大数跨境

يۈرەكنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدىغان 10 ئادەت ‏

يۈرەكنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدىغان 10 ئادەت ‏ dastur
2019-04-05
0



  

  يېمەك-ئىچمەكنى ياخشىلاش ۋە چېنىقىشنى كۈچەيتىش ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ‏ئۈنۈملۈك يۈرەك ئاسراش ئۇسۇلى. ئەمما، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ‏بارغانسېرى كۆپ تەتقىقاتلاردا يېمەك-ئىچمەك، ھەرىكەت ‏قىلىشتىن باشقا، يەنە نۇرغۇن كىچىك ئامىللارنىڭ يۈرەك ساغلاملىقىنى ئاسراش رولى بارلىقى كۆرسىتىلگەن.

  ‏‏1. قۇچاقلىشىش. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، سۆيگۈنى بىلەن قۇچاقلىشىش بەدەندە ‏قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىدىغان، بېسىمنى يەڭگىللىتىدىغان بىر خىل ‏ھورمۇن ـــ ئوكسىتوتسىن قويۇپ بېرىدىكەن. ‏

  ‏2. قاقاقلاپ كۈلۈش. قاقاقلاپ كۈلۈش قان، تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىنى ‏غىدىقلاپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا %22كە يېتىدىكەن، قان ئايلىنىشنى كۈچەيتىپ، قان ‏بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. ‏

  ‏3. شاكىلات يېيىش. كاكائو پۇرچىقى تەركىبىدىكى مول ئوكسىدلىنىشقا قارشى ‏ماددا ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، بەدەننىڭ سىرتتىن ‏كەلگەن زەخمىگە قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىكەن. ‏‎

  ‎‏4. ئەرمەك ھايۋان بېقىش. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرمەك ‏ھايۋان باققان كىشىلەرنىڭ قان بېسىمى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، يۈرەك كېسىلىگە ‏گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ ئەرمەك ھايۋان باقمايدىغان كىشىلەرنىڭكىدىن تۆۋەن ‏بولىدىكەن. بۇ بەلكىم ئەرمەك ھايۋان باقىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەرمەك ھايۋان ‏باقمايدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا ئۇزاق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

  ‏5. ھەپتىدە بىر كۈن گۆشسىز تاماق يېيىش. گۆشنى ئاز يېيىش يۈرەك ‏ئاسراشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى، تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مۇۋاپىق ‏مىقداردا گۆشسىز تاماق يېگەندە يۈرەك كېسىلى بولۇش خەۋپىنى %32 تۆۋەنلەتكىلى ‏بولىدىكەن، شۇڭا ھەر ھەپتىدە ئاز بولغاندا بىر كۈن گۆشسىز تاماق يېيىش تەۋسىيە ‏قىلىنىدىكەن. ‏

  ‏6. تۇرۇش. مەيلى خىزمەت قىلايلى ياكى ئارام ئالايلى، بىر كۈندە كۆپىنچە ‏ۋاقىتلاردا ئولتۇرىمىز، بۇ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ‏خەۋپىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، ئىشخانىدا بىر ئاز مېڭىش، ياكى ‏نەچچە سائەتتە بىر مېڭىپ بېرىش يۈرەك ساغلاملىقىنى ياخشىلايدۇ. ‏

  ‏7. مۇۋاپىق ئۇخلاش ۋاقتىنى ساقلاش. ھەر كۈنى كەچتە 7 ~8 سائەت ئۇخلاشقا ‏كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بەك ئاز ئۇخلىغاندا يۈرەك ‏كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %48 ئاشىدىكەن، ھالبۇكى بەك كۆپ ‏ئۇخلىۋەتسىمۇ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %38 ئاشىدىكەن. ‏

  ‏8.كوففېئىن. ھەر كۈنى 1~3 ئىستاكانغىچە قارا قەھۋە ئىچسە، يۈرەك ‏رېتىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىسى بار. ‏

  ‏9.شاۋقۇن-سۈرەنلىك تاشيولدىن يىراق تۇرۇش. تەتقىقاتلاردا ‏كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا، سىز ئۇچراشقان شاۋقۇن ھەر 10 ‏دېتسىبېل يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %12 يۇقىرى ‏كۆتۈرۈلىدىكەن. ‏

  ‏10.ئۆيلىنىش. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ئۆيلىنىپ بولغانلارنىڭ يۈرىكى ‏بويتاقلارنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ساغلام بولىدىكەن. توي قىلىپ بولغان ئاياللارغا نىسبەتەن ‏‏10 يىل داۋاملاشقان مۇقىم تۇرمۇش  يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە ‏گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %13 تۆۋەنلىتىدىكەن. ‏

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.
















dastur

【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读0
粉丝0
内容662