
تاماقمۇ ئېغىزدىن كىسەلمۇ ئېغىزدىن كىرەر دىگەن گەپ بار. بۇ گەپنى پۈتۈن جۇڭگولۇق بىلىدۇ. لېكىن كىسەلنىڭ قانداق قىلىپ ئېغىزدىن كىرىدىغىنىنى بىلەمسىز؟

بۈگۈن كۆپچىلىككە قاتتىق تەكىتلىمەكچىكى، يىمەكلىك توغرا ئىستىمال قىلىنغاندا ئاندىن قۇۋەت بولىدۇ. لېكىن خاتا ۋاقىتتا ئىستىمال قىلىنسا ئوغا بولىدۇ. سىزنىڭ ۋە ئائىلە ئەزالىرىڭىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن نەچچە مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ بۇ مەزمۇننى كۆرۈپ قويۇڭ.
تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېز بولۇپ كېتىشىدىن ھازىر نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ تامىقىنىڭ ئاساسلىقى كەچلىككە ئورۇنلاشتۇرۇلدىغان بولدى. تۆۋەندىكى يىمەكلىكلەرنى كەچتە ھەرگىز يەپ سالماڭ، بولمىسا ئۆزىڭىزنى ئۆلتۈرگەن بىلەن باراۋەر.
كەچتە زەنجىۋىلنى ھەرگىز يىمەڭ

زەنجىۋىل توغرىسدا تىبابەتتىلا ئەمەس خەلق ئىچىدىمۇ نۇرغۇن ئىجابىي تەسىر بار. ئەتتىگەندە زەنجىۋىل يىسىڭىز قان ئايلىنىشنى تېزلىتىدۇ، ئادەمنىڭ مىڭىسىنى سەگەكلەشتۈرىدۇ، روھنى ئۇرغۇتىدۇ، ھەمدە بەدەنگە ھارارەت يەتكۈزىدۇ.
لېكىن كەچتە زەنجىۋىلنى يىسىڭىز ئادەمنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىۋېتىدۇدە نورمال ئۇيقۇغا تەسىر قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەدەننىڭ ئۇيقۇ ھالەتتىكى ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تەسىر قىلىدۇ، بەدەنگە ئورۇنسىزلا زەخمە يەتكۈزىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر كەچلىك تاماقتىن كېيىن تاتلىق نەرسىلەرنى يىيىشنى ياقتۇرىدۇ. لېكىن ھەددىدىن زىيادە تاتلىق يىمەكلىكلەر ناھايىتى ئاسانلا ئاشقازان ئۈچەيگە بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. يەنەبىر تەرەپتىن، تاتلىق تۈرۈم تەركىبىدىكى شىكەر ماددىسى بەدەن ئارام ئېلىۋاتقان مەزگىلدە ناھايىتى تەستە پارچىلىندۇ، شۇنىڭ بىلەن ياغققا ئايلىنىپ بەدەندە ساقلىنىپ قالىدۇ، ئاسانلا سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل مۇشۇنداق بولىۋەرسە يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بار.
مايلىق يمەكلىك مايدا قورۇلغان يىمەكلىكنىلا كۆرسەتمەستىن، يەنە خولىستىرىن تەركىبى يوقۇرى بولغان ھايۋانات ئىچكى ئەزالىرىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. بۇخىل يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن كېيىن ئاشقازان، ئۈچەي، جىگەر، ئۆت ۋە ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ خىزمىتىنى ئاشۇرۋېتىدۇ.
كەچتە يۇقۇرى كالتسىيلىق تاماقتىن يىراق تۇرۇڭ

كەچلىك تاماقتا يۇقۇرى كالتسىيلىق تاماقنى يىيىشمۇ ياخشى ئەمەس، مەسىلەن راك پوستى، كۆمۈرچەك سۆڭەكلىك بېلىقلار. چۈنكى كەچتە بەش ئەزا ئاساسەن ئۇيقۇ ھەلىتىگە كىرىپ كەتكەچكە، يۇقۇرى كالتسىيلىق يىمەكلىك تەركىبىدىكى كالتسىي ماددىسى ئاسانلا بۆرەكتە توپلىنىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۆرەكتە تاش پەيدا بولىدۇ.
كەچتە يەل كېلىدىغان يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك

بەزى يىمەكلىكلەر ھەزىم بولۇش جەريانىدا كۆپ مىقداردا گاز پەيدا قىلىپ قورساقنى كۆپتۈرۋېتىدۇ. مەسىلەن، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، چوڭ يەسىۋېلەك، پىياز، كۆممەقوناق قاتارلىقلار. ھەددىدىن زىيادە قورساقنىڭ كۆپۈشى ئاشقازان ئۈچەينى بىئارام قىلىپ قالماستىن يەنە ئۇيقۇغىمۇ تەسىر قىلىدۇ

دۇريان تەركىبىنىڭ 2/3قىسمى شىكەر بولۇپ، قان قەنتى يۇقۇرى،يۇقۇرى قان بېسىمى بار ياكى قان بېسىمى تۈۋەن، يۈرەك ئىقتىدارى ناچارلار، ئاشقازان ئۈچەيدە شەلۋەرىگەنلەرگە نىسپەتەن دۇريان مىۋىسىنى يىگەندە يەنىلا قاتتىق ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.
ئەڭ ياخشىسى قۇبۇل قىلغان ئىسسىقلىق مىقدارى ئېشىپ كېتىش ساۋەبلىك، ئەسلى بار بولغان كىسەلنىڭ قايتا قوزغىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تاماق مىقدارىنى ئازلىتىپ ئاندىن دۇرياننى يەڭ.

شىكەر ماددىسى كۆپ. مول بولغان شىكەر، ئاقسىل، ۋىتامىن، كالتسىي، تۆمۈر، فوسفور، كالىي، قاتارلىق كۆپ خىل ئېلىمىنىتلار بار. تۆمۈر ماددىسى مىۋىلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، تۆمۈر تولۇقلايدىغان، مىڭىنى قۇۋەتلەيدىغان ياخشى مىۋە. تاتلىق كىسىلى بارلار ھەرگىز ئاغزىڭىزغا سالماڭ.

ئۈزۈم پوستى ۋە ئۈزۈم ئۇرىقى تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا بار، يۈرەك قان تۇمۇر كېسىلىگە نىسپەتەن ئالدىنى ئېلىش رولى بار. شىكەر تەركىبى يۇقۇرى، 10تال يەرشارى قىزىل ئۈزۈمىنىڭ ئىسسىقلىقى، 100گىرام ئاق گۈرۈشنىڭ ئىسسىقلىقى بىلەن تەڭ. تاتلىق كىسىلى بارلار كۆپ يىيىشكە بولمايدۇ.

شىكەر ھاسىل قىلش كۆرسەتكۈچى يۇقۇرى، تاتلىك كىىسىلى بارلار كۆپ يىمەسلىكى كېرەك. سەزگۈرلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يىمەكلىك بولۇپ، سەزگۈرلىكى يۇقۇرى كىشىلەر ھەتتا مىۋىنى تۇتۇپ قويسىمۇ رىئاكسىيە قىلىپ كېتىدۇ، رىئاكسىيە قىلىدىغانلار قاتتىق ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.

ھايمانتۇس تەركىبىدە تەبىئىي بولغان قەنت بولۇپ ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ، تاتلىق كىسىلى بارلار بىر قېتىمدا كۆپ يىمەسلىكى لازىم. ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارى ناچار، ئاسان ئىچى سۈرۈپ كېتىدىغانلار ئاز يىيىش كېرەك.
ئەگەر كەچتە ھەقىقەتەن قورساق ئېچىپ قالسا، 5 خىل مىۋىنى مۇۋاپپىق مىقداردا يىىڭىز بولىدۇ. مىۋە چوقۇم پىشقان، يېڭى بولغان بولۇشى ۋە مۇۋاپپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىش كېرەك.
بولو
بولو تەركىبىدىكى بولو ئاقسىل ئېنزىمى ئاقسىلنىڭ ھەزىم بولۇشىغا ياردەم قىلىدۇ، ئادەم بەدىنىدىكى ھەزىم قىلىش ئېنزىمىنى تولۇقلايدۇ، ھەزىم ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. قەدىمقى جوڭگو تىبابەت خاتىرلىرىدىمۇ بولونىڭ ئاشقازان تالنى ساغلام قىلدىغانلىقى خاتىرلەنگەن. تاماقتىن كېيىن بولو يىگەندە تاماقنىڭ سىڭىشىغا، مايلارنىڭ پارچىلنىشىغا ياردەم قىلدۇ.
كۇلى بېھىسى (مۇگۇا)

كۇلى بېھىسى تەركىبىدىكى مۇگۇا ئېنزىمى ئادەم بەدىنىدىكى گۆش تۈردىكى ئاقسىلارنىڭ پارچىلنىشىغا ياردەم قىلىدۇ. تاماقتىن كېيىن ئازراق يىگەندە، ئاشقازان شەلۋەرەشنىڭ، ئاشقازان ئۈچەي ياللۇغىنىڭ، ھەزىم ياخشى بولماسلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
مايمۇن شاپتول، ئاپلىسىن، دولانا قاتارلىقلار
بۇلار بولسا تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئورگانىڭ كىسلاتا بار بولۇپ، ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ياغلارنىڭ پارچىلنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم قىلىدۇ.
بانان
باناننىڭ ئۇيقۇغا بولغان تەسىرى بەك ياخشى بولۇپ، ھەتتە بەزىلەر بۇنى مىۋە پوستىغا ئورالغان ئۇيقۇ دورىسى دەپ ئاتايدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن بانان يىگەندە بەدەندىكى ھارغىنلىقنى تۈگۈتىدۇ، ھەمدە قان بېسىمىنى تۇراقلاشتۇرىدۇ، ناھايىتى تېزلا ئۇيقۇغا ئېلىپ كىرىدۇ.
新疆代斯图尔国际贸易有限公司






