大数跨境

جىگەر ساغلاملىقىنى قانداق ئاسرىشىمىز كېرەك؟

جىگەر ساغلاملىقىنى قانداق ئاسرىشىمىز كېرەك؟ dastur
2019-07-28
0
导读:دەستۇر



جىگەر ساغلاملىقىنى قانداق ئاسرىشىمىز كېرەك؟


جىگەر ساغلام بولسا بەدەنمۇ ساغلام بولىدۇ، جىگەر ساغلام بولمىغاندا ئادەم ئاسانلا چارچايدۇ. ئۇنداقتا، بىز جىگەر ساغلاملىقىنى قانداق ئاسرىشىمىز كېرەك؟

ھەر كۈنى ئىككى مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ تۆۋەندىكى بىر قانچە ئاددىي ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ بەرگەندە، جىگەرنى ئاسراش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. بىرىنچى ئۇسۇل كۆزنى يۇمۇش.

جىگەر بىلەن كۆز بىر- بىرىگە باغلانغان بولىدۇ، جىگەر قاننى زاپاس ساقلايدۇ، جىگەر كۆرۈش ئىقتىدارىغا مەسئۇل، شۇڭا جىگەرنى ئاسرىغاندا بىرىنچى بولۇپ كۆزنى ئاسراش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر كۆز قۇرغاقلىشىپ، ئاسان ياش ئاقسا، بۇلارنىڭ ھەممىسى جىگەرنىڭ مەسىلىسى بولۇشى مۇمكىن. كۆز قۇرغاقلىشىش جىگەرگە قان يېتىشمىگەنلىكنى كۆرسىتىدۇ؛ شامالغا قارشى ماڭغاندا كۆز ياشاڭغۇرىسا، جىگەرنىڭ قورۇلۇش ئىقتىدارىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. كۆزنى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىتىپ چارچىغاندا، كۆزنى يۇمۇپ بەرسە، جىگەرنى ئاسراپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. كۆزنى يۇمۇپ بەرگەندە بەدەندىكى تەتۈر يەلنى تۆۋەنلىتىدۇ، كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن كۆز قاپىقىنى كۆز قارىچۇقى قىزىپ چىڭقالغۇچە يېنىك بېسىپ بەرسە، ئاچچىقنى بېسىش، تىنىچلاندۇرۇش ئۈنۈمى بار.

ئىككىنچى ئۇسۇل: كۆز ئالمىسىنى ئايلاندۇرۇش. يىراقتىكى بىر چوڭ جىسىمنى نىشان قىلىپ، كۆز ئالمىسىنى سولدىن يۇقىرىغا ئاندىن ئوڭدىن تۆۋەنگە يۆنىلىش بويىچە ئايلاندۇرىمىز. ئېسىڭىزدە بولسۇن، كۆز ئالمىسىنى ئايلاندۇرغاندا باش مىدىرلىمايدۇ، پەقەت كۆز ئالمىسىلا ھەرىكەتلىنىدۇ. كۆز ئالمىسىنى 10 قېتىم ئايلاندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، قارشى يۆنىلىش بويىچە يەنە 10 قېتىم ئايلاندۇرۇپ بەرگەندە، كۆزنىڭ چارچىشى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. يەنە ھەر كۈنى پۇتنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش ۋە كۈتۈنۈش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، بىر سائەت خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، بويۇننى ئاستا ئايلاندۇرۇپ، بويۇن مۇسكۇللىرىنى يېنىك ئۇرۇپ بەرگەندە، مۇسكۇللارنىڭ ھارغىنلىقىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ، يەنە چوڭ مېڭىنىڭ قان ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشىنى ياخشىلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن مېڭە شۇ ھامان سەگەكلىشىپ، نېرۋا ئاجىزلىقىغا بەلگىلىك ئۈنۈم بېرىدۇ.

جىگەرنى ياخشى ئاسراش ئۈچۈن، ئادەتتە ئالقات ئۇمىچىنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئالقات جىگەرنى ئاسراپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدىغان ئىنتايىن ياخشى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.

ئالقاتنى بىۋاسىتە يېيىشكىمۇ، قايناقسۇغا چىلاپ سۈيىنى ئىچىشكىمۇ بولىدۇ، يەنە دورىلىق تاماق ئورنىدا ئۇماچ تەييارلاشقىمۇ بولىدۇ. جىگەرنى ئاسراشتا، يەنە ھەسەل، قارا شېكەر، پەمىل چاينى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. پەمىل چاي ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ، ھەسەل ۋە قارا شېكەرنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، شۇڭا بۇ چاينىڭ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، بەدەندىكى سوغۇقنى ھەيدەش ئۈنۈمى بار.جىگەر ھارارىتى زىيادە ئارتىپ كەتكەن كىشىلەر بۇ چاينى كۆپرەك ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، جىگەرنى ئاسراشتا، ئەڭ مۇھىمى يېمەك- ئىچمەك ۋە دەم ئېلىش قانۇنىيەتلىك بولۇشى كېرەك. دائىم كېچىچە ئۇخلىمىغاندا، ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ ئاۋۋال زىيانغا ئۇچرايدىغان ئەزا كۆز بولۇپ، بۇ يەنە جىگەرگە بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، جىگەرنى ئىلمىي ئاسراش ئۇسۇلى بولسا كەچ سائەت 11 دىن بۇرۇن كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلاپ بولۇش. بۇنىڭدا جىگەر بەدەندىكى زەھەرلەرنى قەرەللىك ھالدا تازىلاپ، بەدەننىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ

مەنبە: شىنجاڭ 1074 قاتناش سەنئەت رادىيوسى











【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读0
粉丝0
内容662