大数跨境

يەر شارى توغرىسىدىكى كىشىلەر بىلمەيدىغان 15 چوڭ مەخپىيەتلىك

يەر شارى توغرىسىدىكى كىشىلەر بىلمەيدىغان 15 چوڭ مەخپىيەتلىك dastur
2019-03-27
2



 

1. ھەر كۈنى تەخمىنەن 100 توننا كېلىدىغان چاڭ-توزان چوڭلۇقىدىكى مىكرو ئاقار جىسىملار يەر شارىنىڭ سىرتقى يۈزىگە كىرىدۇ.

2. يەر شارىدا ھەر كۈنىدىكى چاقماق سوقۇش قېتىم سانى سەككىز مىليون 600 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

3. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، يەر شارى ئوربېتىسىنىڭ سۈرئىتى ئاستىلاۋېتىپتۇ. مەلۇم بولۇشىچە، ھەر 100 يىلدا تەخمىنەن ئىككى مىللىسېكۇنت ئاستىلايدىكەن.

4. نۇرغۇن ئاسمان جىسىملىرى بىئولوگىيە ئالىملىرى يەر شارىنىڭ سۆسۈن رەڭدە بولۇشى مۇمكىنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئۇلار يەر شارىدىكى دەسلەپكى مەزگىلدىكى ھاياتلىق كۆرۈش تور پەردىسىنى ئاساس قىلغان، ھازىرقى يەر شارىدىكى ھاياتلىق بولسا خىلوروفىلنى ئاساس قىلغان، دەپ قارايدۇ.

5. دېڭىز-ئوكيانلار تەخمىنەن يەر شارى يۈزىنىڭ %70نى قاپلىغان بولسىمۇ، لېكىن بىز ھازىر ئىزدىنىۋاتقان دېڭىز رايونى ئاران %5 ئەتراپىدا. بۇ يەنە %95 دېڭىز-ئوكياننىڭ بىزگە تېخى نامەلۇم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

6. ھازىرغا قەدەر، يەر شارى تەخمىنەن 14 مىليون خىل ئوخشاش بولمىغان تۈرلەرنىڭ ماكانى بولغان. لېكىن سىز بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، يەر شارىدىكى %99 تۈرنىڭ ھازىرغا قەدەر نەسلى قۇرۇپ كەتكەن.

7. يەر شارىغا جايلاشقان ئامازون ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنىدا يەر شارىدىكى تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم قۇرۇقلۇق تۈرى بار.

8. يەر شارى قۇياش سىستېمىسىدىكى زىچلىقى ئەڭ يۇقىرى سەييارە.

9. يەر شارى نەپەس ئالىدىغان ئورگانىك جىسىم دەپ قارىلىدۇ، ئۇ تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەپ، تېرىسى ۋە ئېنېرگىيەسىنى يېڭىلايدۇ.

10. مەيلى سىز قەيەردە بولۇڭ ياكى نېمە ئىش قىلىڭ، ھەمىشە يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ 1609 كىلومېتىر ھەر سائەتلىك سۈرئەت بىلەن ئايلىنىۋاتقان بولىسىز. بۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنە سائىتىگە 108 مىڭ كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن قۇياشنى ئايلىنىمىز.

11. ھازىرغا قەدەر، يەر شارىدا تەخمىنەن 100 مىلياردتىن 115 مىليارد ئەتراپىدا ئادەم ياشاپ باقتى.  نۆۋەتتىكى يەر شارىنىڭ نوپۇسى يەتتە مىليارد 300 مىليون ئەتراپىدا، بۇلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمى ھىندىستان ۋە جۇڭگودا ياشايدۇ.

12. يەر شارى قۇياش سىستېمىسىدىكى ھېچقانداق ئىلاھ ياكى ئايال ئىلاھنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالمىغان بىردىنبىر سەييارە، قۇياش سىستېمىسىدىكى يەنە بىر سەييارە رىم ئىلاھىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان.

13. يەر شارىدا خاتىرىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا كالىفورنىيە ئىشتاتى ھالاكەت جىلغىسىدىكى چارۋىچىلىق مەيدانىدا كۆرۈلگەن بولۇپ، 56.7 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەن. جەنۇبىي قۇتۇپ شەرق پونكىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 89.2 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەن.

14. جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان ئاتاكاما قۇملۇقى دۇنيادىكى ئەڭ قۇرغاق جاي بولۇپ، قۇملۇقتىكى بەزى رايونلاردا ھەتتا يامغۇر يېغىپ باقمىغان.

15. بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، يەر شارى ھەقىقەتەن ئىنتايىن چوڭ بىر سەييارە. كۆك كىت ھازىرغىچە بىز كۆرگەن ئەڭ چوڭ ھايۋان، شۇنداقلا يەر شارىدىكى ئەڭ ئېغىر ھايۋان. ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 180 توننىدىن ئاشىدۇ.













【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读1.3k
粉丝0
内容662