


بېسىمنى يېنىكلىتىشنىڭ ھەرخىل ئۇسۇللىرى بار ،بۇنىڭ ئىچىدە يېمەكلىكنىڭ بېسىمنى يېنىكلىتىش ئۈنۈمى تولىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ،تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىش ئارقىلىق بېسىمنى يېنىكلىتەلەيسىز:

بىرىنچى خىل يېمەكلىك-ئۆرۈك مېغىزى:
بېسىم پىروتىتولنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،ئەگەر پىروتىتول ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ تۆۋەنلىمىسە، ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ھەتتا يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن. ئۆرۈك مېغىزىنىڭ تەركىبىدە مول ماگنىي بار بولۇپ، بۇ خىل مىنېرال ماددىلار پىروتىتولنىڭ سەۋىيەسى ۋە قان بېسىمنى كونترول قىلىپ، كەيپىياتنى ياخشىلاپ، بېسىمنى يېنىكلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.

ئىككىنچى خىل يېمەكلىك-بۆلجۈرگەن:
بۆلجۈرگەن تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولۇپ، بۆلجۈرگەننى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا پىروتىتولنىڭ ئۆرلىشىنى كونترول قىلىپ، بېسىمنى يېنىكلىتىپ، كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

بېسىمنى يېنىكلىتىدىغان ئۈچىنچى خىل يېمەكلىك- گىلاس شەربىتى:
گىلاس شەربىتى قارا پىگمېنتنى ئازايتقۇچى ھورموننى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى تەركىبلەر بىلەن تەمىنلەپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇپ، بېسىمنى يەڭگىللىتىپلا قالماي، يەنە ئۇيقۇنىمۇ ياخشىلايدۇ.

بېسىمنى يېنىكلىتىدىغان تۆتىنچى خىل يېمەكلىك- پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر:
پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر بىلەن ئۆرۈك مېغىزى تەركىبىدە ئوخشاشلا زور مىقداردا ماگنىي بار بولۇپ، بەدىنىدە ماگنىي مىقدارى يۇقىرى بولغان كىشىلەردە C رېئاكسىيە ئاقسىلى تۆۋەن بولىدۇ. شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، زىيادە يۇقىرى بولغان C رېئاكسىيە ئاقسىلى تېخىمۇ زور بېسىم ۋە خامۇشلۇق خەۋپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
يۈرەك سۆزىڭىزنى ئىنكاس يېزىپ قالدۇرۇپ قۇيۇڭ





dastur

