大数跨境

بالىلارغا پايدىلىق ھەرىكەتلەر قايسىلار؟

بالىلارغا پايدىلىق ھەرىكەتلەر قايسىلار؟ dastur
2018-12-29
4
导读:ئەكبەر ئىسمائىلئۇزۇنغا يۈگۈرۈش بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلى



ئەكبەر ئىسمائىل

ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق ئىكەن

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇزۇنغا يۈگۈرەيدىغان بالىلارنى فىزىيولوگىيە ۋە مېدىتسىنا نۇقتىسىدىن كۆزىتىشىچە، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشنى بىر يىل ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشتۇرغان بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى نورمال بولغان، بەزى بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى ۋە ئېغىرلىقى ئوخشاش ياشتىكى بالىلاردىن نىسپىي يۇقىرىراق بولغان. ئېلىمىزدىكى مۇتەخەسسىسلەر 10 مىڭ مېتىرغا يۈگۈرەيدىغان بالىلاردىكى فىزىيولوگىيەلىك ئىنكاسنى كۆزەتكەندە ھېچقانداق نورمالسىزلىقنى بايقىمىغان، مۇتەخەسسىسلەر بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشنى بالىلار مەشىقىنىڭ ئاساسى قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان يۈرەك ئىقتىدارىدىن قارىغاندا، گەرچە بالىلارنىڭ يۈرەك ئىقتىدار كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ مۇتلەق قىممىتى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭكىدىن تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما بەدەن ئېغىرلىقى بويىچە ھېسابلىغاندا، ھەر كىلوگىرام بەدەن ئېغىرلىقىغا توغرا كېلىدىغان قان سىقىپ چىقىرىش مىقدارى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭكىدىن پەرقلەنمەيدىكەن، بۇ، بالىلار يۈرىكىنىڭمۇ مۇئەييەن بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىكەن. تۆۋەن سىجىللىقتىكى ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشتۇرۇلغان ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش بالىلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق ئىكەن.

تىكتاك توپ ئويناش يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن

بالىلار تىكتاك توپ ئويناپ بەرسە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئاساسلىقى كۆزنىڭ چارچىشى سەۋەب بولىدىكەن. ئادەم يېقىن جايدىكى جىسىمغا قارىغاندا، كىرىستال تەنچە (كۆز گۆھىرى)نىڭ ئەگرىلىك دەرىجىسى ئېشىپ، نۇر سۇندۇرۇشچانلىقى كۈچىيىپ، جىسىم تەسۋىرى كۆرۈش پەردىسىگە چۈشىدىكەن، ئادەم شۇ ئارقىلىق جىسىمنى ئېنىق كۆرۈش مەقسىتىگە يېتىدىكەن. ئادەم يىراقتىكى جىسىمغا قارىغاندا، كىرىستال تەنچىدە تەڭشەش بولمايدىكەن. ئادەم ئۇزاق مەزگىل يېقىن ئارىلىقتىن تۇرۇپ جىسىمغا قارىسا، كىرىستال تەنچە ئۈزلۈكسىز يۇقىرى تەڭشەش ھالىتىدە تۇرۇپ، كۆز ئاسانلا چارچايدىكەن. يېقىن ئارىلىقتىن جىسىمغا قارىغاندا، كۆز ئالمىسى بۇرۇن تۈۋى تەرەپكە مەركەزلىشىپ، كۆز ئەتراپىدىكى مۇسكۇللارنىڭ كۆز ئالمىسىنى بېسىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، كۆز ئوقى ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئۇزىراپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىككە سەۋەب بولىدىكەن. تىكتاك توپ ئوينىغاندا، كۆز ھېلى يىراقلاپ ھېلى يېقىنلاۋاتقان، ھەر خىل پىرقىراۋاتقان تىكتاك توپقا تىكىلىپ تۇرغاچقا، كۆز ئالمىسىنىڭ ئىچكى قىسمى توختىماي ھەرىكەت قىلىدىكەن، بۇنداق ھەرىكەت كۆزنىڭ قان ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ، كۆز نېرۋىسىنىڭ فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىدىكەن، شۇ ئارقىلىق كۆزنىڭ چارچىشىنى تۈگىتىدىكەن. تىكتاك توپ ئويناش ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بالىلارنىڭ ھەرىكەت ماسلىشىشچانلىقىنى چېنىقتۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەن.

سەكرەش تۈرىدىكى ھەرىكەتلەر مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىكەن

دائىم ھەرىكەت قىلىشنىڭ مېڭە قۇۋۋەتلەش رولى بار ئىكەن. ئادەم ھەرىكەت قىلغاندا نېرۋىلار جانلىنىپ، چوڭ مېڭىنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارى كۈچىيىپ، ئىنكاسى تېزلىشىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۈرەك ئىقتىدارى كۈچىيىپ، قان ئايلىنىش تېزلىشىدىكەن، بۇ، مېڭىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇققا ئېرىشىشىگە پايدىلىق ئىكەن. بولۇپمۇ، سەكرەش تۈرىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن. ئاتلىغۇچ ئويناش، تەپكۈچ ئويناش، ئۇسسۇل ئويناش قاتارلىق سەكرەش تۈرىدىكى ھەرىكەتلەر بالىلارنىڭ مېڭىسىنى قۇۋۋەتلەپ، ئەقلىنى ئاچىدىكەن. سەكرەش تۈرىدىكى ھەرىكەتنى كۈندە بىر قانچە قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئىجابىي رول ئوينايدىكەن.

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى 


【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662