大数跨境

بەش ئەزاغا پايدىلىق يېمەكلىكلەر ، چوقۇم ساقلىۋىلىڭ

بەش ئەزاغا پايدىلىق يېمەكلىكلەر ، چوقۇم ساقلىۋىلىڭ dastur
2019-02-10
4



بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم بەش ئەزا بولسا، يۈرەك، جىگەر، تال، ئۆپكە، بۆرەك. ئۇنداقتا بۇ ئەزالارنى ياخشى ئاراش ئۈچۈن قايسى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يىيىش كېرەك، تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ!

 يۈرەكنى ئاسرايدىغان يېمەكلىكلەر 
1
چىلان

چىلان تەركىبىدە كۆپ مىقداردا قان تولۇقلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق ـــ تۆمۈر ۋە فۇسفۇر بولۇپ، بىر تەبىئىي قان تولۇقلىغۇچى.

ھەرخىل قان ئازلىق، تېنى ئاجىز، تۇغۇتتىن كىيىن ئاجىزلىشىش، ئوپىراتىسيەدىن كىيىن قان يىتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان يۈرەك سېقىلىش قاتارلىقلارغا ناھايىتى ماس كىلىدۇ. چىلاننى سۇدا قاينىتىپ ياكى ئەتىگەن-كەچتە ئاچ قورساق چايناپ ئېستىمال قىلسىمۇ بولىدۇ.

2
ئۈزۈم

ئۈزۈم تەركىبىدە مول گلۇكوزا، ئورگانىك كىسلاتا، ئامىنو كىسلاتا، ۋىتامىن بولۇپ، چوڭ مېڭە نېرۋىلىرىغا مەنپەئەت قىلىش ھەم روھلاندۇرۇش رولى بار. قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدە قەنت ۋە تۆمۈر مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، تېنى ئاجىز، قان ئاز كىشىلەرگە ناھايىتى ماس كىلىدۇ.

شۇڭا قان ۋە قۇۋۋەت يىتىشمەسلىك تىپلىق يۈرەك سىقىلىش، ھەمدە نېرۋىسى ئاجىز كىشىلەر ئۈزۈمنى كۆپرەك ئېستىمال قىلسا ناھايىتى مۇۋاپىق.

 جىگەرنى ئاسرايدىغان يېمەكلىكلەر 
1
كۈدە

جۇڭيى تىبابىتىدە، ئەتىياز پەسلىدە كۈدە يىيىش سوغۇقنى ھەيدەش رولىنى ئوينايدۇ، جىگەرنى ئاسراشتىمۇ ناھايىتى پايدىلىق. كۈز پەسلىدىكى كۈدە تەركىبىدە ئاىدىل ناھايىتى يۇقىرى، شۇڭا ئەگەر يەللىك بوغۇم ئاغرىقى مەسىللىرى بولسا، ئەڭ ياخشىسى كۈدە ئېستىمال قىلماسلىق كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۈدە بىلەن بىر قىسىم جۇڭيى دورىلىرىدا خېمىيەلىك رېئاكسىيە يۈ بىرىدۇ، شۇڭا ئەگەر دورا ئېستىمال قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، ئەڭ ياخشىسى ياخشى تەكشۈرتۈپ ئېستىمال قىلىش كېرەك.

2
ماش

نۇرغۇن كىشىلەر ماشنىڭ زەھەرنى قايتۇرۇش، سۇلۇق ئىششىقنى ياندۇرۇش رولىنى بىلىدۇ. ماش تەركىبىدە مول بولغان لىسىن كىسلاتاسى ۋە ئامىنو كىسلاتا بولۇپ، بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن ناۋاتنى بىرلەشتۈرگەندە داۋالاش قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، بولۇپمۇ جىگەرنى ئىسسىق قاپلاش كىتىش پەيدا قىلغان ئىسسىقى ئىشىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

3
پەمىدۇر

پەمىدۇر ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەر قايتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتا جىگەر كېسىلى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بەزى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلايدۇ. جىگەرنى قوغداش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى.

 تالنى ئاسرايدىغان يېمەكلىكلەر 
1
يېپىشقاق گۈرۈچ

تەبىئىتى ئىسىسىققا مايىل، تەمى تاتلىق، تالنى قۇۋۋەتلەش رولى بار، تال زەئىپلىشىش بولغان كىشىلەر يېپىشقاق گۈرۈچ ئۇمىچىنى مۇۋاپىق ئېستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.

2
تاتلىقياڭيۇ

تاتلىقياڭيۇنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق، تالنى قۇۋۋەتلەپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار.

ئۆپكىنى ئاسرايدىغان يېمەكلىكلەر 
1
ئاق مور

  ئاق مورنى قورۇما قورۇپ ياكى دۈملەپ پىشۇرۇپ ئېستىمال قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۆپكىنى نەمدەپ بەلغەم بوشىتىش، ھۆللۈك پەيدا قىلىش رولى بولۇپ، مەنپىيلىك زەئىپلىشىشتىن قۇرۇق يۆتىلىش، يۇتقۇنچاق قۇرۇپ ئۇسساش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى داۋالايدۇ.

2
تۇرۇپ

تۇرۇپنى خام ئېستىمال قىلسا قىزىتما، ئۆپكە ئىسسىقتىن يۆتىلىش قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ؛ ئەگەر نەشپۈت، شېكەر قۇمۇشى قاتارلىق مېۋە شەربەتلىرى بىلەن بىللە ئېستىمال قىلسا ئۈنۈمى تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇپ بەلغەمنى بوشىتىش، يۆتەلنى توختىتىش، تاماق سىڭدۈرۈش قاتارلىق روللىرى بار.


بۆرەكنى ئاسرايدىغان يېمەكلىكلەر 
1
كاشتان

كاشتاننىڭ تەبىئىتى ئىسسىقا مايىل، تەمى تاتلىق، تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش رولىدىن باشقا، يەنە بۆرەكنى تىخىمۇ قۇۋۋەتلەيدۇ، بۆرەك زەئىپلىشىشتىن بولغان بەل ئاغرىش بولغان كىشىلەر ئېستىمال قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.

2
پېچەكگۈل

پېچەكگۈلنىڭ تەمى تاتلىق، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەپلا قالماستىن، يەنە تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ مەنى تولۇقلايدۇ. بۆرەك زەئىپلىشىش بولغان كىشىلەرنىڭ ئېستىمال قىلىشىغا ناھايىتى ماس كىلىدۇ.

3
 ئالقات

ئالقاتنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ جىگەرنى ئاسرايدۇ. مەنى پەيدا قىلىپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياشلىق ئەر-ئاياللارنىڭ ئېستىمال قىلىشىغا ناھايىتى ماس كىلىدۇ.

4
قارا پۇرچاق

قارا پۇرچاقنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، قاننى جانلاندۇرۇش، تېرىنى سىلىقلاش ئۈنۈملىرى بار، بولۇپمۇ بۆرەك زەئىپلىشىش بولغان كىشىلەرنىڭ ئېستىمال قىلىشىغا ناھايىتى ماس كىلىدۇ.

  


يۈرەك سۆزىڭىزنى ئىنكاس يېزىپ قالدۇرۇپ قۇيۇڭ











dastur

【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读1.3k
粉丝0
内容662