
چوڭ مىڭگە تەسىر كۆرسىتىدىغان 5 يامان ئادەت بولۇپ،ئۇخلىيالماسلىقتىن باشقا ئامىللارنى بىلەمسىز؟
چوڭ مېڭە يەر شارىدىكى كۆپ ساندىكى جانلىقلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. چوڭ مېڭە ھايۋانلارنىڭ نېرۋا مەركىزى ھىساپلىنىدۇ، ئۇ شەھەر باشقۇرۇش ھەرىكىتى ياكى مەلۇم بىر ئىشنى قىلىش ھوقوقىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، چوڭ مېڭدە مەسىلە كۆرۈلسە ،دىمەك بۇ ھايۋانلارنىڭ بەدىنى ساغلام تۇرغىنى بىلەن مۇقەررەر ھالدا باشقا مەسىلە كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئىنسانلار بەدىنىدە تېخىمۇ كۆرىنەرلىك ئىپادىلىنىدۇ. ئىنسانلار يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلار دەپ قارىلىلدىغان بولۇپ ،ئۇلاردا ھەر خىل ئوي ۋە غايە، مەۋجۇت بولىدۇ. تەپەككۇر بىلەن غايە ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىگە ئوخشايدۇ . نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن ، كىشلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ چوڭ مېڭسنى تېخىمۇ ياخشى دەپ ئويلايدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بۇرۇنلا خىلمۇخىل ئۇسۇللارنى قوللانغان، بىراق ھازىرقى تىخنىكىلارنىڭ چوڭ مىڭىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرشى كۆرنەرلىك ئەمەس .

چوڭ مىڭىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، چوڭ مىڭىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلىغانغا يەتمەيدۇ . چۈنكى بەزى يامان ئادەتنى يىتىلدۇرۇش چوڭ مېڭگە زىيان يەتكۈزىدۇ ،ئەقلىي ئىقتىدارغا بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزىدۇ . چوڭ مېڭىمىزنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يامان ئادەتلەر قايسىلار ؟

بىرىنچى چوڭ مېڭىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئادەت بولسا كاللا ئىشلەتمەسلىك . ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى خۇددى بىر ئۆتكۈر پىچاققا ئوخشايدۇ ، قانچە كۆپ ئىشلەتكەنچە، ئۇ شۇنچە ئۆتكۈرلىشىدۇ، ئەگەر سىز ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتمىگەندە ئۇ تەپەككۇر قىلالماي ، ئۇنداقتا چوڭ مېڭە بىر قاتار يامان ئىنكاسلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇ چاغدا بىز چوقۇم ، كۆپرەك كىتاب ئوقۇش ، گېزىت كۆرۈش ، ياكى بەزى بىكار ۋاقىتلاردا بىر قاتار ماتىماتىكا سۇئالى ئىشلەش، ئولىمپىك ماتېماتىكا سوئالى ئىشلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانساق بولىدۇ.

ئىككىنچى چوڭ مېڭىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەت دەل تاماكا چېكىش بولۇپ ، ئالدى بىلەن بەدەنگە زىيانلىق ، بۇ ھەممىگە ئايان بىر ئىش، لېكىن ئۇنىڭ چوڭ مېڭىگە بولغان تەسىرى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك . تاماكا چەككەندە ئادەم بەدىنى كۆپ مىقداردا ھەر خىل زىيانلىق ماددىلارنى سۈمۈرىدۇ . ئادەم بەدىنى كۆپ مىقداردا Co سۈمۈرگەندە، قاندىكى ئوكسىگېن سۈمۈرۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ . ۋەھالەنكى نىكوتىن ئىستېمال قىلىپ كىلىپ چىققان بەدەندىكى قان بېسىمى ئۆرلەش، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ يۈرەككە بولغان تەسىرى ناھايىتى زور بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاماكا چېكىش كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق ئىنىرگىيەسى چىقىرىپ ئېغىز بوشلۇقىدا ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ، ھەمدە ئاسانلا بىر قىسىم راك كېسەللىرىنى پەيدا قىلىدۇ . بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى تاماكىنىڭ ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان زىيىنى بەك ئېغىر. 
ئۈچىنچى بېسىم بەك چوڭ بولۇپ كىتىش. ئادەم بەدىنى بەك ئارتۇق بېسىم بىلەن ئۇچراشقان چاغدا ، يۈرەك سوقۇشى تېز بولۇش ، مۇسكۇل چىڭقىلىش، قان بېسىمى ئۆرلەش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەمدە بەدەندىن تەر چىقىرىش ھادىسىسنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، چوڭ مېڭىگە بىر خىل سىگنال تارقىتىدۇ . بەك ئارتۇق بېسىم ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى قاتارلىق ھەر خىل ئىقتىدارلىرىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلشىنى شەكىللەندۈرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئېغىر بېسىمدا يەنە ئادەمنىڭ مىجەزى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ ، ئادەتتە جىمغۇر ئادەملەر ھاياجانلىنىپ كىتىدىغان ، چىقىشقاق ئادەملەرمۇ كەمسۆز،چۇس بولۇپ قالدىغان بولۇشى مۇمكىن .

تۆتىنجى بىر ئەسكى مىجەز بولسا تۈن بويى كىرپىك قاقماسلىق .
ھازىر كىشىلەر ھەر خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن ، نۇرغۇن ياشلار كېچىچە ئۇخلىماي كۆنۈپ قالغان بولىدۇ . تۈن بويى كىرپىك قاقماسلىقنىڭ ئادەم بەدىنىگە نۇرغۇن زىيىنى بار بولۇپ شۇ سەۋەپتىن ، كۈندۈزى مۇقەررەر چارچاپ كىتىدۇ . ئەمما كۈندۈزى يەنە تۈرلۈك دۇنيا ئىشلىرى سىزنى ئۇخلاتمايدۇ ، شۇ سەۋەپتىن كىشىلەردە نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قانۇنىيەتسىز ئۇخلاشمۇ ئادەمگە كۈچلۈك بېسىم ئېلىپ كىلىدۇ. بۇ ئادەم چوڭ مېڭىسىدە ساقلانغىلى بولمايدىغان تەسىر پەيدا قىلىدۇ .

ئەڭ ئاخىرقى بىر ئەسكى مىجەز بولسا ماي ، تۇز مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى دائىم ئىستېمال قىلىش . بۇنداق نەرسىلەرنى بەكلا كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلار كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.








新疆代斯图尔国际贸易阳有限公司

