
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

مالىيە مىنستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنستىرلىقى يېقىندا جايلاردىكى ئاپەت رايونلىرىنىڭ بۇ يىل قىش كېلەر يىلى ئەتىياز پەسلىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئۇزۇق-تۈلۈك، كېيىم-كېچەك، يوتقان كۆرپە، ئېسىنىش قاتارلىق قېيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىشلىق، ئەتىياز پەسلىدىكى ئاساسى تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ قىشلىق، ئەتىيازلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن ئالتە مىليارد 10مىليون يۈەن ئاجراتتى.
خەلق ئىشلىرى مىنستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلاردىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ۋاقتىدا كۈچلەرنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، ياردەمگە ئېھتىياجلىق نوپۇس ئارخىپىنى تەپسىلى تۇرغۇزۇپ، ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى، ئائىلە ئىقتىسادى قېيىنچىلىق دەرىجىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئۆيلەرنىڭ بۇزۇلۇش، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتى ئازىيىپ كېتىش، مەھسۇلات بەرمەسلىك، ئائىلە ئەزالىرى يارلىنىش، مېيىپ بولۇپ قىلىش، ئائىلە مۈلۈكى زىيانغا ئۇچراش قاتارلىق ئوخشىمىغان ئەھۋاللار بويىچە تۈرگە ئايرىيىدۇ. ئاپەتكە ئۇچرىغان تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىلىرى، بەشتە كاپالەت ئائىلىلەر، قېيىنچىلىقى بار مېيىپ ئائىلىلەر قاتارلىق ئالاھىدە ئامما توپىغا نۇقتىلىق دىققەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىن قۇتقۇزۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. مەركەزنىڭ قىشلىق ئەتىيازلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ۋاقتىدا چۈشۈرۈلۇشى ھەمدە قۇتقۇزۇش ئوبيىكتلىرىنىڭ قولغا يەتكۈزۈلۇشى، بولۇپمۇ، قاتناش قولايسىز، چەت يىراق جايلارنىڭ مەبلەغنىڭ تارقىتىلىشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.




