



ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
كۈندە ئۈچ ۋاق بۇنى يىسىڭىزكەلگۈسىدە دوختۇرغا پۇل خەجلىمەيسىز...
ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
ئالقات ئىسىملىق بۇ كىچىككىنە نەرسىنى ھەرگىز دەل چاغلاپ قالماڭ، ئەگەردە ئۇنى كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدىن ئايرىمىسىڭىز ئۇ كەلگۈسىدە دوختۇرخانىغا كېتىدىغان نۇرغۇن پۇللىرىڭىزنى تىجەپ بېرىدۇ.
بولۇپمۇ كۈندە كەچتە بەش تال ئالقات ئىستىمال قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرسىڭىز سىز ئويلاپمۇ باقمىغان ئۈنۈملەرگە ئېرىشەلەيسىز، قېنى بىز بۈگۈن بۇ خاسىيەتلىك دورا -ئالقات بىلەن ياخشى تونۇشۇپ چىقايلى.

01
ئالقات ئىمىنۇت كۈچىڭىزنى ئاشۇرىدۇ
ئالقاتنى كۈندە ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئۇسۇلدا ئىستىمال قىلسىڭىز بولىدۇ، مەسىلەن: چاي دەملەپ ئىچش، شورپىلارغا سېلىش دىگەندەك، بىر ئاي ئىزچىل داۋاملاشتۇرسىڭىز، ئىمىنۇت كۈچىڭىزنىڭ يۇقىرلاپ ماغدۇرسىزلىنىش، قان كەملىكتىن باش قېيىش دىگەندەك ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخىشلانغانلىقىنى بايقايسىز...

02
راكقا قارشى تۇرىدۇ
راك كېسىلىدىن قورقمايدىغان ئادەم يوق، ئۇنداقتا سىز شۇ قورقنۇچلۇق راكقا قانداق قارشى تۇرۇشنى بىلەمسىز؟ يەنىلا ئالقاتتىن پايدىلىنىسىز، كىچىككىنە بۇ نەرسە بىلەن راك ھۈجەيرىلىرىنى تىزگىنلەش ۋە كونتىرول قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، كۈندە ئالقات چېيى ئىچىشنى داۋاملاشتۇرغاندا ھەتتاكى ئۆسمە بىمارلىرىنىڭمۇ كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ.

03
كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ
نۇرلۇق بىر جۈپ كۆزگە ئېرىشىشنى ھەممىمىز ئارزۇ قىلىمىز، ئەمما ھارىز رادىيەكسىيەلىك نۇرنىڭ تەسىرىدىن نارغانسېرى كۆرۈش قۇۋۋىتىمىز ناچارلاشماقتا، ئەگەردە سىزنىڭ بىر كۈنلۈك تېلىفون ياكى كومپىيوتېرغا قاراش ۋاقتىڭىز 5سائەتتىن ئاشسا ئۇنداقتا چوقۇم ئالقات چېيى ئىچىشكە ئادەتلىنىڭ، كۆزىڭىز تېلىپ ئاغرىيدىغان، قىزىرىدىغان ئەھۋاللار ياخشىلىنىپ كۆزىڭىز بارغانسېرى روشەنلىشىدۇ.

04
ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ
خىزمەت قىلىپ چارچىغاندا، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ ھارغىنلىق ھېس قىلغاندا چوقۇم بىر ئىستاكان ئالقات چېيى ئىچىشنى ئۇنۇتماڭ، ئالقات ھارغىنلىقنى پەسەيتىپ ھاياتىي كۈچىڭىزنى ئۇرغۇتۇپ سىزنى جانلىق قىلىدۇ.

قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ

ئالقات يەنە ئاشقازان ياللۇغى، ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق ياللۇغلۇق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئىستىمال قىلىشغا ماس كېلىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالىنى يىنىكلىتپ راھەت بەدەن ئاتا قىلىدۇ.

05
جىگەر، بۆرەكنى قۇۋەتلەيدۇ
ئالىقاتنىڭ يەنە ئەڭ چوڭ رولى شۇكى جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ماينىڭ جىگەر ۋە بۆرەكتە يىغىلىشىنى تىزگىنلەپ، جىگەر ۋە بۆرەكنى ماي قاپلاشنى زور دەرىجىدە توسۇيدۇ، شۇڭلاشقا ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ئالقات يىيشنى دااۋاملاشتۇرسىڭىز جىگەر ۋە بۆرىكىڭىزنى ياخىش قوغدىيالايسىز...

ئالقاتنى مۇنداق ئىستىماك قىلىڭ
01
ئالقات+جۈخۇا چېيى
ياز كۈنلىرى سوغوق ئىچىملىك ئورنىغا جۈخۇا گۈلى ئالقات چېيى دەملەپ ئىچىڭ، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، خىزمەت ۋاقتىدا ئىچسىڭىز يەنە ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ.

ئالقات+چىلان چاي
ئالقاتنى چىلان بىلەن چاي دەملەپ ئىچسىڭىز يەنە سىزنىڭ ئاشقازنىڭىزنى ئىللىتىپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەش رولى بار.

ئالقات+ پىچەكگۈل
پىچەكگۈل بۆرەك قۇۋۋەتلەيدىغان تەبىئىي دورا، ئۇنىڭغا ئالقات قوشۇلسا ئۈنۈمى تېخىمۇ زور بولىدۇ، ئىزچىل ئالقات بىلەن پىچەكگۈلنى بىللە ئىستىمال قىلسىڭىز بۆرەك قۇۋەتلەش ئۈنۈمىگە ھەقىقىي يىتەلەيسىز....

ئالقات+تۇخۇم دۈملىمىسى
كۆزى ئاغرىغانلار، كۆزى تېلىپ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاشقانلار ۋە نامازشام قارغۇلىرى تۇخۇم، ئالقات دۈملىمىسى ئىستىمال قىلسا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم كۆرەلەيدۇ.

گەرچە ئالقات ئىنتايىن شىپالىق دورا بولسىمۇ ئەمما ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئىككى خىل تەرىپى بولىدۇ، شۇڭلاشقا ئىستىمال قىلغاندا چوقۇم دېققەت قىلىش كېرەك.

كۆپ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ :
ئالقاتنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا ئىسسىقنى ئاشۇرۋىتىدۇ، كۈندە 30 گىرامدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلماڭ.

ئالقات ئىستىمال قىلىشقا ماس كەلمەيدىغانلار پەرھىز تۇتىشى كېرەك
ئىچى سۈرىۋاتقانلار، زۇكام، قىززىىۋاتقانلار، ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلار ئىستىمال قىلماسلىقى كېرەك.

ئوزۇقلۇق تەركىبنىڭ ئېقىپ چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
شورپا قىلغاندا، دۈملىگەندە، چاي دەملىگەندە ئالقاتنى بەك پۇشۇرۇپ ئورۇقلۇق تەركىپنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ، ئېقىپ چىقىپ كېتىشغنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، پەقەت شورپا پىشاي دىگەندە، دۈملىمە پىشاي دىگەندە، چاينى دەملەپ بولغاندا ئاندىن ئالقاتنى سېلىش كېرەك.


توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش بۆلۈمىدە ساقلىماسلىق
ئالقاتنى ساقلىغاندا ئاغزىنى چىڭ ئېتىپ قۇرغاق، سالقىن جايدا ساقلىسىڭىزلا بولىدۇ، ھەرگىزمۇ توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش بۆلۈمىدە ساقلاپ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى بۇزىۋەتمەڭ.

مانا بۇ تەبىئىي دورا ئالقاتنىڭ دورىلىق قىممىتى ۋە ئىستىمال قىلىش ئۇسۇللىرى، ئەگەردە ساغلاملىقىڭىزغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلسىڭىز باھاسى ئەرزان قىممىتى يۇقىرى ئالقاتنى ئۆيىڭىزدىن ھەرگىز ئايرىماڭ....
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ


