىلايدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا دائىم يالپۇز سۈيى ئىچىپ بەرسە ئەسلىگە كېلىشكىمۇ پايدىلىق .
3. ئېغىز پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ : - يالپۇز يوپۇرمىقى ئاشقازاننى ياخشىلاپ ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم قىلىدۇ ، مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ، بەدەننى كۈچەيتىدۇ ، قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ ، ئىسسىقنى ھەيدەپ ھاردۇق چىقىرىدۇ . يەنە ئېغىز پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . بولۇپمۇ ئاشقازان ، تال ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئېغىز پۇراشنى داۋالاشتا ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك .
سۇغا چىلانغان جۇخار گۈلى

ئاساسلىق رولى : - جىگەرنى تازلاپ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسىراش ، زەھەرنى ھەيدەپ ياللۇغ قايتۇرۇش رولى بار .
1. زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، كاناي ، گال ئىششىپ ئاغرىشقا پايدا قىلىدۇ : -جۇخارگۈلى ، ئۈچقات ، يەسىمەنگۈلنى بىللە چىلاپ ئىچسە ئىسسىقنى ياندۇرۇپ ، زەھەر قايتۇرىدۇ ، ئىسسىقتىن بولغان زۇكام ، گال ئاغرىق ، غەلۋىرەك يارىسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
2. كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ كۆز چارچاشنى يوقىتىدۇ : - ئەگەر ھەر كۈنى 3 تىن 4 ئىستاكانغىچە جۇخارگۈل چېيى ئىچسە ، كۆز قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق . دائىم ئۈندىدار ئوينايدىغانلار سىناپ باقساڭلار بولىدۇ .
3. رادىئاكسىيەگە قارشى تۇرىدۇ : - دائىم كومپيۇتىرغا قارايدىغان خىزمەتچىلەر جۇخارگۈل چېيىنى دائىم ئىچىپ بەرسە ، رادىئاتسىيەگە قارشى تۇرىدۇ .
يىقىنلىرىڭىزغا ئەۋەتىشنى ئۇنۇتماڭ





dastur

