dastur
ئاكام
قەلەمدە : يادىكار
ھەسەل،ناۋات شىكىرىم ئاكام،
زور بايلىقىم گۆھىرىم ئاكام.
بوينىمدىكى تۇمىرىم ئاكام،
ياخشى ئۈلگەم، رەھبىرىم ئاكام.
يۈرەك-پارەم جىگىرىم ئاكام.
نىمە تاپسا ئۇكامنىڭ دەيدۇ،
تاتلىقىدا بىزنى يوقلايدۇ.
ئاچچىقىنى ئۆزى ئوتلايدۇ،
جان ئاتامغا بەكمۇ ئوخشايدۇ.
يۈرەك-پارەم جىگىرىم ئاكام.
بوۋاقلاردەك ئوماق چىھرى بار،
جان ئانامدەك ئىللىق مىھرى بار.
يۈرىكىدە چەكسىز بەھرى بار،
رەزىللىككە ئاچچىق قەھرى بار.
يۈرەك - پارەم جىگىرىم ئاكام.
پاراڭلىرى يۇمۇرلۇق چۈچۈك،
قۇچاقلىرى مەخمەل بۆلەنچۈك.
ھەممىمىزگە تاغدەك يۆلەنچۈك،
قەلبىمىزدە بۈيۈكتۇر - بۈيۈك.
يۈرەك - پارەم جىگىرىم ئاكام.
ئۇ---بەئەينى چىنار دەرىخى،
قار-بوراندا سۇنمايدۇ شېخى.
بىزگە سايە بولىدۇ تېخى،
قولى ئوچۇق،ئاجايىپ سېخى،
يۈرەك-پارەم جىگىرىم ئاكام.
قېرىنداشنىڭ قىلار غىمىنى،
ئايىماستىن ھىچبىر نىمىنى.
ئۆكسۈتمەيدۇ گۆش-ياغ نېنىنى،
زۆرۈر بولسا بىرەر جېنىنى،
يۈرەك - پارەم جىگىرىم ئاكام.
رىيازەتلەر چەكتى بىزنى دەپ،
نارىسىدە ئوغۇل - قىزنى دەپ.
جىق ئوقۇتتى بەختىمىزنى دەپ،
ئاتام باسقان ئۇلۇغ ئىزىنى دەپ،
يۈرەك - پارەم جىگىرىم ئاكام.
بىردەم بىكار يۈرۈپ باقمىدى،
قىلچە راھەت كۆرۈپ باقمىدى.
ھېچكىمگە ھال ئوقۇپ باقمىدى،
ئۆز بۇرچىنى ئۇنتۇپ باقمىدى،
يۈرەك - پارەم جىگىرىم ئاكام.
دوسلىرىنى سۆكتى نەچچىلەر،
تۇغقىنىڭ--پۇل دىدى گەپچىلەر.
ئەمما ئاكام ، دوستقا ئىنتىلەر،
قېرىنداشنى ئالتۇندەك بىلەر،
يۈرەك - پارەم جىگىرىم ئاكام.
ئەل-ئاۋامنى ئويلايدۇ ھەردەم،
قىلىپ قولدىن كىلىشچە ياردەم.
غەم-شادلىقتا بولىشىپ دەرقەم،
مۈشكۈللەردە تۇرىدۇ بەردەم،
يۈرەك - پارەم جىگىرىم ئاكام.
دىل بېغىنىڭ ئۈششىمەس يازى،
كۈيلەر مىھىر-شەپقەتنى سازى.
ساداقەتنى سۆزلەيدۇ ئاغزى،
ئاتامنىمۇ قىلدى جىق رازى،
يۈرەك - پارەم جىگىرىم ئاكام.
بولمىسا ئۇ---بولمايدۇ بىزگە،
يىتەلمەيمىز باھارغا - كۈزگە.
گۈل كۆرۈنەر دائىما كۆزگە،
بۇ سۆيگۈنى بىلگەيمۇ ئۆزگە،
يۈرەك - پارەم جىگىرىم ئاكام.
كۆڭلى گويا پاختا كەبى ئاق،
غەيۇرلۇقتا تەڭدىشى يوق،تاق.
ياتقىنى--- داق، يىگەنلىرى قاق،
بولسىمۇ گەر،بولغاي تىنى ساق،
يۈرەك - پارەم جىگىرىم ئاكام.
2019-5-18

